خەن جېڭ چېڭدۇدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-10-11 16:27

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 10-ئاينىڭ 8- 9- كۈنلىرى سىچۈەن چېڭدۇدا «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ تەرەققىياتى، شەھەر پىلانى قۇرۇلۇشى ۋە كارخانىلارنىڭ پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

خەن جېڭ جۇڭگو سىچۈەن ئەركىن سودا سىناق رايونى چىڭبەيجياڭ تۆمۈر يولى پورت رايونىغا كېلىپ، ««چېڭدۇ ياۋروپا+» يولى ۋە تورىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈردى، بىر جۇڭگو ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ ۋوگزالدىن ئاستا ئاستا ئايرىلغىنىنى كۆردى.ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەركىن سودا سىناق رايونىنى قۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ يادرونى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، غەربىي قىسىمدىكى قۇرۇقلۇق دېڭىز ئۆتكىلى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چېڭدۇ ياۋروپا تۈگۈنىنى يارىتىپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇپ، غەربى رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

خەن جېڭ تيەنفۇ يېڭى رايونى پىلان زالىدا پىلان قۇم خەرىتىسىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، چېڭدۇنىڭ پۈتكۈل رايون بوشلۇق ئەندىزىسى پىلانىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شەھەر پىلانى قۇرۇلۇشىدا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «كۆپ پىلاننى بىرلەشتۈرۈش» نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەسەۋۋۇر قىلىش بوشلۇقى قالدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئۈچۈن يېتەرلىك بوشلۇق قالدۇرۇش كېرەك، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىگە ئاساسەن، زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئىقتىدارنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئەنئەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشتە تېخىمۇ داغدام قەدەم تاشلاش كېرەك.

خەن جېڭ سىچۈەننىڭ چۇەنداجېشېڭ يۇمشاق دېتال ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ، يۇقىرى پەن -تېخنىكا پۇقراۋى كارخانىلىرىنىڭ زور پەن تېخنىكا تۈرىگە قاتنىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:مەۋقەنى پەن-تەتقىقات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوللىنىش ۋە كەسىپلەشتۈرۈشكە قارىتىپ، بازار مېخانىزمى ئارقىلىق بايلىقنى تەقسىملەپ، تېخىمۇ كۆپ پەن -تەتقىقات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كەسىپى مەھسۇلاتلىرى، رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئالىملار ۋە كارخانىچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش،تەتقىقاتنىڭ ماس يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، پەن-تەتقىقات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوللىنىش ۋە كەسىپلەشتۈرۈپ يۆلەشنى كۈچەيتىش كېرەك.

خەن جېڭ جۇڭگو ياۋروپا مەركىزىگە كېلىپ «بىر بەلباغ بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەر ئىستراتېگىيەسى ھەمكارلىق سۇپىسىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: غەربىي رايونلار رايون ئورنى ئالاھىدىلىكىدە تۇرۇپ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ئىقتىسادىي ئېگىزلىكىنى پائال يارىتىش كېرەك. خەن جېڭ گېرمانىيەنىڭ باۋارىيە، پولشا لودىزنىڭ چېڭدۇدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى بىلەن ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىقتىساد مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ئارقىلىق چەتئەللىك دوستلارغا جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسىنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.

خەن جېڭ يەنە چېڭدۇ جىڭدۇڭفاڭ نۇرئېلىكتىر پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى تەكشۈرۈپ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتى، مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ياساش، بازاردا سېتىش ھەمدە تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈردى.