«تور ھۇجۇمى» ۋەقەسى سەۋەبىدىن غەرب ئەللىرى رۇسىيەگە يەنە بىر قېتىم قارشى تۇرۇش دولقۇنى قوزغىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-10-11 16:36

رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا گوللاندىيەنىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە دىپلوماتىك نوتا تاپشۇرۇپ، گوللاندىيەنىڭ رۇسىيە تور ھۇجۇمى قوزغىدى دەپ ئەيىبلىگەنلىكى ھەمدە بۇنى باھانە قىلىپ رۇسىيە پۇقرالىرىنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەنلىكىگە ئېتىراز بىلدۈردى.

يېقىندىن بۇيان، گوللاندىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى رۇسىيەنى تور ھۇجۇمى قوزغىدى، دەپ بەس-بەستە ئەيىبلىدى. بۇ يىل 3-ئايدىن بۇيان رۇسىيەنىڭ سابىق ئالاھىدە خادىمىنىڭ «زەھەرلىنىش» ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ، رۇسىيە دىپلوماتلىرىنى كوللېكتىپ قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىنكى غەرب دۆلەتلىرى قوزغىغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك رۇسىيەگە قارشى دولقۇن بولۇپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت يەنىمۇ يامانلاشتى.

گوللاندىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى مۇخبىرلار يىغىنى ئېچىپ، گوللاندىيە بىخەتەرلىك ئاپپاراتى بۇ يىل 4-ئايدا رۇسىيە ئالاھىدە خادىمىنىڭ خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتىغا تور ھۇجۇمى قوزغاش سۇيىقەستىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك توستى، دېدى. باش ئورگىنى گوللاندىيەنىڭ گائاگادىكى خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتى ئەينى ۋاقىتتا رۇسىيەنىڭ سابىق ئالاھىدە خادىمى سىكرىپارنىڭ ئەنگلىيەدە «زەھەرلىنىش» ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشكە قاتنىشىۋاتقانىدى.

گوللاندىيە بىر قىسىم سۈرەتلەرنى ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ تۆت ئالاھىدە خادىمى بىر ماشىنىغا سىمسىز تورغا تاجاۋۇز قىلىشقا كېرەكلىك ئۈسكۈنىلىرىنى سالغان ھەمدە بۇ ماشىنىنى خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتى تۇرۇشلۇق بىنا ئەتراپىغا توختىتىپ قويغان، دېدى. گوللاندىيەنىڭ قارىشى بويىچە، بۇ رۇسلاردا دىپلوماتىيە پاسپورتى بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن گوللاندىيە تەرىپىدىن چېگرىدىن قوغلىۋېتىلگەن.

رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: گوللاندىيەنىڭ «جاسۇسلۇق خام خىيال كېسىلى» ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتكە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف قوغلىۋېتىلگەن تۆت خادىمنىڭ جاسۇس ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇلار رۇسىيەنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى، ئەينى ۋاقىتتا گوللاندىيەنىڭ گائاگادا نورمال زىيارەتتە بولۇۋاتقان، دېدى.

رۇسىيە يەنە «تور ھۇجۇمى» دېگەن ئەيىبلەشكە رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى: گوللاندىيە رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ قولىدىن ئالغان ئۈسكۈنە بولسا رۇسىيەنىڭ گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئاپپاراتىنىڭ تور بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى كۆزىتىشكە ئىشلىتىلىدۇ.

رۇسىيە يەنە گوللاندىيەنىڭ ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتكەندىن كېيىن، كونا خاماننى سورۇش مۇددىئاسىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: رۇسىيە پۇقرالىرىنى قولغا ئېلىش ۋە قوغلاش مەزگىلىدە، گوللاندىيە ئەيىبلەشنى ئوتتۇرىغا قويمىدى، ئارقىدىن ئېتىراز بىلدۈرۈش، سوراق قىلىش، ئۇقتۇرۇش قىلىش، دېگەندەك ھېچقانداق دىپلوماتىيە تەدبىرىمۇ قوللانمىدى.

رۇسىيە تاراتقۇلىرى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: رۇسىيە بىلەن گوللاندىيەنىڭ مالايشىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ MH17 بەلگىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلان ھادىسى ۋەقەسى سەۋەبلىك مۇناسىۋىتى ياخشى بولماي قالغان، ھازىر يەنە بەزى دۆلەتلەر «تور ھۇجۇمى» ۋەقەسى ئارقىلىق، گوللاندىيەنى ئاسترىتتىن رۇسىيەگە قارشى تۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلماقتا، ئۇنىڭ ئىچىدىكى گۇمان ئەڭ چوڭ بولغىنى ئالاھىدە خادىملارنىڭ «زەھەرلىنىش» ۋەقەسى سەۋەبلىك رۇسىيە بىلەن مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىپ قالغان ئەنگلىيە.

ئەنگلىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى خونت 10-ئاينىڭ 4-كۈنى مۇنداق دېدى: ئەنگلىيە دۆلەتلىك تور بىخەتەرلىك مەركىزى رۇسىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب بۆلۈمىنىڭ ئاخبارات باش ئىدارىسىنى «پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول»، دەپ بېكىتتى.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 10-ئاينىڭ 4-كۈنىمۇ دۇنيا روھلاندۇرۇش دورىسىغا قارشى تۇرۇش تەشكىلاتى قاتارلىق ئاپپاراتلارغا تور ھۇجۇمى قوزغاشقا چېتىشلىق دەپ گۇمان قىلغان رۇسىيەنىڭ يەتتە ئوفىتسېرىنى ئەرز قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يېقىندا يەنە رۇسىيە ئېلىپ بارغان تور ھۇجۇمى مانېۋىرىنىڭ نىشانى-رۇسىيە غەرب ئەللىرىگە ھۇجۇم قىلغاندا تور ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، موسكۋانىڭ توكىنى ئۈزۈۋېتىش، دېدى.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئالاھىدە خادىمنىڭ «زەھەرلىنىش ۋەقەسى»نىڭ ئەنگلىيە-رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە ئېلىپ كەلگەن بوران-چاپقۇنى تېخى پەسەيمىدى ھەمدە «تور ھۇجۇمى» ۋەقەسىنىڭ سادىر بولۇشى ئىككى تەرەپنىڭ زىددىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ.
رۇسىيەنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: رۇسىيەگە قارشى تۇرۇش بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى زىددىيەتنى بۇراشتىكى ۋاسىتىسى، ئالايلۇق، «ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش»- قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى-تاشقى ئاۋارىچىلىكى ئۈزۈلمىدى، بۇ ۋاقىتتا تىغ ئۇچىنى رۇسىيەگە قارىتىپ، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپادىكى مەۋجۇتلۇقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ئەنگلىيەنىڭ مەملىكەت ئىچى جامائەت پىكىرىنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى بولۇشىنى خىرەلەشتۈردى. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تور ھۇجۇمى قوزغاشقا چېتىشلىق رۇسىيەنىڭ ئوفىتسېرلىرىنى ئەيىبلىشىنى ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ھۆكۈمىتى دۇچ كەلگەن ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام بېسىمى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دېيىشكىمۇ بولمايدۇ.

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جونكىر ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيەگە ئىسيان كۆتۈرۈشىگە قارىتا يېقىندا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنى رۇسىيە بىلەن سۆزلىشىشنى ساقلاشقا مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ: رۇسىيە بىلەن ھەمكارلاشقاندىلا، ئاندىن ياۋروپادا بىخەتەرلىك رامكىسى ئورناتقىلى بولۇشى مۇمكىن، دېدى.

رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ شۇنداقلا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مەيدانى پۈتۈنلەي بىردەك ئەمەس. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئامېرىكا ياۋروپا ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان ئىتتىپاقداشلىقىنىڭ ئارازلىقى چوڭقۇرلاشتى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا رۇسىيە بىلەن ئەمەلىي ھەمكارلىشىش سادالىرى بارغانسېرى كۈچەيدى. گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون رۇسىيە بىلەن پايدا ھەمكارلىق نۇقتىسى ئىزدەشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى، گېرمانىيە ھەتتا ئامېرىكىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، رۇسىيە بىلەن ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى تۈرىدە چىڭ تۇردى. ئەمما بۇ قېتىمقى «تور ھۇجۇمى» ۋەقەسى شۆبىھسىزكى، رۇسىيە-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى يەنە بىر قېتىم سىناققا دۇچار قىلىدۇ.