شاڭخەي دۇنيانىڭ «مېھمانخانا ئۆيى»گە، ھەرقايسى دۆلەت سودىگەرلىرى سودا قىلىشىدىغان دۇنياۋى سەھنىگە ئايلاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-11-07 17:58

11-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا باش مەقسەتلىك نۇتۇق سۆزلىگەندە شاڭخەيگە باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: بىر شەھەرنىڭ ئۆزىگە خاس خىسلىتى بولىدۇ. شاڭخەي چاڭجياڭ دەرياسى بويىغا جايلاشقان، تىنچ ئوكيانغا يۈزلەنگەن، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش ئىشلىرىغا ئۇزاق مۇددەت باشلامچىلىق قىلغان. شاڭخەينىڭ مۇشۇنداق ياخشى تەرەققىي قىلىشى ئۇنىڭ ئېچىۋېتىش خىسلىتى، ئېچىۋېتىش ئەۋزەللىكى، ئېچىۋېتىشتىكى رولى بىلەن زىچ باغلانغان. مەن ئىلگىرى شاڭخەيدە خىزمەت قىلغان، ئېچىۋېتىشنىڭ شاڭخەيگە، شاڭخەيدىكى ئېچىۋېتىشنىڭ جۇڭگوغا بولغان مۇھىملىقىنى ناھايىتى ئوبدان بىلىمەن. ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش، كەڭ قورساقلىق شاڭخەينىڭ ئەڭ روشەن خىسلىتى بولۇپ قالدى. بۇنداق خىسلەت يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ جانلىق كارتىنىسى.

ئېچىۋېتىلگەن، يېڭىلىق يارىتىشچان، كەڭ قورساق شاڭخەي «ئىمپورت كۆرگەزمىسى ۋاقتى»غا قەدەم قويدى، 3600 دىن كۆپرەك كارخانا، 400 مىڭدىن ئارتۇق چەتئەل مال سېتىۋېلىش كارخانىسى شاڭخەيگە جەم بولۇپ، بۇ شەھەرنى تەدرىجىي ھالدا دۇنيانىڭ «مېھمانخانا ئۆيى»گە، ھەرقايسى دۆلەت سودىگەرلىرى سودا قىلىشىدىغان دۇنياۋى سەھنىگە ئايلاندۇردى.

شاڭخەي جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش ئىشلىرىغا ئۇزاق مۇددەت باشلامچىلىق قىلغان، خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈش جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇشتىكى زور تەدبىرى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ بازارنى دۇنياغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېچىۋېتىشىدىكى زور تەدبىرى.

تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن رەسمىي باشلاندى. ئېلان قىلىنغان كۆرگەزمىگە قاتناشقۇچى ۋە مال سېتىۋالغۇچىلار سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، ناھايىتى قىزىپ كەتكەن. كۆرگەزمە يىغىنىغا 172 دۆلەت، رايون ۋە خەلقئارا تەشكىلات، كۆرگەزمىگە 3600 كارخانا قاتناشقان، كۆرگەزمە ئومۇمىي كۆلىمى 300 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يەتكەن، 400 مىڭدىن ئارتۇق چەتئەللىك مال سېتىۋېلىش كارخانىسى مال سېتىۋېلىشنى كېڭەشكەن. كۆرگەزمىگە قاتناشقان چەتئەل كارخانىلىرى ئىچىدە دۇنيا بويىچە 500 كۈچلۈك كارخانىدىن 200 نەچچىسى بار. ئامېرىكىنىڭ ھەممىباب ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، كولكوم، ئەنگلىيەنىڭ جاگۇئار لەند روۋېر، ئاسترا زېنېكا، ياپونىيەنىڭ فۇجى، ئومرون، گېرمانىيەنىڭ كۇكا ماشىنا ئادىمى، كورېيەنىڭ سامسۇڭ ئېلېكتىرونى قاتارلىق دۆلەت ھالقىغان بىر تۈركۈم شىركەتلەر قاتناشقان.

ئىنفىنېئون پەن-تېخنىكا پاي شىركىتىنىڭ باش ماركىتىڭ ئەمەلدارى خېلمۇت گېسسو مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادى بىر دېڭىز، بىز بۇ يەردە بارلىق خەلقئارا شىركەتلەر كىرەلەيدىغان جايلارغا كىرەلەيمىز، جۇڭگو بىزدەك مىكرو ئېلېكتىرون ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ شىركىتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بازار.

كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان تاۋارلار جەھەتتە، ئەقلىي ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار، ئاپتوموبىل، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، ئالىي داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، دورا قاتارلىق ئون مىڭدىن ئارتۇق تاۋار يەتتە چوڭ تۈرگە ئايرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە بەش مىڭدىن ئارتۇق تاۋارنىڭ جۇڭگوغا تۇنجى قېتىم كىرىشى. ئۇچىدىغان ئاپتوموبىل، ئەڭ كىچىك يۈرەك قوزغاتقۇچىسى، 200 مىليون يۈەنلىك تىك ئۇچار قاتارلىقلار ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە كىشىلەرنىڭ كۆزىنى چاقناتتى.

دۆلەت ئىچى كارخانىلىرى جەھەتتە، 98 مەركەز كارخانىسى مال سېتىۋېلىشنى كېڭەشتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش كومىتېتى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ خىسلىتىنى تېخىمۇ ياخشى نامايەن قىلىش، ھەمكارلىق سەھنىسى ئورنىتىش ئۈچۈن ئىمپورت كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە «مەركەز كارخانىلىرى خەلقئارا ھەمكارلىق مۇنبىرى» ئۆتكۈزىدۇ.

يەرلىك سودا ئۆمەكلىرى جەھەتتە، بېيجىڭ شەھىرىدىن 4741 كارخانا ۋە ئاپپارات، 14 مىڭ 354 كىشىدىن تەشكىللەنگەن سودا ئۆمىكى ئالىي جابدۇق ياسىمىچىلىقى، مۇلازىمەت سودىسى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردە بېيجىڭنىڭ كەسپىي تەرەققىياتىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان مەھسۇلات، تېخنىكا، مۇلازىمەت سېتىۋېلىشنى پىلانلىدى. 11-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ سودا ئۆمىكى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە تېببىي دورا ساغلاملىق كۆرگەزمە رايونىدا ئىمزا قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، 200 مىليون يۈەنلىك توختام ئىمزالىدى. شاڭخەي سودا ئۆمىكىدە تىزىملىتىپ رويخەتكە ئالدۇرغان مال سېتىۋېلىش كارخانىسى 15 مىڭغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە كەلگۈسى بەش يىلدا مال سېتىۋېلىش مۇددىئاسى بار كارخانا ئون مىڭدىن ئاشىدۇ، سېتىۋېلىش مۇددىئاسىنىڭ سوممىسى بىر مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان كارخانا نەچچە يۈزگە يېتىدۇ.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ كۆرگەزمە رايونىدا پىدائىيلارنى قەدەمدە بىر ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە خىزمەت قىلىشقا بەش مىڭدىن ئارتۇق پىدائىي ئاتلاندى، ئۇلارنىڭ %96ى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، كۆرگەزمىگە قاتناشقۇچىلارغا ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلدى.

ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ دۇنياۋى دەرىجىلىك مۇلازىمەت كاپالىتىنى ھېس قىلغان كارخانىچىلار بەس-بەستە ماختاشقا باشلىدى. دۇنيا بويىچە 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ بىرى بولغان ئامېرىكىدىكى بىر داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى شىركىتىنىڭ ۋەكىلى: بىز كۆرگەزمىنى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق جايلاشتۇرۇۋالدۇق، مۇكەممەل ئارقا سەپ كاپالىتى بىزنى غەمدىن پۈتۈنلەي خالاس قىلدى، دېدى.