شى جىنپىڭ 5-نۆۋەتلىك دۇنيا ئىنتېرنېت يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-11-07 19:12

5-نۆۋەتلىك دۇنيا ئىنتېرنېت يىغىنى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇجېندا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى دۇنيا تېخىمۇ چوڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئىنقىلابىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. ئىنتېرنېت، بۈيۈك مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەشكە ئېرىشمەكتە، سىپىرلىق ئىقتىساد جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا، ھەرقايسى دۆلەتلەر مەنپەئەتى تېخىمۇ زىچ باغلانماقتا. دۇنيا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇش بىزنىڭ سىپىرلىق ئىقتىساد تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىمىزگە، يەرشارى ئىنتېرنېتنى تەرتىپكە سېلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىزغا موھتاج.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالى، ئىنتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ باسقۇچى، دۇچكەلگەن رېئال خىرىسلار ئوخشاش بولمىسىمۇ، سىپىرلىق ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئارزۇسى ئوخشاش، تور بىخەتەرلىكى خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش مەنپەئەتى ئوخشاش، تور بوشلۇقىنى تەرتىپكە سېلىش ئېھتىياجى ئوخشاش. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەڭ ئىلگىرىلەشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى نىشان قىلىپ، بىر-بىرىگە ئىشىنىدىغان، بىرلىكتە تۈزەيدىغان يولدا مېڭىپ، تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى تېخىمۇ زور ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىشى لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا ئىنتېرنېت يىغىنىدا «بىر-بىرىگە ئىشىنىدىغان، بىرلىكتە تۈزەيدىغان سىپىرلىق دۇنيا بەرپا قىلايلى - تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى» باش تېما قىلىندى. كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى كۈچەيتىپ، يەرشارىنى سىپىرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى بىرلىكتە ئالغا سىلجىتىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل سىپىرلىق دۇنيا بەرپا قىلىپ، ئىنتېرنېتنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن دۇنيا خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇاڭ كۈنمىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى ھەمدە باش مەقسەتلىك نۇتۇق سۆزلىدى.

خۇاڭ كۈنمىڭ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىيە ۋە تەشەببۇستا ئىنتېرنېتنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە بولغان چوڭقۇر تەھلىل، ئۇچۇر دەۋرىدىكى ئىنسانىيەت ئورتاق بەخت-سائادىتىگە يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈش، جۇڭگو بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سىپىرلىق دۇنيانى بىرلىكتە قۇرۇش سەمىمىي ئارزۇسى تولۇق نامايەن قىلىنىپ، يەرشارى ئىنتېرنېت تەرەققىياتى ۋە تەرتىپكە سېلىشقا جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى بېغىشلاندى.

بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا «بىر-بىرىگە ئىشىنىدىغان، بىرلىكتە تۈزەيدىغان سىپىرلىق دۇنيا بەرپا قىلايلى - تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى» باش تېما قىلىندى، 76 دۆلەت ۋە رايوندىن تەخمىنەن 1500 گە يېقىن مېھمان قاتناشتى.