ياۋروپا ئىتتىپاقى ياۋرونىڭ ئورنىنى كۆتۈرۈپ، ئامېرىكا دوللىرىغا رىقابەت ئېلان قىلماقچى بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-12-06 15:54

ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئېنېرگىيە، كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار، ئايروپىلان ياسىمىچىلىقى قاتارلىق «ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلەر»دە ياۋرو ئىشلىتىشنى كۆپەيتىش ھەققىدە پىلان تۈزۈپ، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئورنىغا رىقابەت ئېلان قىلماقچى بوپتۇ.

«پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 12-ئاينىڭ 3-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى تۈنۈگۈن بۇ پىلان لايىھەسىنى ئېلان قىلغان، بۇ ياۋرونىڭ ئورنىنى كۆتۈرۈپ، ياۋرونى خەلقئارا سەھنىدە تېخىمۇ كۈچلۈك رول ئويناش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

پىلاندا ئېنېرگىيە توختىمىدا ياۋرو بىلەن راسچوت قىلىشقا تېخىمۇ كۆپ سىياسىي بېسىم ئىشلىتىش مۇراجىئەت قىلىنغان. ئۇنىڭدا پۇل مۇئامىلە سودىسىدا ياۋرو بىلەن راسچوت قىلىشنى قوللاش ۋە يېتەكلەش ئارقىلىق، ياۋرو بىلەن چىقىم قىلىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە ئىلھام بېرىلگەن. «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولىشىچە، ھازىر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ %80 تىن ئارتۇق ئېنېرگىيە ئىمپورتى ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ھېسابلىنىپ، ئامېرىكا دوللىرى بىلەن چىقىم قىلىىندىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئامېرىكا دوللىرىنى «ھاسىلىي مەشغۇلات قىلىنىدىغان يېتەكچى پۇل» دېگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى كۆچمە كۆلچەك تەسىس قىلىپ، ياۋرو بىلەن راسچوت قىلىنىدىغان ئاكسىيەنى سىغدۇرۇشقا تۈرتكە بولماقچى بولىۋېتىپتۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پىلانى ياۋرونى خەلقئارادا چىقىم قىلىنىدىغان پۇل قىلىشنى خالايدىغان ئافرىقا دۆلەتلىرىنى تېخنىكا جەھەتتىن قوللاشنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.

خەۋەر قىلىنىشىچە، يۇقارقى تەكلىپ ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا بېريۇسېلدا ئاچىدىغان يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ پىلان لايىھەسىدە ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمدىن چېكىنىش ئىشى تىلغا ئېلىنغان. ئامېرىكا 5-ئايدا بۇ كېلىشىمدىن چېكىنگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەنگىلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق باشقا بەش دۆلەت بۇ كېلىشىمنى داۋاملىق قوللىغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پىلان لايىھەسىدە: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دوللىرىنى قورال قىلىپ، ئىران بىلەن سودا قىلىدىغان ياۋروپا كارخانىلىرىغا جازا يۈرگۈزۈپ، ياۋروپا ئىقتىسادى ۋە پۇلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىشكە ئۇرۇندى، دېيىلدى.

ئامېرىكا 11-ئاينىڭ 5-كۈنى ئىراننى ئېنېرگىيە، ئاۋىياتسىيە ترانسىپورتى قاتارلىق ساھەلەردە جازالاشنى قايىتىدىن باشلىدى، باشقا دۆلەتلەردىن ئىراندىن خام نېفىت سېتىۋېلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىپ، بولمىسا تەڭ جازالىنىسىلەر دەپ تەھدىت سالدى.