فىرانسىيە يېقىلغۇ مېيى بېجىنى ئۆستۈرۈشنى ۋاقتىنچە توختاتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-12-06 16:14

فىرانسىيە ھۆكۈمىتى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى خەلق ئاممىسىنىڭ يېقىلغۇ مېيى بېجىنى ئۆستۈرۈشكە قارشى تۇرۇش تەلىپىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، مۇددىتى ئالتە ئاي بولغان يېقىلغۇ مېيى بېجىنى ئۆستۈرۈشنى توختۇتۇشنى قارار قىلدى. فىرانسىيە زۇڭلىسى فىلىپ 12-ئاينىڭ 4-كۈنى فىرانسىيەنىڭ پارلامنت ئەزالىرى ۋە ئاساسلىق پارتىيە-گوروھلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كېڭىشىپ، ئاخىرىدا تېلېۋىروزنىڭ بىۋاستە كۆرسىتىشىدە يېقىلغۇ مېيى بېجىنى ئۆستۈرۈشنى ۋاقىتنچە توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى. فىلىپ: فىرانسىيە ئاممىسى «باجنى تۆۋەنلىتىشنى، خىزمىتىگە تايىنىپ پۇل تېپىشنى ئۈمىد قىلىدۇ»، بۇمۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئۈمىدى، دېدى.

يېقىلغۇ مېيى بېجىدىن باشقا، بىرلىككە كەلگەن دىزىل مېيى بېجى ۋە بېنزىن بېجى ئېلىش قاتارلىق تەدبىرلەرمۇ ئوخشاشلا ئالتە ئاي كېچىكتۈرۈلدى. ئۇنىڭدىن باشقا فىلىپ: ھۆكۈمەت بۇ يىل قىشتا توك باھاسىنى ئۆستۈرمەيدۇ، دەپ ۋەدە بەردى. فىلىپ فىرانسىيەنىڭ كۆپ جايلىرى بولۇپمۇ پارىژدا يېقىنقى مەزگىلدە يۈز بەرگەن نامايىش توغرىسىدا توختۇتۇلۇپ، زوراۋانلىق ھەرىكەتنى چوقۇم توختۇتۇپ، نامايىشنى تىنچ ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

فىرانسىيە ھۆكۈمىتى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش باھانىسى بىلەن بۇ يىل يېقىلغۇ مېيى بېجىنى ئۆستۈردى، 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى يەنە ئۆستۈرمەكچى بولدى. ھۆكۈمەتنىڭ باج قوشۇشىغا قارىتا فىرانسىيەنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدىكى خەلق ئاممىسى 11-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن بۇيان نامايىش قىلدى، بىر قىسىم چەكتىن ئاشقان سولچىلار، چەكتىن ئاشقان ئوڭچىلار ھەتتا زوراۋانلىق شايكىلىرى بۇنىڭغا قاتنىشىپ، بىر قىسىم شەھەرلەردە مالىمانچىلىق كۆرۈلدى. پارىژدا بىر قىسىم كىشىلەر ئاپتوموبىل كۆيدۇرۇپ، ماگزىنلارنى بۇلىدى، سىمۇۇللىق ئىمارەت زەپەر دەرۋازىسىدا ھەيكەللەر بۇزۇلدى ھەمدە قالايمىقان رەسىملەر سىزىلدى. پارىژ ساقچى دائىرلىرى 130دىن ئارتۇق ئادەم 12-ئاينىڭ 1-، 2-كۈنى يارلاندى، ساقچىلار 412 ئادەمنى قولغا ئالدى، دېدى.

نامايىش پائالىيىتىنىڭ باياناتچىسى كوش ئىنكاس قايتۇرۇپ: ھۆكۈمەت يېقىلغۇ بېجىنى تەلتۆكۈس ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەك، فىرانسىيەلىكلەر بولكا ئۇۋۇىقىغا ئەمەس، بەلكى فىرانسىيەنىڭ ئۇزۇن بولكىسىغا ئېتىياجلىق دېدى. فىرانسىيەدىكى ئىككى چوڭ مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى «فىرانسىيە باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى» بىلەن «ئىشچىلار كۈچى باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى» 12-ئاينىڭ 9-كۈنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك نامايىش قوزغاشنى مۇراجىئەت قىلدى.

نۇرغۇن تاراتقۇلار: ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، نامايىش باشلانغاندا بىر قەدەر تىنچ بولۇپ، يېقىلغۇ بېجىنى ئۆستۈرۈشكە قارشى تۇرۇش باش تېما قىلىنغان، بارغانسېرى ئوخشىمىغان ياشتىكىلەر، ئوخشىمىغان ئارقا كۆرۈنۈشتىكى كىشىلەرنىڭ قېتىلىشى بىلەن نامايىش نۇرغۇن جايدا قالايمىقانچىلىققا ئايلاندى، دەپ خەۋەر بەردى. رىتىير ئاگېنتىلىقىنىڭ خەۋىرىدە: نامايىشقا قارماققا شەخس ياكى تەشكىلات يېتەكچىلىك قىلغاندەك ئەمەس، نامايىشچىلارنىڭ بەزى ۋاقىتتا ئېنىق تەلىپى يوق، دېيىلدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگنتىلىقى ئوڭ قانات جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پارلامنت ئەزاسى ئابادنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «زۇڭلى ئەپەندىم، ئەگەر سىز يېقىلغۇ بېجىنى ئۆستۈرۈشنى كېچىكتۈرۈشكىلا جاۋاب قايتۇرسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ۋەزىيەتنىڭ جىددىيىلىكىنى چۈشەنمىگەن بولىسىز، بىزنىڭ كۈتىدىغىنىمىز كېچىكتۈرۈش ئەمەس بەلكى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتىش»، دەپ خەۋەر بەردى.

نۇرغۇن تاراتقۇلار فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكروننىڭ نامايىش پارتىلغاندىن بۇيان ئاممىۋى سوروندا ئانچە كۆرۈنمىگەنلىكى، يېقىلغۇ مېيى بېجىنى ئۆستۈرۈشنى سەل توختۇتۇش قارارىنى زۇڭلى فىلىپنىڭ جاكارلىغانلىقىغا دىققەت قىلدى. ماكرون بۇنىڭدىن ئاۋال ئارگېنتىنادا 20 دۆلەت گوروھى رەھبەرلىرىنىڭ 13-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىپ، 12-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پارىژغا قايتىپ كەلگەن، ئارقىدىن سېربىيەدە زىيارەتتە بولۇشنى كېچىكتۈرگەن. ئۇ ئارگېنتىنا ئايدۇرۇمىدا مۇخبىرلارغا «زوراۋانلىقنى قوبۇل قىلالمايمىز»، دەپ، يېقىلغۇ بېجى سىياسىتى ھەققىدە چۈشەنچە بەرمىدى.

نۇرغۇن تاراتقۇلار: يېقىلغۇ بېجىنى كۆپەيتىشنى سەل توختۇتۇش ماكرون زۇڭتۇڭ بولغان 18ئايدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق زور سىياسەت تەڭشىششى، دەپ ھېسابلىدى، پارلامنت ئەزاسى ئابادلا: تەڭشەش بەك كىچىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك كېچىكپ كەتتى، دېدى. رىيتىر ئاگېنتىلىقىنىڭ خەۋىرىدە: ئەلرايىنىڭ ماكروننى قوللاش نىسبىتى زور كۆلەمدە تۆۋەنلىدى، دېيىلدى. كېلەر يىلى 5-ئايدىكى ياۋروپا پارلامنت سايلىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، فىرانسىيەدىكى چەكتىن ئاشقان ئوڭ قانات پارتىيەسى «خەلق فرونتى» ۋە چەكتىن ئاشقان سول قانات پارتىيەسى « تىز پۇكمەس فىرانسىيە» قاتارلىق ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ ئەلرايىنى قوللاش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.