ئىسلاھات، ئىچىۋېتىش ئىشلىرى يولغا قويۇلغان 40 يىلدا،«خەلقنى مەركەز قىلىش» ئىدىيەسى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ دەۋر ئىمتىھان قەغىزىدە چاقنىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-12-06 17:16

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «بىز خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئۈمىدى ئالدىدا، ئىسلاھات، ئىچىۋېتىش ئىشەنچىمىزنى چېڭىتىپ، تېخىمۇ زور سىياسى جاسارەت ۋە ئەقىل-پاراسەت، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر ۋە چارە بىلەن ئىسلاھات، ئىچىۋېتىش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازات بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىجادى ھاياتى كۈچىنى ئازاد قىلىشىمىز ۋە كۈچەيتىشىمىز كېرەك» دېگەن بۇ سۆزى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ باشتىن-ئاخىر ئېغىشمايدىغان ئىنتىلىشىدىن بىشارەت بەرمەكتە.

ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد كۈچ ئۇلاپ ئىلگىرىلەش مىليونلىغان خەلقنىڭ ئىجادىكارلىقىنى ئۇرغۇتتى، سانسىزلىغان بازار ھۇجەيلىرىنى جانلاندۇردى، نۇرغۇن «بىرىنجى»لەر بارلىققا كەلدى، بۇلار كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتكە بولغان تونۇشىنى يېڭىلىدى، مىليونلىغان ئەمگەكچىلەر قوشۇنى شېنجىنغا كېلىپ، جۇڭگودىكى تۇنجى ئىقتىساسلىقلار بازىرىنى بارلىققا كەلتۈردى، زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ باھاسىنى قويۇۋېتىش تۇرمۇش ۋاستىلىرى بازىرىنى جانلاندۇردى. كىشىلەر «سۈپەتلىك تۇرمۇشقا» ئىنتىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولدى، كۆپ خىللاشقان ئىستېمال بويۇملىرى «ئادەتتىكى پۇقرالار»نىڭ ئۆيىگە كىردى، يېڭى جۇڭگودا تۇنجى پايچېكى تارقىتىلىپ، ئېلىمىزنىڭ پاي تۈزۈمىدىكى كارخانا ۋە كاپتال بازىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى ئېچىلدى، قويۇۋېتىش ئارقىلىق، ئەمگەك، بىلىم، تېخنىكا، باشقۇرۇش ۋە كاپتالنىڭ ھاياتى كۈچى ئۇرغىتىلدى، جەمئىيەت بايلىقىنى يارىتىشنىڭ بارلىق مەنبىي تولۇق ئۇرغىتىلىپ، خەلقنىڭ ئېرىشش تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

بۇ بىر مەيدان ئىسلاھات، ئىچىۋېتىش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ «ھاياتى كۈچى مەنبىي» جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىدىيەسى، قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى. ھاياتى كۈچتىن مۇجەسسەملەنگەن ئولۇغ دەۋىر كۈچى ئاڭلىق يېڭىلىق يارىتىشقا پۇتمەس- تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئادا قىلدى. 900مىليوندىن كۆپ ئەمگەك كۈچى، ئالى مائارىپتا تەربىيەلەنگەن ياكى كەسىپى ماھارەتكە ئىگە 170مىليوندىن كۆپرەك كىشى، ھەر يىلى ئالى، ئوتتۇرا تىخنىكومنى پۇتتۇرگەن13مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئىنكۇباتۇردىن ئىجادىيەت بوشلۇقىغىچە، مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىدىن پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى تېز سۈرئەتتە ئۆزلەشتۈرۈشكۈچە، «ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش» يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش چاقرىقىنى ياڭراتتى. يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلىرىنىڭ ئېشىشى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىشىنىڭ بىر پوئىنتتىن يۇقىرى بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.

«داۋالاش ئىسلاھاتى»دىكى «دورا ئىقتىسادى»غا دىققەت قىلىش، ۋاكسىنا باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدىن، «مائارىپ ئىسلاھاتى» دا «ئوزۇقلۇق تامىقى پىلانى»نى يولغا قويۇش، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى تەرتىپكە سېلىشقىچە، يەنە «نوپوس ئىسلاھاتى» ئارقىلىق، ئىجارىلىك ئۆيلەردە دائىمىي تۈرۈشلۇق نوپۇسنى شەھەر ئاممىۋى نوپۇسىغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشقىچە، بۇ 40 يىلدىن بۇيان، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش مىليونلىغان خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش قۇۋۇىتىنى قوزغىتىشقا ياردەم بەردى.

ئىسلاھات، ئىچىۋېتىش ئىشلىرى يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كومپارتىيەسى بىر يۈرۈش يېڭى سىناقلار ئالدىدا خەلققە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا ياخشى جاۋابنى بەردى. چەتئەل تاراتقۇلىرى: جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام راۋاجلىنىشىدا مۆجىزە يارىتىپلا قالماستىن يەنە جەمئىيەت ئومۇملۇقىنى داۋاملىق مۇقىملاشتۇرۇشتا مۇجىزە ياراتتى، جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ بىخەتەر دۆلەتلەرنىڭ بىرى، دەپ ھېسابلىدى.