يېڭى يىلدا سېرىق مايكىلىقلار نامايىشى قايتا باش كۆتۈردى، ماكرون يۇمشاق ۋە قاتتىق ۋاسىتىلەرنى تەڭ قوللاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-01-09 16:30

2019 -يىلى تۇنجى ھەپتە ئاخىرىدا سېرىق مايكىلىقلار نامايىش پائالىيىتى فىرانسىيەنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ، تەخمىنەن 50 مىڭ ئادەم كوچىلارغا چىقىپ نارازىلىق بىلدۈردى. فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بۇ مەزگىلدە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى .

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: سېرىق مايكىلىقلار يېڭى يىلدا نامايىش كۆلىمىنى بىر ئاز كۆپەيتىپ، تىغ ئۇچىنى ماكرون ۋە ھۆكۈمەت يولغا قويغان ئىسلاھات لايىھەسىگە قاراتتى، بۇ 2019-يىلى ئىسلاھات چۆرىدەلگەن تېركىشىشنىڭ نورمال ئەھۋال بولۇش مۇمكىنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزىلىدىغان سېرىق مايكىلىقلار نامايىشى مۇشۇ ئاينىڭ 5-كۈنى فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژ ۋە باشقا رۇئېن، مارسېل، لېئون قاتارلىق جايلاردا يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان بىرىنچى قېتىم باشلاندى .

فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، شۇ كۈنى مەملىكەت بويىچە تەخمىنەن 50 مىڭ ئادەم نامايىشقا قاتناشقان؛ ئادەم سانى ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن بىر ئاز كۆپەيگەن بولسىمۇ، لېكىن بىرىنچى قېتىملىق نامايىشقا قاتناشقان 280 مىڭ ئادەمگە سېلىشتۇرغاندا خېلىلا ئاز ئىكەن؛ بۇنىڭ ئىچىدە پارىژدىكى نامايىشقا تەخمىنەن 3500 ئادەم قاتناشقان.

مۇشۇ ئاينىڭ -5كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئىلگىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش تىرىشچانلىقىنى ئاجىزلاشتۇرمايمىز دېگەن فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى بېنيامىن گىرىئو نامايىشچىلارنىڭ زەربىسىدە نائىلاج قىسمەن ياردەمچىلىرىنى ئېلىپ ئىشخانىسىدىن چېكىندى.
پارىژ ساقچى تەرەپنىڭ بىر خەۋەردار ئەربابىنىڭ ئېيتىشىچە: ساقچى تەرەپ شۇ كۈنى 34 نامايىشچىنى قولغا ئالغان.

شۇ كۈنى كەچتە ماكرون تېۋىتتىردا سېرىق مايكىلىقلارنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك نامايىشى فىرانسىيە ھۆكۈمىتىگە قارىتىلغان زوراۋانلىق ھەرىكەت دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:بۇ ئۇچىغا چىققان زوراۋانلىق قىلمىش فىرانسىيە مۇھاپىزەتچىلىرى ۋەكىللىرى، سىمۋولىغا ھۇجۇم قىلدى؛ زوراۋانلىق قىلغانلار پۇقرالار توختام روھىنىڭ يادروسىنى ئۇنتۇپ قالدى.

ئۇ ھەممە كىشىنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ مۇزاكىرە قىلىشى ۋە سۆزلىشىشىنى مۇراجىئەت قىلدى .

يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئېتىراز بىلدۈرۈشنىڭ كۆلىمى ۋە دەرىجىسىدىن قارىغاندا، ماكرون ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى 12-ئايدىكى بىر قاتار يول قويۇش تەدبىرلىرىدىن مۇئەييەن ئۈنۈم ھاسىل بولدى.

بىراق، فىرانسىيەدە ئۇزاقتىن بۇيان ئىقتىساد كاساتلاشتى، ئىشسىزلىق نىسبىتى يۇقىرىلىدى، ئەنئەنىۋى يۇقىرى پاراۋانلىق تۈزۈمىنى قوغداش قىيىن بولۇش ۋەزىيىتىنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ؛ ماكرون تەختكە چىققاندىن كېيىن، تېز سۈرەتتە يولغا قويغان يۇقىرى كىرىملىكلەر قاتلىمىنىڭ بېجىنى كېمەيتىش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىقنى ئازايتىش قاتارلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرىدىن پەيدا بولغان ئوتتۇرا، تۆۋەن قاتلامدىكى ئاممىنىڭ نارازىلىق كەيپىياتى دەرھال پەسەيمەيدۇ. شۇڭا سېرىق مايكىلىقلارنىڭ يېقىلغۇ ماي بېجىنى ئۆرلىتىشكە قارشى تۇرۇشتىكى دەسلەپكى مەقسىتى ئىشقا ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۈزۈل _ كېسىل تىنجىشى يەنىلا قېيىن.

سېرىق مايكىلىقلار تىغ ئۇچىنى يېقىلغۇ ماي بېجىغا ئېتىراز بىلدۈرۈشتىن ماكرون ھۆكۈمىتى يولىغا قويغان ئىسلاھات لايىھەسى ھەتتا ماكرونغا قارىتىپ، ئۇنىڭدىن خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشنى تەلەپ قىلدى؛ بۇ ئىسلاھاتنى قوللىغۇچىلار بىلەن قارشى تۇرغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنىڭ دائىملىق ياكى تېخىمۇ كەسكىن بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ماكرون قاتارلىقلارنىڭ يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئىپادىسىدىن قارىغاندا، ماكرون ئىسلاھات پىلانىنى يەنە داۋاملىق يولغا قويىدۇ. ماكرون ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن نامايىشنى تىنچىتىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىسلاھات ئۈچۈن مۆتىدىل ئىدراكى ئارقا كۆرۈنۈشنى قولغا كەلتۈرىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن نامايىشچىلارنى يەنىمۇ پەرقلەندۈرۈپ، نامايىشچىلارنىڭ ئىچىدىكى قەستەن زوراۋانلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىدۇ، ئىمكانقەدەر تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئىسلاھاتنى قوللاشقا كۆندۈرىدۇ.

يېڭى يىل كىرىشى بىلەنلا سېرىق مايكىلىقلار ھەرىكىتى كۆتۈرۈلدى، بۇ ئىقتىسادقا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، جەمئىيەتنىڭ نورمال تەرتىپىگە كاشىلا قىلدى، شۇنداقلا ماكرون ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلاھات پىلانىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى.

فىرانسىيە جەمئىيىتىنىڭ ئىسلاھاتقا بولغان زىددىيەتلىك روھىي ھالىتى، ھەم ئىجتىمائىي بۆلۈنۈش پەيدا قىلدى، ھەم ئىسلاھاتنىڭ يولغا قويۇلىشىنى كېچىكتۈردى.

قانداق قىلىپ ئىسلاھات پىلانىنى يولغا قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئومۇمىي مۇقىملىقىنى ساقلاش ماكرون 2019 -يىلى يولۇقىدىغان ئەڭ چوڭ خىرىس.

2018-يىلى11-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن بۇيان، فىرانسىيەدىكى بىر قىسىم خەلق ئاممىسى پارىژ ۋە باشقا ئۆلكە رايونلاردا كوچىلارغا چىقىپ نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئېتىراز بىلدۈردى. ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتى مەزگىلىدە بەزى زوراۋان ئۇنسۇرلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، زەپەر دەرۋازىسى، شانشېلىس كوچىسى، باھارلىق تۈرلۈك ماللار سارىيى قاتارلىق داڭلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى ياكى مال سېتىۋېلىش رايونلىرىدا ئۇرۇپ چېقىش، بۇلاش قاتارلىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى، كۆپ قېتىم زوراۋانلىق توقۇنۇش پەيدا قىلدى . ماكرون ھۆكۈمىتى بۇ يىل يېقىلغۇ ماي بېجى پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدى، لېكىن نارازىلىق كەيپىيات تېخى بېسىقمىدى.

2018-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى بىر تۈرلۈك خەلق رايىنى سىناش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ماكروننى ئەل رايىنىڭ قوللاش نىسبىتى % 18 تۆۋەنلەپ، ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئەڭ تۆۋەن ئورۇنغا چۈشكەن.