دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى گېئۇمداڭ كۈتۈلمىگەندە ئىستېپا بەردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-01-09 18:20

دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى گېئۇمداڭ مۇشۇ ئاينىڭ 7-كۈنى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ، بىر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتتىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش پۇقراۋى كارخانىغا كىرىدىغانلىقىنى تۇيۇقسىز جاكارلىدى.

بىر قانچە خەلقئارا تاراتقۇنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېئۇمداڭ بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىدىيەسى ماس كەلمىگەن، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ئېنېرگىيە سىياسىتى قاتارلىق جەھەتتە نۇرغۇن ئىختىلاپى بار ئىكەن.

گېئۇمداڭنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى تىرامپقا يېڭى نامزات كۆرسىتىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەردى، بۇ ئامېرىكا بىلەن ئامېرىكىنىڭ بۇ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھوقۇقىنىڭ بەك چوڭلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا تىركىشىش پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

گېئۇمداڭ مۇشۇ ئاينىڭ 7-كۈنى ئىلخەت ئارقىلىق دۇنيا بانكىسى خادىملىرىغا مۇنداق دېدى: مەن مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە خىزمەت قىلىمەن، 2-ئاينىڭ 1-كۈنى خىزمىتىمدىن ئايرىلىمەن. ئۇ ئىل خېتىدە مۇنداق دېدى: دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى بولغانلىقىمدىن شەرەپ ھېس قىلىمەن، بۇ ئورگاندىكى خىزمەتچىلەر مىھرى-مۇھەببەتكە باي، ئېغىر نامراتلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ.

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گېئۇمداڭنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشى ئادەمنى چۆچۈتىدىغان خەۋەر ئىكەن. ئۇ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇشتىن ئۈچ يىل بۇرۇن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى تۇيۇقسىز جاكارلىغان.

گېئۇمداڭ بۇ يىل 60 ياشتا بولۇپ، دۇنيا بانكىسىنىڭ 12-باشلىقى، 2012-يىلى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى باراك ئوباما كۆرسەتكەن ھەمدە ئاخىرىدا سايلانغان. دۇنيا بانكىسى ئىجرائىيە مۇدىرىيىتى 2016-يىلى 9-ئايدا گېئۇمداڭنىڭ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىشىگە بىردەك قوشۇلغان. ئۇنىڭ 2-نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى كېيىنكى يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلانغان، ئەسلىدە 2022-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاخىرلىشاتتى.

گېئۇمداڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، يېشىل ئېنېرگىيەگە ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى ئىلگىرى سۈردى، كۆمۈر ئېنېرگىيەسىگە مەبلەغ سېلىشنى قوللاشتىن خېلى زور دەرىجىدە ۋاز كەچتى. تىرامپ 2017-يىلى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغاندىن كېيىن كۆمۈرچىلىكنى قايتىدىن ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ جالاندۇردى، گېئۇمداڭ تىرامپ ھۆكۈمىتى بىلەن ئاشكارا توقۇنۇشۇپ قېلىشتىن ساقلاندى. ئالدىنقى ئايدا، دۇنيا بانكىسى 2021-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە بولغان كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشقا سېلىنىدىغان مەبلەغنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئەھۋالنى ئوبدان بىلىدىغان ئىككى كىشى رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: گېئۇمداڭ ئىختىيارلىقى بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدۇ، تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىمىدى.

دۇنيا بانكىسىنىڭ بىر خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: دۇنيا بانكىسىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى، بۇلغار كېلسىتالىنا گېئوركىيېۋا گېئۇمداڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ۋاقىتلىق بانكا باشلىقى بولىدۇ. دۇنيا بانكىسى مۇدىرىيىتى ۋارىس تاللاش تەرتىپىنى دەرھال يولغا قويىدۇ.

گېئۇمداڭ ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن بىر پۇقراۋى كارخانىغا كىرىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا سېلىنىدىغان مەبلەغنى تىرىشىپ كۆپەيتمەكچى.

ئۇ ئىل خېتىدە مۇنداق دەپ يازدى: ئىلگىرى مەن پۇقراۋى كارخانىغا كىرىش پۇرسىتى بارلىقىنى پەرەز قىلمىغان ئىدىم، لېكىن مېنىڭچە بۇ مېنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازارلىق دۆلەتلەردە ئۇل ئەسلىھەلەر كەمچىل بولۇش قاتارلىق دۇنياۋى مۇھىم قارالمىلار ئۈچۈن ئەڭ زور كۈچ قوشۇشىمدىكى يول. ئۇ ئارقىدىن كارخانىدىكى يېڭى خىزمەتكە ئالاقىدار تەپسىلاتلارنى ئېلان قىلدى.

گېئۇمداڭ ئىزچىل تۈردە مۇنداق دەپ قارىدى: تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى زور كۆلەملىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجى ۋە كۆپ مىقداردىكى ئىشلىتىشكە بولىدىغان ياردەم ئوتتۇرسىدىكى توسالغۇنى تۈگىتىشتىكى ئاچقۇچ-كارخانىلاردا. مەن شۇڭا يېڭى خىرىسنى قوبۇل قىلىپ، پۈتۈن كۈچنى يىغىپ، خەلق ئارىسىدىكى پۇل مۇئامىلىدىن پايدىلىنىپ دۇنيا خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى قارار قىلدىم.

گېئۇمداڭ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، دۇنيا بانكىسى 2030 - يىلى ئېغىر نامراتلىقنى تۈگىتىش نىشانىنى تۈزۈپ چىقتى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتە قوللاش سالمىقىنى ئاشۇردى. 2018-يىلى 4-ئايدا دۇنيا بانكىسى نامراتلىق قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن 13 مىليارد مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلەغنى كۆپەيتىش پىلانى ۋە بىر قاتار ئىچكى ئىسلاھات لايىھەسىنى جاكارلىدى.

گېئۇمداڭ ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن يەنە سەھىيە تەشكىلاتى مۇدىرىيىتىگە قايتا كىرمەكچى. ئۇ 30 يىل ئىلگىرى باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ بۇ پايدا ئالمايدىغان ئاپپاراتنى قۇرغان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گېئۇمداڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، تىرامپنىڭ دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىق نامزاتىنى كۆرسىتىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر باياناتچىسى مۇنداق دىدى: مالىيە مىنىستىرى ستېۋىن مىنۇچىن مۇدىرىيەت ۋە باشقا ئەزالار بىلەن بىرلىكتە يېڭى بانكا باشلىقىنى تاللاشنى ئۈمىد قىلماقتا.

دۇنيا بانكىسى 1945-يىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن قۇرۇلغان، ئامېرىكا بۇ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىغا ئىزچىل يېتەكچىلىك قىلىپ كەلدى، ئامېرىكا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ «پايچى»، ئۇلارنىڭ ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى ئەڭ چوڭ. ئامېرىكىنىڭ بانكا باشلىقى نامزاتىنى كۆرسىتىشى «يوشۇرۇن قائىدە»بولۇپ قالغان. يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئەمەلىي كۈچىنىڭ كۈچەيىشىگە ئەگىشىپ، كۆپ تەرەپلىك تۈزۈلمىنى قوللايدىغان بەزى دۆلەتلەر ئىسلاھات ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، تىرامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، ئامېرىكا كۆپ قېتىم خەلقئارا كۆپ تەرەپلىك ئاپپاراتلار، كېلىشىملەردىن چېكىنىپ چىقىپ تەنقىدكە ئۇچرىغان، گېئۇمداڭنىڭ ۋارىسىنى كۆرسىتىش بۇرۇنقىغا تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ سابىق ئامېرىكا ئىجرائىيە مەسئۇلى، ئامېرىكا مالىيە مىنىسترلىقىنىڭ سابىق ئەمەلدارى مارك . سۇبېل رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: دۇنيا بانكىسى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدە ئەزالىرى بىلەن ئامېرىكىنىڭ بانكا باشلىقى نامزاتى توغرىسىدىكى پىكىرىنىڭ بىردەك بولماسلىق ئېھتىمالى بىر قەدەر چوڭ.