رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ كېرچ بوغۇزى توقۇنۇشىنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىش تەس
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-01-11 16:36

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «ماك ھېنرى قەلئەسى» ناملىق قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى رۇمىنىيەنىڭ قارا دېڭىز پورتى كونىستانتاغا يېتىپ باردى، بۇ-بۇلتۇر 11-ئايدا رۇسىيە-ئۇكرائىنا كېرچ دېڭىز بوغۇزى توقۇنۇشى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ تۇنجى قېتىم ھەربىي پاراخوت ئەۋەتىپ قارا دېڭىز ساھىلىغا كىرىشى. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رۇسىيە قارا دېڭىز فىلوتىنىڭ «ئىلىمخۇمار» ناملىق قوغدىغۇچى پاراخوتى ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنىڭ پائالىيەت ئەھۋالىنى نازارەت قىلماقتا دېدى. رۇسىيە فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى پۇشكوۋ بۇندىن بۇرۇن، ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىز رايونىدىكى كۈچ سېلىشتۇرمىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىق تونۇپ يېتىشى كېرەك، ئەگەر ھەربىي پاراخوتنى قارا دېڭىز ساھىلىغا كىرگۈزسە، ۋەزىيەتنى شىددەت بىلەن يامانلاشتۇرۇۋېتىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ دېگەن ئىدى.

رۇسىيە-ئۇكرائىنا كېرچ دېڭىز بوغۇزى توقۇنۇشى پارتلاپ بىر ئايدىن كۆپرەك ئۆتكەندىن كېيىن يەنىلا پەسىيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىدى. ئۇكرائىنانىڭ مۇئاۋىن ئەدلىيە مىنىستىرى ئىۋان لىسىن 1-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوت مەھكىمىسىگە كېرچ بوغۇزى ۋەقەسىدە ئۇكرائىنالىق 24 پاراخوت خىزمەتچىسىنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنىش ئىشى ھەققىدە ئەرز ئىلتىماسى سۇندى دەپ ئاشكارىلىدى. رۇسىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرى كۆپ قېتىم تەكىتلەپ، رۇسىيەنىڭ بۇ قېتىم چەتئەل ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ رۇسىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە بېسىپ كىرىش ۋەقەسىگە قايتۇرغان ئىنكاسى-خەلقئارا قانۇن ۋە رۇسىيە قانۇنىغا ئۇيغۇن دېدى.

جامائەتچىلىك ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنىڭ قارا دېڭىزغا كىرىشى-بۇ رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدۇ، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ يېقىنلىشىشى ھەم ئامېرىكا بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئىشلاردىكى ئۆز ئارا ھەرىكىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ يېقىنقى مەزگىلدە سۆزلىشىش ئارقىلىق ماجىرانى ھەل قىلىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى بەك كىچىك دەپ قارىدى.

2018-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پاراخوت ئەترىتى كېرچ بوغۇزى چوڭ كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ، قارا دېڭىزدىن ئازوۋ دېڭىزىغا كىرمەكچى بولغاندا، رۇسىيە چېگرا مۇداپىئە ئارمىيەسى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدى. ئىككى تەرەپنىڭ دېڭىز توقۇنۇشى ھەققىدىكى گەپلىرى بىردەك بولمىدى. رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى بىلەن قىرىم چېگرا مۇداپىئە تارمىقى ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بەش پاراخوتى رۇسىيەنىڭ رۇخسىتىنى ئالماستىن كېرچ دېڭىز بوغۇزىدىن ئۆتۈشكە ئۇرۇندى، رۇسىيە كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئۇكرائىنانىڭ بۇ ئىغۋاگەرچىلىكىنى توستى دېدى. ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئاخبارات ئىدارىسى ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىككى توپچى پاراخوتى بىلەن بىر سۆرىگۈچى پاراخوتى شۇ كۈنى كېرچ بوغۇزى چوڭ كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ، قارا دېڭىزدىن ئازوۋ دېڭىزىغا كىرمەكچى ئىدى؛ ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۈچ پاراخوتى ھەم پاراخوتلاردىكى 20 نەچچە ئادەم رۇسىيە تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىندى دېدى. توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى قىسمەن جايلاردا 30 كۈن ئۇرۇش ھالىتىنى يولغا قويغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇنىڭ بىلەن رۇسىيە-ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتى بەك جىددىيلىشىپ كەتتى، قارا دېڭىز ۋە ئازوۋ دېڭىزى رايونىنىڭ ۋەزىيىتى قىل ئۈستىدە قالدى.

رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا دىپلوماتىيە ۋە ھەربىي ئىشلار ساھەسىدە كۈچ سىنىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد ئۇرۇشىمۇ بارغانسېرى كەسكىنلەشتى. ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە تاۋارلىرىغا چەكلىمە قويۇش تەدبىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، يېقىندا، رۇسىيە ئۇكرائىنا تاۋارلىرىغا قارىتىلغان ئىمپورتنى چەكلەش تىزىملىكىنى كېڭەيتكەنلىكىنى جاكارلىدى. چەكلەش بۇيرۇقى-ئۇكرائىنادا ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋارلارغا چېتىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇكرائىنادىن ئۆتىدىغان 3-دۆلەتنىڭ تاۋارلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جامائەتچىلىك رۇسىيەنىڭ جازاغا قارشى تۇرشى-ئۇكرائىنانىڭ ماشىنا ئېلېكتىرى قاتارلىق كەسىپلىرىنى تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ دەپ قارىدى.

نۆۋەتتە گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ ئىنكاسى بىر قەدەر سوغۇققان بولدى. گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا پاراخوت خادىملىرىنى تېزدىن قويۇپ بېرىشى ھەم كېرچ بوغۇزىدا پاراخوتلارنىڭ ئەركىن قاتنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشىنى مۇراجىئەت قىلدى. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن يېقىندا تەكلىپكە بىنائەن مېركىل بىلەن تېلېفونلىشىپ، كېرچ بوغۇزى ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى. ئىككى تەرەپ ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنى خالىمايدىغانلىقى بىلدۈردى ھەم نۆۋەتتىكى مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسى ئالاھىدە ۋەكىلى ۋالكېر بۇلتۇر 12-ئايدا ئۇكرائىنادا زىيارەتتە بولغاندا، ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ۋە قارا دېڭىز، ئازوۋ دېڭىز قىرغىقىدىكى قوغدىنىش كۈچىنى كۈچەيتىشىنى قوللايدۇ، 2019-يىللىق خامچوتتا، ئۇكرائىنانى يېڭى ھەربىي ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى ئويلىشىدۇ دېدى. رۇسىيە بۇنىڭغا قارىتا كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ، بۇنداق ئۇسۇل-ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي رايونىدىكى توقۇنۇشنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدۇ دەپ كۆرسەتتى. رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى كاراسىن يېقىندا رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنانى ئەجەللىك قوراللار بىلەن تەمىنلەش پىلانىدىن ئەندىشە قىلىدۇ دېدى.

جامائەتچىلىك تەھلىل قىلىپ، رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇشتا، يەنىلا تېخىمۇ كۆپ سىياسىي پاراسەتكە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ، ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەر داۋاملىق ئۆزلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، ۋەقەنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى ھەم سۆزلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشى كېرەك دەپ كۆرسەتتى.