پۈتۈن يەر شارىدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ چاغانلىق ساياھىتىدىكى يېڭى يۈزلىنىش
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-02-11 16:12

چاغان ھەمىشە يۇرتىغا قايتىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىدى، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق مۇشۇ مەزگىلدە چەتئەلگە، يىراقلارغا سەپەرگە چىقىشنى تاللاپ، دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىنى قويۇق جۇڭگو پۇرىقىغا تولدۇردى. شېجېڭ قاتارلىق بىرقانچە چوڭ تور ساياھەت سۇپىلىرىنىڭ مۆلچەرىچە 2019-يىلى چاغان مەزگىلىدە ساياھەتكە چىققانلار 400مىليونغا يېتىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە چەتئەلگە ساياھەتكە چىققانلار تەخمىنەن 7 مىليون ئادەم قېتىم بولۇپ، 96 دۆلەت ۋە رايوندىكى 900دىن ئارتۇق ساياھەت مەنزىلىنى قاپلايدىكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى جۇڭگولۇقلارنىڭ چەتئەلگە ساياھەتكەر چىقىشتىكى ئىستېمال ئادىتىدە تەدرىجىي ئۆزگىرىش بولدى، ئىلگىرىكىدەك داڭلىق ماركىلىق تاۋالارنى قارىغۇلارچە سېتىۋالىدىغانلار ئازايدى، كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي تەلىپى ۋە ياقتۇرۇشىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدىغان، شۇ جاينىڭ ئۆزگىچە تاۋارلىرىنى سېتىۋېلىشنى تېخىمۇ خالايدىغان بولدى.

ئەنگلىيەدە ساياھەت كەسپىي بىلەن نۇرغۇن يىل شۇغۇللانغان تىتىكاكا ساياھەت كوپراتىپىدىنىڭ باش دېرىكتورى فاڭ گاڭ مۇنداق دېدى: بىرقانچە يىل ئىلگىرى نۇرغۇن جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر ئۆزى ياكى تونۇش بىلىشلىرى ئۈچۈن نەرسە كېرەك سېتىۋالاتتى، داڭلىق ماركىلارغا چوقۇناتتى، ھەتتا بەزىلەر ساياھەت قىلماي، ۋاقتىنى نەرسە كېرەك سېتىۋىلىشقا سەرپ قىلاتتى، ھازىر تىزىملىتىدىغانلار كۆپ ئازالاپ كەتكەن بولغاچقا بىزنىڭ بەست نەرسە كېرەك سېتىۋېلىش كەنتىمىزنىڭ بىر كۈنلۈك ساياھەت پائالىيىتىمۇ ئاساسەن توختاپ قالدى، 2016-يىلى بىز ھەر ھەپتىدە بەش كۈن ئۆمەك تەشكىللەيتتۇق.

خۇبېيدىن كەلگەن جۇڭگولۇق ساياھەتچى ۋاڭ ۋېي پارىژدا مال سېتىۋالغاندا لاۋفويې، پارىژ باھارى دېگەندەك چوڭ تىپتىكى مال سېتىۋېلىش مەركەزلىرىگە بارمىدى، بەلكى فىرانسىيەلىكلەر ئۆزلىرى دائىم بارىدىغان تاللا بازارغا بېرىپ، قىزىل ھاراق، شاكىلات قاتارلىق يەرلىك مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالدى.

چەتئەلگە ساياھەتكە چىقىش ئىنتايىن كۆپ جۇڭگولۇقلارنىڭ ئائىلە ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىشىنىڭ مۇھىم تەركىۋىي قىسىمىغا ئايلاندى، كىشىلەرنىڭ ساياھەتكە چىقىش قېتىم سانى بارغانسېرى كۆپەيدى، تەجرىبىسىمۇ بارغانسېرى موللاشتى، يېمەك ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەر، ساياھەت، سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىشدىن ئىبارەت ئالتە چوڭ ئامىل ئىچىدە جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ دېققەت نۇقتىسى تەدرىجىي سېتىۋېلىشتىن ساياھەتكە يۆتكەلدى، مەنزىرە نۇقتىلىرىدا مال سېتىۋېلىشتىن يەرلىكنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى، ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى چۈشۈنۈشكە قاراپ يۈزلەندى، ھەقىقىيلىق ، يېڭىلىق ، چوڭقۇرلۇق جۇڭگولۇقلارنىڭ چەتئەلگە ساياھەتكە چىقىشتىكى يېڭى ئالاھىدىلىكىگە ئايلاندى.

ئەنئەنىۋىي ئۇسۇلدىكى ئۆمەككە ئەگىشىپ ساياھەت قىلىشتىن باشقا زاكاسلىق ساياھەت ۋە ئەركىن ساياھەت قىلىدىغانلارمۇ ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، موزىي، داڭلىق مەكتەپلەر، ئۇزۈم ھارىقى ئېكىنزارلىقى قاتارلىق تېخىمۇ چوڭقۇرلۇققا، تېخىمۇ خاراكتىرلىققا ئىگە ئاساسى تېمىلىق ساياھەت بارغانسېرى ئالقىشلاندى، مەززىلىك تائاملار ساياھىتى، دالىدا يۈرۈش ساياھىتى، ساغلاملىق كۈتۈنۈش ساياھىتى، قۇتۇپ ئېكىسپىتىدسىيە ساياھىتى ئالاھىدە قىزىقىشى بار جۇڭگولۇق تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى جەلىپ قىلدى.

كايسېر ساياھەتچىلىكى ياۋروپا شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ جۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەتكە چىقىش مەزمۇنىدا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولدى، ئالايلۇق ھەر يىللىق ۋىنا يېڭى يىللىق مۇزىكا كېچىلىكى ئالاھىدىلىك قىلىنغان ئۆمەكنىڭ بېلىتىنى ئېلىش قىيىنغا چۈشتى، قىش ساياھىتى نۇرغۇن تەنتەربىيە ھەۋەسكارلىرىنى جەلىپ قىلدى، سەنئەت ساياھىتىنىڭمۇ ناھايىتى چوڭ بازىرى بار ، بۇنىڭ ئىچىدە موزىي ۋە داڭلىق سەنئەت شەھەرلىرىنى يىپ ئۇچى قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى سەنئەت ئاساسى تېمىسىدىكى مېھمانخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يەر شارىدىكى داڭلىق موزىيلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇش، يەر شارىدىكى سەنئەت كۆرەكلىرىگە قاتناشتۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلار بار.

چاغان مەزگىلىدە ئىستېمال ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىۋاتقان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر يەر شارىغا ئۈزلۈكسىز پايدا ئېلىپ كەلمەكتە، تاۋاردىن مۇلازىمەتكىچە، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە سودىگەرلەر جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى بارغانسېرى قىزغىن كۈتۈۋالىدىغان، تېخىمۇ ئىنچىكە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان، جۇڭگولۇقلارنىڭ ساياھەت ئىستىراھات ۋە ئىستېمال سېتىۋېلىش ھېسسىياتىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى.

تايلاندنى مىسال قىلىدىغان بولساق، تايلاند ھۆكۈمىتى جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەتكە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن قونۇش ۋېزا ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، ئېلېكتىرونلۇق قونۇش ۋېزا ئىلتىماسى مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى، نۆۋەتتە تايلانددىكى ئاساسلىق ساياھەت مەنزىللىرى بىلەن جۇڭگودىكى ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەر ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە ئايروپلان قاتنايدىغان بولدى، ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشى تېخىمۇ قولاي بولدى.

ئايرۇدورومدىن مېھمانخانىغىچە، كوچا بويلىرىدىكى كىچىك دۇكانلاردىن ئوتلەتسقىچە نۇرغۇن سودىگەرلەر جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەنىڭ چاغاننى چەتئەللەردە ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مەخسۇس جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرگە قارىتا ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ ئۈندىدار، ئەلى چىقىمدانى ئىشلىتىشكە ئادەتلىنىشى ئۇلارنى يەر شارىدىكى قىززىق نۇقتىلىق ساياھەت ئورۇنلىرىدىكى ھەرقايسى چوڭ سودا نۇقتىلىرىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى.

كۇبا ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ تەرەققىياد باش نازارەتچىسى بېلنال مۇنداق دېدى: كۇبا جۇڭگو بازىرىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى جەلىپ قىلىش كۇبانىڭ 2019-يىلىدىكى ساياھەتچىلىك تەرەققىياد ئىستراتىگيەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەزمۇنىغا ئايلاندى، ئۇ مۇنداق دېدى: كۇبا خەنزۇ تىلى بىلىدىغان بىر تۈركۈم ساياھەت يېتەكچىلىرى ۋە مەمۇرىي خادىملارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈردى، ئۆتكەن يىلى ھاۋانا داشۆسى كوڭزى شۆيەنى خەنزۇ تىلى دەرسى ئاچتى، كەلگۈسىدە جۇڭگو بازىرىغا قارىتىلغان تېخىمۇ كۆپ ساياھەت ئىختىساسلىرىنى تەربىيەلەيمىز.