ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرىمەن دەپ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-02-11 16:40

 ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى بىر پاراخوت تىرانسپورت كارخانىسى بىلەن بولغان توختامنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. بۇ كارخانا ئەسلى ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئىنگلىز بوغۇزىدا كېچىكلىك كەسپىنى ئۈستىگە ئالماقچى بولغان، ئەمما تاراتقۇلار بۇ كارخانىنىڭ ئەزەلدىن ئالاقىدار كەسىپلەرنى قىلىپ باقمىغانلىقىنى ئاشكارىلىغاچقا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان.
ئەنگلىيە تىرانسپورت مىنىستىرلىقى بۇلتۇر 12-ئايدا باش ئورگىنى ئەنگلىيەنىڭ لوندوندىكى دېڭىز يۈك تىرانسپورت شىركىتى بىلەن توختام ئىمزالاپ، بۇ شىركەتنى ئىنگلىز بوغۇزىدا كېچىكلىك كەسپى قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان، توختام سوممىسى 13 مىليون 800 مىڭ پوند ستىرلىڭغا يېتىدىكەن.

تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ بىر باياناتچىسى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: بۇ توختام ئاخىرلاشتۇرۇلدى، بۇنىڭغا دېڭىز يۈك تىرانسپورت شىركىتىنى قوللايدىغان بىر ئېرلاندىيە كارخانىسىنىڭ چېكىنىشنى قارار قىلغانلىقى سەۋەب بولدى. دېڭىز يۈك تىرانسپورت شىركىتى ئېنىقلا توختامنى ئادا قىلالمايدۇ، شۇڭا بىز توختامنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى قارار قىلدۇق.

تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ھۆكۈمەت دېڭىز يۈك تىرانسپورت شىركىتىگە ھىچقانداق ھەق بەرمىگەن، ھۆكۈمەت بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، بىر قاتار كارخانىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەن.

ھۆكۈمەتنىڭ توختامنى ئاخىرلاشتۇرۇشى تاراتقۇلارنىڭ بۇ كارخانىنىڭ مەسىلىسى بارلىقىنى ئاشكارىلىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. دېڭىز يۈك تىرانسپورت شىركىتى 2017-يىلى قۇرۇلغان، پاراخوتى يوق، كېچىكلىك كەسپى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ باقمىغان.

ئەنگلىيەنىڭ دوۋېر پورتى بىلەن فىرانسىيەنىڭ كالاي پورتى ئارىلىقىدىكى ئەنئەنىۋى لىنىيەنىڭ بېسىمىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، دېڭىز يۈك تىرانسپورت شىركىتى كېلەر ئايدا ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئەنگلىيەنىڭ رامىسگېيىت پورتى بىلەن بىلگىيەنىڭ ئوستەند پورتى ئارىلىقىدىكى كېچىكلىك كەسپىنى ئۈستىگە ئېلىپ، يۈك ئاپتوموبىلى، پىكاپ، پىرېتسىپ، تىرامۋاي قاتارلىقلارنى توشۇماقچى بولغان.

ئەنگلىيە 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش مۇساپىسىنى باشلىغان، بۇ يىل 3-ئاينىڭ 29-كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن رەسمىي ئايرىلىشنى بېكىتكەن. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ھاسىل قىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش كېلىشىمى دۆلەت ئىچىدە توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقتىن، ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىش ۋەزىيىتىگە دۇچكېلىشى مۇمكىن.

ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىش ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۆتكۈنچى مەزگىلنىڭ بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قانۇنلىرى ئەنگلىيەدە دەرھال كۈچىدىن قالىدۇ، ئىككى تەرەپ تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈش ۋە سودا قورغىنىنى كۆپەيتىش مەسىلىسىگە دۇچكېلىدۇ. رېيتىر ئاگېنتلىغىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەنىڭ يۈك ئاپتوموبىللىرى ھازىر ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردە چىگرا تەكشۈرىشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتەلەيدىكەن؛ ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلغاندىن كېيىن، ھەربىر ئاپتوموبىل چىگرا تەكشۈرۈش پونكىتىدا نەچچە مىنۇت توختىسا، ئىنگلىز بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى پورتلاردا ئۇزۇن سەپ بولۇپ كېتىدىكەن.

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇنداق ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۈچ پاراخوت تىرانسپورت كارخانىسى بىلەن كېچىكلىك كەسپى توختىمى ئىمزالىدى، قالغان ئىككى شىركەت فىرانسىيەنىڭ بىرىتانى كېچىك شىركىتى ۋە دانىيەنىڭ DFDS شىركىتى ئىدى. بۇ ئىككىسى كەسپىي ساھەدىكى داڭلىق مۇلازىمەت كارخانىسى ھېسابلىنىدۇ.

دېڭىز يۈك تىرانسپورت شىركىتى بىلەن توختام ئىمزالاش ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە ئوڭايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.

رېيتىر ئاگېنتلىغىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دېڭىز يۈك تىرانسپورت شىركىتى تور بېكىتىدىكى شىركەت تونۇشتۇرىشىدا بۇرۇن «تاماق زاكاز قىلىش» دېگەن خەتلەر ئۇچرىغان، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بۇ بىر بۆلەك سۆزنى مەلۇم تاماق يەتكۈزۈش كارخانىسىنىڭ تونۇشتۇرىشىدىن كۆچۈرۈپ ئالغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قىياس قىلغان. دېڭىز يۈك تىرانسپورت شىركىتى كېيىن كارخانا تونۇشتۇرىشىنى تۈزەتكەن.

ئەنگلىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە لبورىستلار پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى توم ۋاتسون ئىجتىمائىي تاراتقۇدا سۆز قىلىپ، دېڭىز يۈك تىرانسپورت شىركىتىنىڭ پاراخوتى يوق، سودا تارىخىمۇ يوق، تور بېكەتتىكى تونۇشتۇرىشىنىمۇ تاماق يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ تور بېكىتىدىن كۆچۈرۈپ چاپلىغان، دېدى.

لىبورىستلار پارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى تىرانسپورت ۋەزىرى كىرىس گىرېيلىڭدىن ئېستېپا بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇ ئەنگلىيەنى ئارقا-ئارقىدىن نەچچە قېتىم ھاقارەتكە قويدى، دېدى.

كىرىس گىرېيلىڭ ئالدىنقى ئايدا ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا دېڭىز يۈك تىرانسپورت شىركىتى بىلەن بولغان توختامنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى رەت قىلىپ، مەن ئەنگلىيەنىڭ سودا پائالىيەتلىرىنى قوللاش سەۋەبىدىن كەچۈرۈم سورىمايمەن، دېگەن ئىدى.