ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى ئىفوپىيەدە ئۆتكۈزۈلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-02-11 17:07

 ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى ئىفوپىيەدە ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا مۇساپىرلار مەسلىسى قاتارلىقلار نوقتىلىق مۇزاكىرە قىلىندى.

ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 32-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنى ئېفىئوپىيەنىڭ پايتەختى ئەددىس ئەبېبەدىكى ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش شىتابىدا ئېچىلدى، يىغىندا مۇساپىرلار قاتارلىق مەسىلىلەر نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىندۇ.

ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى فاكى باشلىنىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى : ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا مەجبۇرى يۇرت ماكانىدىن ئايرىلىش مەسىلىسى يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن بولماقتا، ئافرىقا ئەللىرى بۇ مەسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپپاراتىنىڭ رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا، مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى رىۋاندا زۇڭتۇڭى كاگامىنىڭ ئورنىغا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسىلىكىگە تەيىنلەندى. سىسى مۇنداق دېدى: ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى يولغا قويۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈدۈ، بۇنىڭدىكى بىرىنچى نىشانىمىز نامراتلىقنى ۋە كېسەللىكنى تۈگىتىش، مائارىپنى ياخشىلاش، كىلىمات ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش، بولۇپمۇ مۇساپىرلارغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت. ئۇ يەنە ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئافرىقىنىڭ ئىقتىسادىينى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىقنى مۇكەممەللەشتۇرۇش، شۇنىڭدەك ئاياللار ۋە ياشلارغا ھوقۇق بېرىش جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ماختىدى.

مۇساپىرلار، يۇرتىغان قايتىش ۋە دۆلەت ئىچىدىكى سەرگەردانلار، ئافرىقىدا نائىلاج يۇرت ماكانىدىن ئايرىلىش مەسلىسىنى ئۇزاق مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىش بۇ نۆۋەتلىك ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ باش تېمىسى قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە، دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر كومىتېتى يىغىنى 1-ئاينىڭ 15-، 16-كۈنى ئۆتكۈزۈلدى، ئىجرائىيە كېڭىشىنىڭ يىغىنى 2ـئاينىڭ 7-،8-كۈنى ئۆتكۈزۈلدى، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى مۇشۇ ئاينىڭ 10-،11-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلار يىغىنى ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئاپپاراتى بولۇپ، بىر يىلدا ئىككى قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ.