جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كوسۇۋۇ مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا ئىجابى رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-02-11 17:07

جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمى تۇرۇشلۇق ۋەكىلى باش ئەلچى ما جاۋشۈ مۇشۇ ئاينىڭ 7- كۈنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كوسوۋو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئاشكارا يىغىندا سۆز قىلىپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا ھەقىقىي رىئايە قىلىپ، ۋەزىيەتنى مۇرەككەپلەشتۇرۋىتىدىغان سۆز ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىپ كوسۇۋۇ مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش ئۈچۈن شارائىت يارىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

ماجاۋشۈ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، كوسوۋونىڭ خەۋىپسىزلىك ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولماقتا، ئەمما يەنىلا مۇرەككەپ ئامىللار ساقلانماقتا. جۇڭگو تەرەپ يېقىندا كوسوۋو دائىرىلىرىنىڭ ئۆزى سېربىيەدىن ئىمپورت قىلغان تاۋارلاردىن تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئىلىپ، ئۆزىنىڭ خەۋىپسىزلىك كۈچىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىگە دىققەت قىلماقتا، ھەمدە ئالاقىدار ھەرىكەتلەرنى ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە سۆھبىتىگە پايدىسىز دەپ قارايدۇ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1244–نومۇرلۇق قارارىغا ھەقىقىي ئەمەل قىلىپ، ۋەزىيەتنى مۇرەككەپلەشتۇرۋىتىدىغان ھەرقانداق سۆز ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىپ، كوسۇۋۇ مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ.

ما جاۋشۈ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1244-نومۇرلۇق قارارى كوسوۋو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم قانۇنىي ئاساس. ھەر قايسى تەرەپلەر «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىسى»نىڭ باش مەقسىتى ۋە پىرىنسىپى بويىچە، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارار رامكىسى ئىچىدە سۆزلىشىش ۋە سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەر قايسى تەرەپلەر قوبۇل قىلالايدىغان ھەل قىلىش لاھيەسىنى ھاسىل قىلىشى كېرەك. جۇڭگو سېربىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، سېربىيە تەرەپنىڭ كوسوۋو مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى مۇۋاپىق چۈشىنىدۇ، سېربىيەنىڭ كوسوۋو مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ئاپرىن ئىيتىدۇ.

ماجاۋشۈ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بېلگراد بىلەن پىرىستىنانىڭ سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇشتا داۋاملىق كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىجابىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز ئارا ئىشىنىشنى تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك، ئۇزاق مۇددەتلىك ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز شارائىت ھازىرلىشىنى ئۇمىد قىلىدۇ.

ماجاۋشۈ مۇنداق دېدى: كوسوۋودىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ يارشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، بالقان رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگە پايدىلىق. جۇڭگو، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ خەلقنىڭ بەخت – سائادىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قوغداپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۇمىد قىلىدۇ.

ما جاۋشۈ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەۋپسىزلىك كېڭىشى كوسوۋۇ مەسىلىسىگە دىققەت قىلىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت كوسوۋو مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىجابىي رول ئوينشى كېرەك. جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كوسوۋوغا ئالاھىدە ئەۋەتكەن ئۆمىكنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى قوللايدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۆسوۋۇ ھەرىكەت ئۆمىكى بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئۆمىكى، كوسوۋۇدا تۇرۇشلۇق خەلقئارا قىسىم قاتارلىقلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ساقلاپ، كوسوۋو ۋەزىيىتىنى بىرلىكتە ياخشىلاپ، كوسوۋو مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى ئۇمىد قىلىدۇ.