تانزانىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى: بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى جۇڭگونىڭ دۇنياغا قوشقان تۆھپىسى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-15 12:21

تانزانىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كەي لۇجې بۇ يىل جوڭگونىڭ ئىككى يىغىنى ئېچىلغان مەزگىلدە شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بارغانسېرى كۆپ دۆلەت ۋە رايونلار بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىنى پائال قوللىماقتا ۋە ئۇنىڭغا قاتناشماقتا.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئىككى يىغىن جۇڭگونىڭ سىياسىتى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئىزچىللىقىنى، مۇقىملىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

ھەر نۆۋەتلىك ئىككى يىغىندا، خەلقنى مەركەز قىلىپ، قىزىق نۇقتىلارغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، نامرات ئاھەللەر، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلدى. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، پەن - تېخنىكا تەتقىقاتى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق مەسىلىلەر سىياسەت قارارىدا گەۋدىلەندۈرۈلۈپلا قالماي، يەنە يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. بۇ يىللىق ئىككى يىغىن ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتدا خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، داۋاملىق ئادەم ئاساس قىلىندى.

ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى سىياسەت تۈزگەندە خەلققە بەخت يارىتىشنى باش مەقسەت قىلغان. 2017 - يىللىق ئىككى يىغىننىڭ نىشانى 10 مىليون ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، 2018 ـ يىللىق نىشانى يەنە 10 مىليون ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بولغان ئىدى، بۇ يىلقى ئىككى يىغىندا، ھۆكۈمەت ئاۋۋالقىدەكلا نامراتلىقنى ئازايتىشنى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ بېكىتتى. كۆپ تەرەپنىڭ داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، بۇ نىشان ئەمەلگە ئاشتى، بۇ نۇقتىنى قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. ھازىر، ھەرقايسى قاتلاملاردىن قارىغاندا، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

ئۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بەزى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى نىشانىنى بېكىتكەندە، كۆپ ھاللاردا خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمىسىمۇ، لېكىن ھەرىكىدە باشقىچە بولىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى نىشاننى بەلگىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇ رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر جۇڭگو بارغانسېرى ياخشىلانماقتا. 700 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، زور كۆلەمدە ئۇل ئەسلىھە بەرپا قىلدى. ئالاقىدار پەن - تېخنىكا ساھەسىنىڭ تەرەققىياتى، جۇڭگونىڭ تۆمۈريول تېخنىكىسى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرماقتا، مېدىتسىنا تەتقىقاتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىدا خىلىلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. ئەمما بۇنىڭدىن 70 يىل ئىلگىرى، بۇنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئىدى . شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ بىر قېتىملىق ئۇلۇغ سەكرەش.

ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئىزچىل كۈچ چىقىرىپ كەلدى، پەن - تېخنىكا كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىردى. مەسىلەن 5 G تېخنىكىسى، جۇڭگو 5 G تەتقىقاتىنىڭ ئالدىدا ماڭغۇچى. لېكىن بىزمۇ، جۇڭگونىڭ 5 G تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلىدۇرۇشدا « باشقا غەرەز»ى بار، 5 G تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدۇ دېگەندەك « شاۋقۇن »نى ئاڭلاپ قالدۇق. بۇ ئاشۇ كىشىلەرنىڭ جۇڭگونىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىغا ھەسەت قىلغانلىقىدىن بولدى، چۈنكى كىم پەن تېخنىكىدا ئالدىدا ماڭسا، دۇنيا دائىرىسىدە تەدبىر بەلگىلەشكە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

كەيلوجې مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن تانزانىيە رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 55 يىللىقى بولۇپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتىدە ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۆتكەن 55 يىل ئىچىدە، تانزانىيە بىلەن جۇڭگو نۇرغۇن ساھەلەردە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى. ئىككى دۆلەت ئورتاق مەنپەئەتگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ساھەلەردىمۇ كەڭ سۆزلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇردى.

ئۇنىڭ مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى : ئۆتكەن يىلدىن بۇيان، تانزانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ سودىسى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. تانزانىيە شاڭخەيدە ئۇيۇشتۇرۇلغان تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى. كۆرگەزمە تانزانىيە مەھسۇلاتىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەردى. تانزانىيە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ، لېكىن جۇڭگو بازىرىغا ئېكسپورت قىلىنغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆلىمى ئىنتايىن كىچىك. ئاساسلىقى تانزانىيەنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يېتەرلىك بولغانلىقىدىن-جۇڭگو بازىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇلمايدۇ. بىز تانزانىيەنىڭ جۇڭگوغا قەھۋە، مۇقاتىل، چاي، كۈنجۈت قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئېكسپورت قىلىشىنى، شۇنداقلا باقلا قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدا جۇڭگو بازىرىنى ئىچىشنى ئۈمىد قىلىمىز .

ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تۇنجى نۆۋەتلىك « بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان، بارغانسېرى كۆپ دۆلەت ۋە رايونلار «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى پائال قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىپ، «بىر بەلباغ ، بىر يول» ھەمكارلىقى ھۆججىتىنى ئىمزالىدى. تېخىمۇ مۇھىمى، «بىر بەلباغ ، بىر يول» رامكىسىدا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يېڭى ھەمكارلىق تۈرلىرى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى. تانزانىيە 2 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى مەزگىلىدە، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى ئەسلەپ ئۆتىدۇ ھەمدە كەلگۈسىگە نەزەر سالىدۇ.