«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-15 17:42

3-ئاينىڭ 16-كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 6-سانىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي تاراتقۇ تارقىتىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلايلى» ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي تاراتقۇ بەرپا قىلىش-بىز دۇچ كەلگەن جىددىي تېما بولۇپ قالدى. ئۇچۇر ئىنقىلابى نەتىجىلىرىنى قوللىنىپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي جامائەت پىكرىنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ ۋە جامائەت پىكرى مەدىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئومۇمىي تاراتقۇ دەۋرىدىكى رىقابەت ۋە پۇرسەتنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك. تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتىدە ۋەزىيەتكە قاراپ پىلان تۈزۈپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش تۇتۇپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنى كۈچلۈك تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئاممىۋى ئىشەنچ كۈچىگە ئىگە قىلىپ، تور ئىچى-سىرتىدا مەركەزداش چەمبەر شەكىللەندۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنى غايە - ئېتىقاد، قىممەت ئىدىيەسى، ئەخلاق قارىشى جەھەتلەردە زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئاكتىپ كۈچنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈش، ئاساسىي مېلودىيەنى تېخىمۇ ياڭرىتىش كېرەك.

ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنىڭ يۈزلىنىشى ۋە قانۇنىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش كېرەك. بىر گەۋدىلىشىپ تەرەققىي قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز-ئارا قوشۇلۇشى باسقۇچىدىن ئۆزئارا سىڭىشىش باسقۇچىغا ئۆتۈشنى تېزلىتىپ، بىر تۈركۈم زور تەسىر كۈچى، رىقابەت كۈچىگە ئىگە يېڭىچە ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. كۆچمە تارقىتىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش تاكتىكىسىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي ئېقىم تارتقۇلىرىنى كۆچمە تارقىتىشتىن پايدىلىنىپ، جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكى، ئىدىيە يېتەكچىلىكى، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ تارقىتىش ئۈستۈنلۈكىنى ئىگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ئاخباراتتا توپلاش، ئىشلەپچىقىرىش، تارقىتىش، قوبۇل قىلىش، ئىنكاس قىلىش جەريانىدا پايدىلىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جامائەت پىكرىنى يېتەكلەش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. بايلىق تۈجۈپىلەنگەن، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، پەرقلىق تەرەققىي قىلىدىغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىدىغان ئومۇمىي تاراتقۇ تارقىتىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش لازىم. يېڭىدىن گۈللەنگەن تاراتقۇلارنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىش كېرەك.

ماقالىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تاراتقۇلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر گەۋدىلەشكەن، بىرلىشىپ كەتكەن ئومۇمىي تاراتقۇ تارقىتىش ئەندىزىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىش كېرەك. ئاكتىپ كۈچ تارقىتىش-ئومۇمىي تەلەپ، باشقۇرالايدىغان بولۇش-چىڭ قائىدە، ياخشى ئىشلىتىدىغان بولۇش-ھەقىقىي قابىلىيەت. يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەشنى چىڭ ۋە ياخشى تۇتۇپ، يېڭىچە تارقىتىش سۇپىسى، يېڭىچە ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسى بەرپا قىلىپ، ئاساسىي ئېقىمنىڭ قىممەت تەسىر كۈچى دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئاۋازىنى تېخىمۇ ئېنىق، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ چوڭقۇر تارقىتىش كېرەك. بايرىقى روشەن ھالدا توغرا سىياسىي يۆنىلىش، جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكى، قىممەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيە، مەزمۇن، شەكىل، چارە، ۋاسىتە قاتارلىقلاردا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىجابىي تەشۋىقاتنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش لازىم. ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى تېخىمۇ كۆپ ھەقىقىي، ئوبيېكتىپ، نۇقتىئىنەزەرى ئېنىق بولغان ئۇچۇر مەزمۇنلىرى بىلەن تەمىنلەپ، جامائەت پىكرى مەيدانىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى ۋە يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلىشى كېرەك. ئومۇمىي تاراتقۇلارنىڭ تارقىتىشىنى قانۇنچىللىق يولىدا يۈرگۈزۈپ، تورنى تېخنىكىلىق ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار تاراتقۇلار بىلەن ئالاقە قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.