يېڭى زېللاندىيەدىكى تېرررولۇق ھۇجۇمى قايسى مەسىلىلەرنى ئاشكارىلاپ بەردى؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-18 18:44

يېڭى زېللاندىيەنىڭ جەنۇبىي ئارىلىدىكى كىرىستچېرچ شەھىرىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئاساسلىق جىنايەت گۇماندارى، ئاۋستىرالىيەلىك تارانت تۈنۈگۈن كىرىستچېرچ يەرلىك سوت مەھكىمىسىدە تۇنجى قېتىم سوتلاندى. ئۇ قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى قاتارلىق نۇرغۇن شىكايەتلەرگە دۇچ كېلىدۇ.

يېڭى زېللاندىيە ساقچى باش مەھكىمىسى ئۈلۈشكۈن كەچتە ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، شۇ كۈنى سەل بۇرۇن كىرىستچېرچتىكى ئىككى مەسچىتتە يۈز بەرگەن ئوققا تۇتۇش دېلوسىدا 49 ئادەم قازا قىلغان، 48 ئادەم يارىلانغان.

تەھلىلچىلەر بۇ قېتىمقى ئوققا تۇتۇش دېلوسى ئويلىنىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ئاشكارىلاپ بەردى، بۇلار قورال-ياراغنى تىزگىنلەش مەسىلىسى، ئاق تەنلىكلەر ئەلاچىلىقى قاتارلىق ئەسەبىي ئىدىيەلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرى ئارقىلىق تارقىلىش مەسىلىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دەپ قارىدى.

يېڭى زېللاندىيە زۇڭلىسى ئاردېرن ئوققا تۇتۇش دېلوسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇ-يېڭى زېللاندىيە تارىخىدىكى ئەڭ قاراڭغۇ بىر كۈن، ئوققا تۇتۇش دېلوسى-بىر قېتىملىق تەشكىللىك، ئالدىن پىلانلانغان تېررورلۇق ھۇجۇمى دېدى.

يېڭى زېللاندىيە-قورال ئېلىپ يۈرۈش قانۇنلۇق دۆلەت، 16 ياشتىن يۇقىرى پۇقرالار ئالاقىدار بىخەتەرلىك دەرسلىرىنى تاماملىغان ھەم ئارقا كۆرۈنۈشى تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىناۋەتلىك مۇددىتى ئون يىللىق بولغان قورال ئېلىپ يۈرۈش كىنىشكىسىگە ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ. شۇ جايدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېڭى زېللاندىيەدىكى خەلق ئارىسىدا تەخمىنەن بىر مىليون 500 مىڭ تال قورال-ياراغ بار ئىكەن، ئوتتۇرىچە ھەر ئۈچ ئادەمگە بىردىن قورال-ياراغ توغرا كېلىدىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، تارانت 2017-يىلى 11-ئايدا قورال ئېلىپ يۈرۈش كىنىشكىسى ئالغان. ئاردېرن جىنايەت گۇماندارىنىڭ يېرىم ئاپتوماتىك مىلتىق، تاپانچا قاتارلىق نۇرغۇن قورال-ياراغلارغا قانۇنلۇق ئىگە بولغانلىقىدىن چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈردى ھەم قورال-ياراغ باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ئۆزگەرتىشكە قەسەم قىلدى.

كىرىستچېرچتا يېڭى زېللاندىيەدىكى ئەڭ چوڭ قورال-ياراغ شەھەرچىسى بار، بۇ يەردىكى تاۋارلارنىڭ ھەممىسى قورال-ياراغ. بۇ قورال-ياراغ شەھەرچىسى يەنە زەنجىرسىمان تىجارەت قىلىدۇ، جەنۇبىي ئارالدىكى يەنە بىر شەھەر دۇنېدىندىكى قورال-ياراغ شەھەرچىسىنىڭ كۆلىمىمۇ كىچىك ئەمەس.

تەھلىلچىلەر گەرچە نۆۋەتتە جىنايەتچى ئىشلەتكەن قورالنىڭ قورال-ياراغ شەھەرچىسى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسىنىڭ بارلىقى ھەققىدە ئىسپات بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ-يوشۇرۇن جىنايەتچىلەرنى سۆزسىز جىنايەت ماكانى بىلەن تەمىنلەيدۇ دەپ كۆرسەتتى.

ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ سۇپىلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى پاجىئەنى ئېچىتىشى جەريانىدا ئاشكارىلانغان مەسىلىلەرمۇ ھەر قايسى ساھەلەرنى چوڭقۇر ئويغا سالدى.

ئاساسلىق جىنايەت گۇماندارى تارانت فىيىسبوكتىكى ھېسابات نومۇرى بىۋاستە كۆرسىتىشىدە قاتىللىق قىلىش جەريانىنى كۆرسەتتى. فىيىسبوك ساقچىلارنىڭ ھىسابات نومۇرى ۋە كۆرۈنمە چاستوتىنى ئۆچۈرۈش تەلىپىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشتىن بۇرۇن، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئون نەچچە مىنۇت داۋاملاشتى. قاتىللىق قىلغان شۇ كۈنى، تارانت يەنە تىۋېتتىردىكى ھېسابات نومۇرى ئارقىلىق بىر ئۇزۇن ماقالە ئېلان قىلىپ، ئاق تەنلىكلەر ئەلاچىلىقى دېگەن ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىپ قىلدى.

«يېڭى زېلاندىيە پېشۋالار گېزىتى»دە: «بۇ- ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسى تارقاتقان تۇنجى قېتىملىق ھۇجۇم ۋەقەسى» دەپ كۆرسەتتى ھەمدە: كىشىلەر ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىنىڭ بۇنداق ۋەقەلەردە رول ئوينىشىغا سەۋىر قىلىپ تۇرالمايدۇ دەپ قارىدى.

يېڭى زېلاندىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى ئېلىن كلارك يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا: ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ سۇپىسىنىڭ ئۆچمەنلىككە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى ئۆچۈرۈۋېتىش جەھەتتىكى ئىنكاسى ئاستا، قاتىل ئويلىمغان يەردىن 17 مىنۇت بىۋاستە كۆرسەتتى. مېنىڭچە بۇ ئىش دۇنيادا ئالاقە تاراتقۇ سۇپىسىنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى تەلەپ قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ سادالارنى قوزغايدۇ.

ئەنگلىيەنىڭ ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى جاۋىت شەخسى تېۋىتتىرىدا فىيىسبوك، تېۋىتتىر، يۇتۇ قاتارلىقلارنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، ئالاقە تاراتقۇ سۇپىلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەت قوللىنىپ، زوراۋانلىق ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ مۇشۇ سۇپىلار ئارقىلىق كېڭىيىپ كېتىشىنى توسۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ئەزەلدىن بىخەتەر دېگەن نامى بىلەن مەشھۇر بولغان يېڭى زېلاندىيەگە بىر قاتار تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.

بىرىنچىدىن، يېڭى زېلاندىيە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ئېھتىيات دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى، ئاساسلىق شەھەرلەردىن ۋېللىنگتون، ئوكلاندتىكى ساقچى كۈچىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىكنى قوغداشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

ئىككىنچىدىن، مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە، جەنۇبىي ئارالدىكى كرستچېرچ رايونى ھەتتا پۈتكۈل يېڭى زېلاندىيەنىڭ ساياھەتچىلىكى زەربىگە ئۇچرىشى مۇمكىن، ساياھەتچىلەرنى قايتىدىن قانداق جەلىپ قىلىش بىر تۈرلۈك يېڭى ۋەزىپە بولۇپ قالىدۇ.

ئۈچىنچىدىن، يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇرۇش بولۇۋاتقان ۋە نامرات رايونلاردىن كەلگەن مۇساپىرلار، كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش نورمىسىنى ئۆستۈرۈش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىدى، بۇ ۋەقەنىڭ يېڭى زېلاندىيە جەمئىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى سەۋەبىدىن بۇنىڭدىن كېيىن ئالاقىدار سىياسەتلەرنى مۇزاكىرە قىلىش تېخىمۇ سەزگۈر ۋە مۇرەككەپ بولۇشى مۇمكىن.