موسكۋا مىتروسىغا، جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇش كۈچى قوشۇلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار تۇردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-18 19:19

رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋاغا بارسىڭىز، كونا ئاربات كوچىسى، قىزىل مەيدان قاتارلىق بەلگە خراكتېرلىك جايلاردىن باشقا يەنە مىترونى چوقۇم ئايلىنىپ چىقىشقا ئەرزىيدۇ.

سۈپسۈزۈك ئاسما چىقراقلار، رەڭگارەڭ تام رەسىملىرى، تۈرلۈك شەكىلدىكى ھەيكەللەردىن ئاجايىپ گۈزەل بىر يەر ئاستى بوشلۇقى شەكىللەنگەن. مىتروغا چىقىپ، ئۇنىڭ تاقىلدىغان رېتىمىغا ئەگىشىپ، بىر بىرىگە ئوخشىمايدىغان بېكەتلەردىن ئۆتكەندە، بۇ خىل زامان-ماكان سەپىرى تۇيغۇسىنى پەقەت ئەڭ گۈزەل يەر ئاستى سارىيى دەپ تەرپلىنىدىغان موسكۋا مىتروسىدىلا ھىس قىلالىشىڭىز مۇمكىن.

20-ئسىرنىڭ 30-يىللىرىدا سېلىنغان بۇ غايەت زور يەر ئاستى مىترو تورى دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىراش مىترو سىسىتېمىسىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ھازىر يەنە ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان موسكۋا مىتروسىغا، جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇش كۈچى قوشۇلدى.

جۇڭگو مىترو پاي چەكلىك شىركىتى موسكۋا مىترو تۈرىنىڭ دىرىكتورى شۆ لىچاڭ مۇنداق دېدى: 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا زور تۈركۈمدىكى جۇڭگو ئوقۇغۇچىسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ مىترو تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەن. سوۋېت مۇتەخەسىسلىرىمۇ جۇڭگونىڭ تۇنجى مىتروسى بولغان بېيجىڭ مىتروسى بىرىنچى لېنىيەسىنى لايىھەلەش جەريانىدا ياردەم بەرگەن. شۇنداق دېيىشكە بولۇدىكى بىزنىڭ ھازىر موسكۋاغا بېرىپ مىترو ياسىغانلىقىمىز «ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ ئۆيى»گە بارغانغا ئوخشاش.

جۇڭگو مىترو پاي چەكلىك شىركىتى موسكۋا مىتروسى 3-پويىز ئالمىشىش لېنىيەسىنىڭ 4.6 كىلومېتىر يولىنى ياساش توختامىغا ئېرىشتى. بۇ ئۈچ بېكەتنىڭ ئومۇمىي گەۋدە قۇرۇلمىسى قۇرۇلۇشى، 4 قېزىش بوشلۇقى، 9 تونىلنىڭ قورۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ لېنىيە بارلىق لېنىيە ئىچىدىكى قۇرۇلۇش شارائىيىتى ئەڭ مۇرەككەپ بىر بۆلەك.

شۆ لىچاڭ مۇداق دېدى: بەزى بېكەتلەرنى 15 مېتىر كولىمايلا سۇ چىقىپ كەتكەچكە، ئۇل سېلىش تەسكە توختىدى، بەزى بېكەتلەر دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولدى. بىز جانلىق قۇرۇلۇش قىلىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، بۇ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدۇق.

ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو مىترو پاي چەكلىك شىركىتى موسكۋا مىترو تۈرىدە قۇرۇلۇش ۋە باشقۇرۇش خادىمىدىن 100 دىن ئارتۇقى بار بولۇپ، نەق مەيدان قۇرۇلۇشچىلىرى 700 دىن ئاشىدىكەن، جۇڭگولۇق ۋە رۇسىيەلىك خادىملار يېرىمدىن ئىگىلەيدىكەن.

بۇ يىل 50 ياشقا كىرگەن كونىستانتىن جۇڭگو مىترو پاي چەكلىك شىركىتى موسكۋا مىترو تۈرىنىڭ باش مىخانىكى بولۇپ، 27 يىللىق مىترو قۇرۇلۇشى تەجرىبىسىگە ئىگە. جۇڭگو مىترو پاي چەكلىك شىركىتى موسكۋا مىترو تۈرى تەكلىپ قىلغان تۇنجى چەتئەللىك ئېنژىنېر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ بارلىق چوڭ تىپتىكى جابدۇقلارنىڭ تىپىنى تاللاش، سېتىۋېلىش، ئاسراش ۋە تېخنىكىلىق ياخشىلاش خىزمىتىگە مەسئۇل. جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ قۇرۇلۇش قىلىش ئۆلچىمى ۋە تېخنىكىسى جەھەتتە پەرىق بولغانلىقتىن، ئۇ جۇڭگو مىترو پاي چەكلىك شىركىتى موسكۋا مىترو تۈرىنىڭ تونىل باش ئىنژىنېرى خو جيۇيۈەن بىلەن دائىم تىركىشىپ قالاتتى.

مىترونىڭ قۇرۇلۇش قىلىش ھالقىلىرى بىر قەدەر كۆپ، دائىم بىر مەسىلىنى دەپ تالاش-تارتىش قىلىشاتتى. بەزىدە قايسى جابدۇقنى تاللاپ ئىشلىتىش مەسىلىسىنىلا بىر ئايدىن ئارتۇق تالىشاتتى. كونىستانتىن مۇنداق دېدى: بىراق ھازىر بىز تولۇق چىقىشىپ كەتتۇق. جۇڭگو ئېنژىنېرىنىڭ كەسىپنى سۆيۈش روھى ۋە جۇڭگونىڭ تېخنىكا سەۋىيىسىگە قائىل بولدۇم.

ھازىر جۇڭگو مىترو پاي چەكلىك شىركىتى مۇستەقىل لايىھەلەپ تەتقىق قىلىپ چىققان «مارىيە» ناملىق 5 قېزىش ماشىنىسى بىرلا ۋاقىتتا يەر ئاستىدا مەشخۇلات قىلماقتا. بۇ بەش قېزىش ماشىنىسىنىڭ ناملىرى رۇسىيەدە قىزىپ كەتكەن «دادامنىڭ قىزلىرى» ناملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرىدىكى پېرسۇناژلارنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان بۇلۇپ، بۇ رۇسىيەلىك خادىملارنى تەسىرلەندۈردى.

رۇسىيەلىك قۇرۇلۇش رايونى باشلىقى ئالېكساندېر مۇنداق دېدى: گەرچە تىل جەھەتتە توسالغۇ بار بولسىمۇ، ئەمما جۇڭگولۇق كەسىپداشلار بىلەن چىقىشماق ئاسان، ناھايىتى كۆڭۈللۈك. خىزمەتتىن باشقا ۋاقىتلاردا دائىم بىللە تاماق يەپ، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىمىز. ئۇ يەنە جۇڭگو مىترو پاي چەكلىك شىركىتى تەكلىك قىلغان ئوقۇتقۇچى ئارقىلىق خېلى كۆپ خەنزۇچە تۇرمۇش تىللىرىنى ئۆگىنىۋالدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خىزمەت قىلىشى تېخىمۇ قولايلاشتى، جوڭگولۇق كەسىپداشلىرى بىلەن تېخىمۇ چىقىشىپ كەتتى.

شۆ لىچاڭ مۇنداق دېدى: ھازىر جۇڭگو كۈچى موسكۋانىڭ مىترو قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇچقانداق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولماقتا. بىزنىڭ 12 سائەتتە ياراتقان ئەڭ يۇقۇرى قېزىش ئارىلىقىمىز 21 مېتىر، بىر كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى رىكورتىمىز 35 مېتىر. بىز مۇۋاپىق ۋاقىتتا رۇسىيەنىڭ ھەر ئايدا 800 مېتىر قېزىشتەك ئەڭ يۇقۇرى رىكورتىنى بۇزۇپ بېقىشقا ئۇرۇنۇپ باقىمىز.

جۇڭگو مىترو پاي چەكلىك شىركىتى ياخشى نوپوزى ۋە ئىلغار تېخنىكىسى بىلەن رۇسىيە شىركىتىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى. ئالدىنقى ئايدا جۇڭگو مىترو پاي چەكلىك شىركىتى يەنە موسكۋا مىترو تۈرى 3- پويىز ئالمىشىش لېنىيەسىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى 2.947 كىلومېتىر يولىنى قېزىش توختامىغا ئېرىشتى.

موسكۋا شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇسنۇلىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو مىترو پاي چەكلىك شىركىتى موسكۋانىڭ مىترو قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان تۇنجى جۇڭگو قۇرۇلۇش شىركىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، موسكۋا مىترو تۈرىدىكى كۆپلىگەن مۇرەككەپ يول قۇرۇلۇشىلىرىنى ئۈستىگە ئالدى. جۇڭگو قۇرۇلۇشچىلىرى موسكۋانىڭ مىترو قۇرۇلۇشىغا يېڭى تەجرىبىلەرنى ئېلىپ كەلدى، كەلگۈسىدە جۇڭگولۇق شېرىكلىرىمىز بىلەن تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىشىشنى كۈتمەكتىكەن.

يېقىندا جۇڭگو مىترو پاي چەكلىك شىركىتى موسكۋا مىترو تۈرىنىڭ 3-پويىز ئالمىشىش ئايلانما لېنىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىي بۆلۈكى تۈرىنىڭ دەسلەپكى لايىھەلەش ھۆججىتى بىر قېتىمدىلا رۇسىيە مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ تەستىقىغا ئېرىشتى. بۇ لايىھە ھۆججىتىگە ئاساسەن، جۇڭگو مىترو پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇش قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان مىچۇرىن بېكىتى «جۇڭگو شامىلى» قىياپىتىدە موسكۋا مىتروسىدا نامايان بولىدۇ. شۇ ۋاقىتتا «جۇڭگو قىزىلى» قاتارلىق ئامىللار «ئەڭ گۈزەل يەر ئاستى سارىيى»غا جۇڭگو قىياپىتى قوشىدۇ.