ئاسسانگى تاشلىۋېتىلدى، تەھلىلچىلەر: ئېكۋادور ئامېرىكىغا ئال تاۋىقىم يان تاۋىقىم قىلامدۇ-قانداق؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-04-15 09:24

 

«ۋىككىلىكىس» تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى جۇلىئان ئاسسانگى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى ئەنگلىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېكۋادورنىڭ ئەنگلىيەدىكى باش ئەلچىخانىسىدىن ئېلىپ چىقىلدى، ئارقىدىن ئامېرىكا تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى، ئۇ ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى مۇمكىن. ئېكۋادور ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى ئەتىگەندە ئاسسانگىغا بەرگەن دىپلوماتىيە پاناھلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئېكۋادور تەۋەلىكىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىدى.

نۇرغۇن سىياسىي تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: ئەڭ يېڭى يۈزلىنىش ئېكۋادورنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرىكى ھۆكۈمەت قالدۇرغان دىپلوماتىيە يۈكىدىن قۇتۇلۇپ، ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئاسسانگى 2012-يىلى كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن مەزگىلدە ئېكۋادورنىڭ ئەنگلىيەدىكى باش ئەلچىخانىسىغا كىرىپ پاناھلىق ئىزدىگەن. ئېكۋادورنىڭ شۇ چاغدىكى زۇڭتۇڭى رافائېل كوررېيا ئاسسانگىنىڭ ئىلتىماسىغا قوشۇلغان، بۇ ئېكۋادورنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل بۇزۇلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.

ئېكۋادور بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىشى 2007-يىلى كوررېئا ئامېرىكىنىڭ ئېكۋادورنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تىنچ ئوكيان قىرغىقىدىكى بىر ھەربىي بازىنى داۋاملىق ئىجارىگە ئېلىشىغا رۇخسەت قىلمىغانلىقتىن باشلانغان. كوررېئا ئەينى ۋاقىتتا: ئامېرىكا ئېكۋادورنىڭ ئامېرىكىنىڭ مىئامىدا ئوخشاشلا بىر ھەربىي بازا قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلمىسا، ئېكۋادور ئامېرىكىنىڭ داۋاملىق ئىجارە ئېلىشىغا قوشۇلمايدۇ، دېگەن.

كوررېئا ئامېرىكا نۇرغۇن قېتىم مېنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىدى ۋە نازارەت قىلدى دەپ ئەيىبلىدى. ئاسسانگىنى ئېلىپ قېلىشتىن بىر يىل ئىلگىرى كوررېيا ئامېرىكىنىڭ ئېكۋادوردىكى باش ئەلچىسىنى قوغلاپ چىقاردى. بۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يامانلاشتى.

ئاسسانگى ئېكۋادور ئەلچىخانىسىدا تۇرغاندىن كېيىن، داۋاملىق ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كۆرسەتتى. ئۇ بەزىدە تۇرار جايىدا ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتچىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، تور ئارقىلىق ئامېرىكىغا سۆز قىلدى. ئۇ ئەلچىخانىدا باققان بىر مۈشۈك ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا تونۇلۇپ كەتتى.

- 2017 يىلى كوررېئانىڭ ياردەمچىسى لەينىن مورېنو يېڭى زۇڭتۇڭلۇققا سايلاندى. ئاسسانگىنىڭ كۈنلىرى بارغانسېرى تەسلىشىپ كەتتى، ئۇنىڭ ئەلچىخانا خادىملىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىپ، قوغلىۋېتىلىش ئېھتىماللىقى بولغان پىتنە پاساتلار پەيدا بولدى. ئەلچىخانا دائىرىلىرى ئاسسانگىنىڭ تورىنى نۇرغۇن قېتىم ئۈزۈۋېتىپ، ئۇنى ئېكۋادور ھۆكۈمىتىگە پايدىسىز ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىدى دەپ ئەيىبلىدى.

ئېكۋادورنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى خوسې بالېنسىيە 4-ئاينىڭ 11-كۈنى پارلامېنتتا كىچىكى ئاسسانگىنىڭ باشقىلارنىڭ ئارامىنى بۇزغانلىقىدىن چوڭى ئۇنىڭ ئېكۋادورغا تەھدىت پەيدا قىلغانلىقىغىچە بولغان توققۇز تۈرلۈك قوغلاپ چىقىرىش سەۋەبىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كوررېئا ھۆكۈمىتى ئۇدا نەچچە يىل نېفىت ئېچىش پايدىسىغا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن، ئامېرىكا بىلەن تىغمۇ تىغ قارىشىلىشالايدىغان بولغان. ھوقۇقنى مورېنو ئۆتكۈزۈۋالغاندا، نېفىت ۋە باشقا ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ باھاسى چۈشۈپ، ئىقتىساد چېكىنىپ، تاشقىي ياردەم تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكىغا يېقىنلاشقان.

ئېكۋادور يېقىندا خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، 4 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز ئالدى. ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى پېنسى بۇلتۇر ئېكۋادوردا زىيارەتتە بولۇپ، مورېنونىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

ئامېرىكا توررىنو كاپىتال شىركىتىنىڭ باش تەھلىلچىسى فرانسىسكو رودرىگۇس: ئېكۋادورنىڭ ئاسسانگىغا قاراتقان دىپلوماتىيە پاناھلىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى «ئامېرىكىغا سىياسىي جاۋاب قايتۇرۇش» ئۈچۈندەك قىلىدۇ دېدى.

ئېكۋادورنىڭ سىياسىي تەھلىلچىسى ھېرناندېز: ئېكۋادورلۇقلارنىڭ ئاسسانگىغا بولغان ھېسداشلىقى كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلىدى، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى «سىياسىي يۈك» دەپ قارىدى، ئۇنى ئەلچىخانىدا بېقىش تەننەرخى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتتى، ئۇنىڭ قىلغاننى بىلمەسلىك پوزىتسىيەسى كىشىنى يېرگەندۈرىدۇ دېدى.

ئاسسانگىنى قوللايدىغان سابىق زۇڭتۇڭ كوررېيا ھازىر بېلگىيەدە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، 2012-يىللىق سىياسىي تۇتقۇن قىلىش دېلوسىغا چېتىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئەدلىيە ئورگانلىرى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان. ئۇ 4-ئاينىڭ 11-كۈنى: مورېنونى «قورقۇنچاق»دەپ تەنقىد قىلىپ، «ۋىككىلىكىس» ئۇنىڭ چەتئەلدىكى مۈلكىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقى سەۋەبىدىن ئاسسانگىدىن ئۆچ ئېلىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىدى.

ئاسسانگى بۇ يىل 47 ياشتا بولۇپ، 2006-يىلى «ۋىككىلىكىس» تور بېكىتىنى قۇرغان.

بۇ تور بېكىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 2010-يىلى ئافغانىستان ئۇرۇشى ۋە ئىراق ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن مەخپىي ھۆججەتلىرىنى ئاشكارىلىغان. 2010-يىلى ئاسسانگى باسقۇنچىلىق قىلىش ۋە جىنسىي دەخلى-تەرۇز قىلىش گۇمانى بىلەن شىۋېتسىيە تەپتىش ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئەنگلىيەدە تۇرغان بولۇپ، ئەنگلىيە ساقچىلىرى قولغا ئالغاندىن كېيىن، بارلىق جىنايەت ناملىرىنى ئىنكار قىلىپ، شىۋېتسىيەگە بېرىپ تەكشۈرۈشنى رەت قىلغان، بۇنىڭ سەۋەبى ئامېرىكىغا ئېلىپ بېرىلسا، ھەتتا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىمالى بولغانلىقىدا.

ئەنگلىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى 2012-يىلى ئاسسانگىنى شىۋېتسىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھەققىدە كېسىم چىقارغان. ئاسسانگى شۇ يىلى 6-ئايدا كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن مەزگىلدە ئېكۋادورنىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىغا كىرىپ، 2018-يىلى 1-ئايدا ئېكۋادور دۆلەت تەۋەلىكىگە ئېرىشكەن.