سومالىنىڭ خەۋپسىزلىك ئىشلىرى ئېغىر خېرىسقا دۇچ كەلمەكتە
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-04-15 17:45

سومالىنىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى يېقىندىن بۇيان ئۈزلۈكسىز يامانلىشىشقا باشلاپ، خەۋپسىزلىك ئىشلىرى ئېغىر خېرىسقا دۇچ كەلمەكتە.

يېقىنقى بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، سومالىدا ئارقا-ئارقىدىن تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بۇ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە تەسىر يەتكۈزدى.

ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدا پايتەخت موقدىشودا ئاپتوموبىل بومبا ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 11 ئادەم قازا قىلدى. ھازىر ھېچقانداق تەشكىلات بۇ ھۇجۇمنى پەيدا قىلغانلىقىنى جاكارلىمىدى. 3 -ئاينىڭ 23-كۈنى ئەسەبىي تەشكىلات سومالى «ياشلار پارتىيەسى» سومالى ئەمگەك مىنىستىرلىقى بىناسىغا ھۇجۇم قىلدى، ئەمگەك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئابدۇللانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 كىشى قازا قىلدى؛ 2 -ئاينىڭ 28-كۈنى سومالى «ياشلار پارتىيەسى» نىڭ ئەزالىرى موقدىشودا ئىككى قېتىم ئاپتوموبىل بومبا ئارقىلىق پارتلىتىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلدى، ئارقىدىن بىر ئىمارەتنى ئىگىلەپ،ئەتراپتىكى ئاشخانا ۋە سودا ئەسلىھەلىرىنى ئوققا تۇتۇپ، 30 نەچچە ئادەمنىڭ قازا قىلىشى،80 نەچچە ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. سومالىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا، سومالى ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ۋە ئامېرىكا ئارمىيەسى «ياشلار پارتىيەسى »نىڭ نىشانىغا داۋاملىق بىرلىشىپ زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، مەزكۇر تەشكلاتنىڭ 200 دىن ئارتۇق قوراللىق ئۇنسۇرنى ئېتىپ تاشلىدى.

سومالى «ياشلار پارتىيەسى» بۇ دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسمىدىكى كۆپ قىسىم رايونلاردا جانلىنىپ كەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سومالى ھۆكۈمىتى ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ ياردىمىدە،«ياشلار پارتىيەسى» قوراللىق كۈچلىرىنى تەدرىجىي مۇھىم شەھەردىن قوغلاپ چىقاردى.بۈگۈنكى كۈندە « ياشلار پارتىيەسى» ئەزالىرى يۇشۇرۇن ھەرىكەت قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتلىق پارتلىتىش قۇرۇلمىسى ئورنىتىش ۋە قاراتمىلىقى بولغان ھالدا يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، خەۋىپسىزلىك تەھدىتى پەيدا قىلماقتا.

يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 2461 - نومۇرلۇق قارارنى بىردەك ماقۇللاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سومالىغا ياردەم بېرىش ئۆمىكىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى 2020 - يىلى 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە ئۇزارتىشنى قارار قىلدى. بىرلەشمە ياردەم بېرىش ئۆمىكى 2013 - يىلى 6 - ئايدا قۇرۇلغان، خەۋپسىزلىك كېڭىشى بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىرلەشمە ياردەم بېرىش ئۆمىكىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى كۆپ قېتىم ئۇزارتتى.قارارغا ئاساسەن، بىرلەشمە ياردەم بېرىش ئۆمىكى سومالى ھۆكۈمىتى ۋە ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سومالىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن ئۆمىكىنى داۋاملىق تىنچلىق قۇرۇلۇشى ۋە سىياسىي قۇرۇلۇشقا ئالاقىدار ئىستراتېگىيەلىك مەدەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سومالى ھۆكۈمىتى ۋە ھەر قايسى ئىشتاتلارنىڭ خەۋىپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ ئاچقۇچلۇق ئىسلاھاتىنى تېزلىتىشىگە دەۋەت قىلىدۇ. بۇ قاراردا بىرلەشمە ياردەم بېرىش ئۆمىكى ھەر 120 كۈندە خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە تاپشۇرىدىغان دوكلاتىنىڭ قېتىم سانى ھەر 90 كۈندە بىر قېتىم قىلىپ تەڭشىلىدۇ، يەنە سومالى تەۋەسىدە داۋاملىق يۈز بەرگەن بالىلارنى خورلاش قىلمىشىنى ئەيىبلەيدۇ، بولۇپمۇ سومالى «ياشلار پارتىيەسى» نىڭ بالا ئەسكەرلەرنى قوبۇل قىلىش، تۇتقۇن قىلىش ۋە بالىلارغا زورلۇق بىلەن تاجاۋۇز قىلىش قىلمىشىنى ئەيىبلەيدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېررورلۇقنىڭ ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا بولغان تەھدىتى كۆپەيدى. سومالى «ياشلار پارتىيەسى» بىلەن «بازا» تەشكىلاتىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى ئۇنىڭ تېررورلۇق تەسىرىنى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرگە تارقاتتى.سومالى ۋەزىيىتىنى كۆزىتىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» ئىراق ۋە سۈرىيەدە ئومۇميۈزلۈك مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، سومالىنى «يېڭى تايانچ بازا » قىلىشقا ئۇرۇندى.سومالى ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى: ئىسلام دۆلىتىدىكى جەڭ قىلغۇچىلار ئوتتۇرا شەرقتىن ئافرىقىغا يۆتكىلىۋاتىدۇ، شۇڭا تەدبىر قوللىنىشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك دەپ تەكىتلىدى.

بەزى تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، سومالى ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقايسى ئىشتاتلارنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ئېغىر دەرىجىدە يېتەرسىز بولۇپ، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا پۇرسەت بارئىكەن.سومالى ھۆكۈمەت ئارمىيەسىدە ھەربىي ئىشلار يېتىشمەسلىك، ۋاسىتە بىرلا خىل بولۇش، قورال - جابدۇق قالاق بولۇش ۋە ئاخبارات كەمچىل بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سومالى مەسىلىسىگە قارىتا قوللانغان ھەربىي ۋاسىتىسى ئەكسىچە ۋەزىيەتنىڭ داۋالغۇشىنى مەلۇم دەرىجىدە ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. تېررورلۇقنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىشتا، خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە تاشقى كۈچ ياردىمىدىن باشقا، مۇھىمى يەنىلا سومالىنىڭ ئۆز مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا تايىنىش كېرەك.