خەلقئارادا قارشىلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغا ئەگىشىپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداش نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيەتكە ئايلاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-04-15 17:44

كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداش دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپىسى.بىر تەرەپچىمىلىك باش كۆتۈرۈۋاتقان، قارشىلىشىش خەۋپ - خەتەرى ئۆرلەۋاتقان خەلقئارا مۇھىتتا، كىشىلەر شامالغا قارشى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان ئوڭ يۆنىلىشلىك كۈچكە موھتاج.

يېقىندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ يېڭى، كونا سەككىز رەئىسلىرى كۆپ تەرەپچىلىكنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مەخسۇس سۆھبەت ئېلىپ باردى، مىيۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنىدا «خەلقئارا ھەمكارلىقنى تەشەببۇس قىلىش، كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداش» باش تېما قىلىنىپ مۇزاكىرە قىلىندى، ياۋروپادىكى ئالتە دۆلەت رەھبەرلىرى كۆپ تەرەپچىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى، يەنە جۇڭگو، فىرانسىيە كۆپ تەرەپچىلىكنى ئورتاق قوغداش، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا قوشما بايانات ئېلان قىلدى ھەمدە فىرانسىيە، گېرمانىيە يېقىندا «كۆپ تەرەپچىلىك ئىتتىپاقى» قۇرۇش تەكلىپىنى بەردى، بۇلارنىڭ ھەممىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك يۈزلىنىشىكە قارشى تۇرۇشتىكى ئاكتىپ ھەرىكىتى. بۇ ھەققانىي سۆز-ھەرىكەتلەر دۇنياغا ئېنىق سىگنال بەردى: كۆپ تەرەپچىلىك يەنىلا ھازىرقى خەلقئارا تەرتىپنىڭ ئۇل تېشى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆپ تەرەپچىلىكنى قوللاش ساداسى يەنىلا يېتەكچى كۈچ، دۇنيا ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كۆپ تەرەپچىلىككە تېخىمۇ موھتاج.

كۆپ تەرەپچىلىكنى كۈچەيتىش بىر خىل تاللاش ئەمەس، بەلكى بىر خىل مەجبۇرىيەت. 73- نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ رەئىسى ئېسپىنوسا سايلانغاندىن كېيىن بۇ پوزىتسىيەنى ئېنىق بىلدۈردى. دەرۋەقە، كۆپ تەرەپچىلىك تارىخىي تەرەققىياتنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ھەرقايسى ئەل خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە ئەڭ ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇقەررەر يول. كۆپ تەرەپچىلىك داغدام يول. كۆپ تەرەپچىلكتە چىڭ تۇرۇش كېرەكمۇ - يوق دېگەن مەسىلە ئەمەس، بەلكى قانداق قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە. بىر تەرەپچىلىك يالغۇز ئاياغ كۆۋرۈك. ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بىر تەرەپچىلىك يولدا مېڭىپ، ئورتاق مەنپەئەتكە ئېتىبار بەرمەسلىك تارىخىي ئېقىمغا قارشى ھەرىكەت بولۇپ، چوڭ ئىستىقبالغا ئىگە بولالمايدۇ.

نۆۋەتتە، كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىسى» نىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان كۆپ تەرەپچىلىك سىستېمىسىنى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى يادرو قىلىنغان كۆپ تەرەپچىلىك سودا تۈزۈلمىسىنى ياخشى قوغداش. بۇ خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانى ۋە كۆپ تەرەپچىلىك سىستېمىسى خەلقئارا جەمئىيەت ئۇزاق مۇددەت تارىخىي تەجرىبە ۋە ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىش ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئىرادىسى نامايان قىلىنغان، تارىخ تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان تىنچلىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى.

دۇنيا ئىشلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك كۆپ تەرەپچىمىلىكنى، كۆپ تەرەپچىمىلىكنىڭ تېخىمۇ كۆپ تىنچ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ مۇقەررەر ھالدا ھازىرقى كۆپ تەرەپچىلىكنى ئىسلاھ قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. لېكىن، بۇ خىل ئىسلاھات ھەممىنى ئىنكار قىلىپ قايتىدىن قىلىش ياكى باشقسىنى تاللاش بولماستىن، بەلكى تەرتىپ بويىچە تەدرىجىي دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت. كۆپ تەرەپچىلىكنىڭ ئەڭ ئاساسىي قائىدىسىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇش، يەنى خەلقئارادىكى ئىشلارنى ھەرقايسى دۆلەتلەر مەسلىھەتلىشىپ بېجىرىش، كۆپچىلىك قوشۇلغان قائىدە بويىچە بېجىرىش، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلىرىغا تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى راگارد «يېڭى كۆپ تەرەپچىلىك»نى ئورتاق قۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلغاندا، كىشىلەرگە يەر شارى ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ غەربتىن شەرققە يۆتكىلىشتەك رېئاللىقىنى ئويلىشىشقا ئەسكەرتكەنلىكى دەل دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش تەپەككۇرى.

جۇڭگو «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىسى»نىڭ ئاساسىي مەقسىتىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى باشتىن - ئاخىر قوللاپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى باشتىن - ئاخىر قەتئىي يولغا قويدى. يېڭى خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگونىڭ دەسلەپكى مەقسىتى ئۆزگەرمىدى. مەيلى ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت دۇنياۋى ئىدارە قىلىش قارىشى بولسۇن ياكى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش ئىدىيەسى بولسۇن، ھەممىسى كۆپ تەرەپچىلىكنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنىڭ ئىپادىسى. جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تىنچ تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەققانىيەت بىلەن مەنپەئەتكە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ھەققانىيەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ھەم «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى»نىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى نۇرلاندۇردى، ھەم كۆپ تەرەپچىلىكنىڭ مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيىتىنى بېيىتتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كۆپ تەرەپچىلىكنىڭ ئەڭ مۇھىم تىرىكى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس جۇڭگونىڭ رولىغا يۈكسەك باھا بېرىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارىشىغا ۋەكىللىك قىلدى.

كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ ئىستىقبالى، يەر شارى خاراكتېرلىك خىرىسنىڭ چىقىش يولى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ كەلگۈسى كۆپ تەرەپچىلىك روھنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا باغلىق. كۆپ تەرەپچىلىك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈش، ھەر قايسى دۆلەتلەردە بولۇشقا تېگىشلىك تاللاش، بۇ تىنچ، گۈللەنگەن ئورتاق كەلگۈسىگە تۇتىشىدىغان ئەڭ توغرا يول.