«ئاسىيا مەدەنىيەتلەر ئالماشتۇرۇشى ئۆز ئارا ئۆرنەك قىلىش ۋە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى» باش تېمىسىدىكى ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-05-15 19:06

 ھەر قايسى تەرەپنىڭ ۋەكىللىرى ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنى سەھنىسىگە جەم بولۇپ، ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت تەرەققىيات يولىنى بىرلىكتە كېڭىشىپ، ئاسىيانىڭ ھەمكارلىشىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىش بۈيۈك پىلانىنى بىرلىكتە سۆزلىشىدۇ، بۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تەرەققىياتى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشقا مۇقەررەر ھالدا تۈرتكە بولىدۇ.

گۈزەل ياز پاسلى يېتىپ كەلدى. 5-ئاينىڭ 15-كۈنى، «ئاسىيا مەدەنىيەتلەر ئالماشتۇرۇشى ئۆز ئارا ئۆرنەك قىلىش ۋە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى» باش تېمىسىدىكى ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئېچىلىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ يىغىننىڭ ئېچىلىش موراسىمىغا قاتنىشىدۇ باش مەقسەتلىك نۇتۇق سۆزلەيدۇ ھەمدە ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ. ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنىنى جۇڭگو تەشەببۇس قىلىپ ئۇيۇشتۇرغان، ھەر قايسى تەرەپلەر مەدەنىيەت تەدبىرلىرىنى بىرلىكتە تۈزۈپ، ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەللىكتە بىللە بولىدىغان مەدەنىيەتتە ئۆز ئارا ئۆرنەك قىلىش يېڭى پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئاسىيانىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنىڭ يېڭى كەلگۈسىنى ئاچىدۇ.

ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنى 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى، بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىدىن كېيىن، جۇڭگو بۇ يىل ئۆتكۈزگەن يەنە بىر مەيدان مۇھىم دىپلوماتىيە پائالىيىتى بولۇپ دىققەتنى تارتماقتا. نۇرغۇن چەتئەل مۇتەخەسسى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتنىشىدۇ، ئاسىيادىكى 47 دۆلەت ۋە رايون سىرتىدىكى دۆلەتتىن كەلگەن 2000 نەچچە ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ۋەكىل قاتنىشىپ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى نامايەن قىلدى. ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنى ئاسىيا ۋە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ شانلىق مەدەنىيەت نەتىجىلىرىگە ۋارسلىق قىلىدۇ ۋە ئۇنى نۇرلاندۇرىدۇ، بۇ قېتىمقى يىغىن يېڭىلىق يارىتىش تەپپەككۈرىنى ئۇرغۇتۇش، ئاسىيا بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇزاكىرە قىلىشتىكى ئاسان قولغا كەلمەيدىغان پۇرسەت. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تەرىپلەش سادالىرى مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئاكتىپ قوغداش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە ئۆرنەك قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش گۈزەل ئىستىكىنى ئەكس ئەتتۈردى.

ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تارىخىي ئۇزۇن، مەدىنىيىتى خىلمۇ-خىل، ئاسىيا مەدەنىيىتى دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان. ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ھەيۋەتلىك كۆلىمىگە قارايدىغان بولساق، خۇاڭخې ۋە چاڭجياڭ دەريالىرى ۋادىسىدىن ھىندى دەرياسى ۋە گانگى دەرياسى ۋادىسى، ئېفرات دەرياسى ۋە تىگىرس دەرياسى ۋادىسى ھەمدە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا قاتارلىق رايونلارغىچە، قەدىمىي ۋە كۆپ مەنبەلەشكەن ئاسىيا مەدەنىيىتى ئۆز ئارا گىرەلىشىپ نۇر چېچىپ، بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىدا قەدىمكى ۋە ھازىرقى نۇرلۇق سەھىپىنى ياراتتى. ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت تەرەققىيات تارىخى«مەدەنىيەتنىڭ ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق رەڭدار بولىدىغانلىقى، مەدەنىيەتنىڭ ئۆز-ئارا ئۆرنەك قىلىش ئارقىلىق بېيىيدىغانلىقىدەك» چوڭقۇر قائىدىنى ئىسپاتلىدى.

جۇڭگو «رەڭدار، باراۋەر، سىغدۇرۇشچان» مەدەنىيەت قارىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئارازىلىقنى ھالقىپ ئۆتۈش، مەدەنىيەت جەھەتتە بىر-بىرىگە ئۆرنەك بولۇش ئارقىلىق مەدەنىيەت توقۇنۇشىدىن ھالقىپ ئۆتۈش، مەدەنىيەتتە تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيەت ئەۋزەللىكىدىن ھالقىپ ئۆتۈشنى تەكىتلەپ، «گۈزەللىكنىڭ گۈزەل بولۇشى ئوخشىماسلىقتا» دېگەن شەرق ئەقىل-پاراسىتىنى نامايەن قىلىپ، ئاسىيا بىلەن دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىگە يېڭى نەزەر ۋە يېڭى لايىھە ئاتا قىلدى. دۇنيا شۇنى كۆرۈپ تۇرۇپتىكى، جۇڭگو مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە ئۆز ئارا ئەينەك قىلىشنى تەشەببۇس قىلغۇچى، شۇنداقلا ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكۈچى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇھىم خەلقئارا سورۇنلاردا ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارىي قىلدۇرۇپ يېتەرسىزلىكلىرىنى تولۇقلاپ، تەڭ تەرەققىي قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى، بۇ جۇڭگو رەھبىرىنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى چوڭقۇر ئوي پىكىرى ۋە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرىدۇ. جۇڭگو «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. بىر يۈرۈش ھەر قايسى ساھەلەرنى قاپلىغان ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى ھەمكارلىقى مېخانىزىمى ۋە سەھنىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، كۈنسېرى كۆپ مەنبەلەشكەن ئۆئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەممە گۈللەر تەڭ ئېچىلغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يېڭى قىياپىتى، يېڭى دەۋر مەدەنىيەت يولى دۇنيا خەلقىنىڭ ئالدىدا ئۈزلۈكسىز نامايەن بولماقتا.

چەتئەل مۇتەخەسسلىرىنىڭ، ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنى مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆز ئارا ئۆگىنىش ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش سەھنىسىنى ھازىرلاپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تەرەققىياتى گۈللىنىشىگە تېخىمۇ كۈچلۈك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى دېگەن سۆزلىرى جۇڭگو بىلەن ئاسىيا ھەتتا دۇنيانىڭ مەدەنىيەت زور تەرەققىياتى، زور گۈللىنىشىدىن تەڭ بەھىرىلىنىش ئەسلى مەقسىتىنى ئىپادىلەپ بەردى. ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتنىڭ سىغىشىشى، ئالماشتۇرۇشى ۋە ئۆرنەك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىگە ئاتلىنىشنىڭ مەنىسى، ھەر قايسى تەرەپنىڭ ۋەكىللىرى ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنى سەھنىسىگە جەم بولۇشۇپ، ئاسىيا مەدەنىيەت تەرەققىيات يولىنى تەڭ كېڭىشىپ، ئاسىيانىڭ ھەمكارلىشىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىش زور پىلانىنى تەڭ تۈزىدۇ، بۇ جەزمەن ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تەرەققىياتى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.