چەتئەللىك ئەربابلار: ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشقا سەھنە ھازىرلاپ بېرىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-05-15 19:06

مەدەنىيەتلەر ئالماشتۇرۇش سەۋەبىدىن تېخىمۇ رەڭدار بولىدۇ، مەدەنىيەتلەر ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىش سەۋەبىدىن تېخىمۇ بېيىيدۇ. چەتئەللىك ئەربابلار جۇڭگونىڭ ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشىگە ئىجابىي باھا بېرىپ، بۇ يىغىن-رەڭدار، باراۋەر، سىغدۇرۇشچان مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالماشتۇرۇش، ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىش سەھنىسى ھازىرلاپ، مەدەنىيەتلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسىلىشى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىگە ئايلاندۇرىدۇ دەپ ھېسابلىدى.

لائوس دۆلەتلىك داشۆسى جۇڭگو تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى سىتىسى مۇنداق دېدى: ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ مەدەنىيىتى كۆپ خىل، ھەر قايسى مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆز ئارا ئالماشتۇرىدىغان، ئۆز ئارا ئۆرنەك ئالغىلى بولىدىغان نۇرغۇن تەرەپلەر بار، ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنى ئۆز ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. لائوستىمۇ نۇرغۇن مىللەت بار، ھەر قايسى مىللەتلەر ئوخشىمىغان تىل ياكى شىۋىدە سۆزلىشىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادىتى، ئەنئەنىسى، دىنى بار. بۇ قېتىمقى سۆزلىشىش يىغىنى-يەر شارىغا لائوس مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرىدىغان بىر ياخشى پۇرسەت.

فىلىپپىننىڭ ئاخبارات مىنىستىرى مارتىن ئاندانال قەدىمىي يىپەك يولى-فىلىپپىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان لىنىيە بويىدىكى ھەر قايسى دۆلەت مەدەنىيەتلىرىنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئاستىدا، ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بۇ پۇرسەتتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، ئۆز ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ بېيىتىشى، رەڭدارلاشتۇرۇشى كېرەك دەپ قارىدى.

فىرانسىيە چامبورد مەنزىرىگاھىنىڭ مەئسۇلى ژان دېئوسونۋىل مۇنداق دېدى: ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت پەرقى ئوبيېكتىپ مەۋجۇت بولۇپ، ئۈزلۈكسىز ئالماشتۇرۇش ۋە سۆزلىشىشكە موھتاج، بۇ-ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ ئىناق بىللە تۇرۇشىنى مەقسەت قىلىدۇ. فىرانسىيە دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، مەدەنىيەتلەرنىڭ ئورۇن جەھەتتىن باراۋەر بولۇش پىرىنسىپى ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ كۆپ خىللىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. جۇڭگونىڭ ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈشى-ئىنتايىن مۇھىم، فىرانسىيە بۇنىڭغا يۈكسەك دىققەت قىلىدۇ.

ئامېرىكا كولومبىيە داشۆسى تارىخ فاكولتېتىنىڭ پىروفېسسورى ئامىستىراڭ ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتى. ئۇ يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەر ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر تەڭ بەھرىمەن بولۇۋاتقان تارىخ ۋە مەنبە، ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقى، بۈگۈنكى ئاسىيانىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا يېتەكچىلىك قىلىشىنىڭ ئارقىسىدىكى غايەت زور قۇۋۋەت، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق گۈللىنىش ۋە ھەمكارلىقىنىڭ ئىزدىنىش يولىنى قانداق بەرپا قىلىش قاتارلىق قارالمىلارغا تېخىمۇ كۆپ دىققەت قىلىشى كېرەك دېگەن تەكلىپنى بەردى.

بېرما ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى گېگېلەي مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى سۆزلىشىش يىغىنى ئاسىيادىكى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئاراچۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدۇ، نۆۋەتتىكى ئۇقۇشماسلىق ۋە ناتوغرا ئۇچۇرلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان نۇرغۇن خەلقئارا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرەلەيدۇ. بۇ سەھنىدىن پايدىلىنىپ، ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىش كۈچىيىدۇ، دوستلۇق قويۇقلىشىدۇ. ئۆز ئارا ھەمكارلىق يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ.

ھىندىستان مەدەنىيەت مۇناسىۋىتى كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى چاندىرا مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت ئەزەلدىن ئىنسانىيەتكە ئورتاق، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى مەدەنىيەت سۆزلىشىشىگە تايىنىدۇ. شۇڭا، مەن جۇڭگونىڭ ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىشىنى قانات يايدۇرسا ھەر قايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ئۈنۈملۈك ئالماشتۇرىلىدۇ.

گرېتسىيە زۇڭتۇڭى پاۋلوپولوس مۇنداق دېدى: نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان، بىز قىلچە تارىخىي ئاساسىي يوق نەزەرىيەنىڭ دەخلى-تەرۇزىگە ئۇچراپ كەلدۇق، ئالايلۇق، ئاتالمىش «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى كەلگۈسى توقۇنۇشنىڭ يېتەكچى ئەندىزىسى» دېيىلگەن «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى نەزەرىيەسى»نى كۆپتۈرۈش غايەت زور خاتالىق، چۈنكى ھەقىقىي مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش بولمايدۇ، ھەقىقىي مەدەنىيەتلەر ئۇتتۇرىسىدا بەزىدە پەقەت ئۆز ئارا ئالاقىلىشىش كەم بولىدۇ ياكى ئالاقىلىشىش يولى ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ خالاس. بىز بۇ يوللارنى قايتىدىن قۇرۇشىمىز، بۇ خىل ئالاقىنى جەزمەن قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرىشىمىز كېرەك. مانا بۇ ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەر ئارا سۆزلىشىش.

ھىندىستان نېخرۇ داشۆسى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى سېرىكات كۇڭداپارى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئۆتكۈزىدىغان ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئورتاق تەرەققياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن زۆرۈر ۋە مۇھىم. كىشىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتنى چۈشىنىشىگە شۇنداقلا سۆزلىشىش ئارقىلىق ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىشقا پايدىلىق. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى تېخىمۇ قويۇق ۋە مۇستەھكەم قىلىدۇ.