پرايۇت ئۇدا تايلاند زۇڭلىسى بولۇپ سايلاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-06-11 15:04

تايلاند زۇڭلىسى پرايۇت 6-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارلامېنتنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ئىككى پالاتا يىغىنىدا تايلاندنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭلىسى بولۇپ سايلاندى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: گەرچە يېڭى سايلام قانۇنى پرايۇتنىڭ زۇڭلىلىققا يەنە بىر قېتىم تەيىنلىنىشىدىكى ئاچقۇچلۇق ئامىل بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىمقى زۇڭلى سايلىمى كېيىنكى سىياسىي ئۆزگىرىش مەزگىلىدە تايلاند سىياسىتىنىڭ نۇرمال ھالەتكە قايتىپ كېلىشىدىكى بىر خىل يېڭى سىناقنى باشلاپ بەردى، شۇنداقلا بەزى تايلاند خەلقىنىڭ سىياسىي قالايمىقانچىلىق ۋە ئىقتىسادنىڭ پەسكويغا چۈشۈپ قېلىشىغا خاتىمە بېرىش ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

2014- يىلى تايلاند ھەربىي تەرەپ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، يىڭلاك رەھبەرلىكىدىكى تايلاند ئۈچۈن پارتىيەسى ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى، شۇ چاغدىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى پرايۇت زۇڭلى بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن تايلاند جەمئىيىتىنىڭ قايتا سايلام ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىش ساداسى ئۈزۈلمىدى. بۇ يىل 3-ئايدا تايلاندتا پارلامېنت تۆۋەن پالاتا سايلىمى قايتىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، 500 نەپەر تۆۋەن پالاتا ئەزاسى بارلىققا كەلدى. يېڭى ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن، يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن 500 نەپەر تۆۋەن پالاتا ئەزاسى ھازىرقى 250 نەپەر يۇقىرى پالاتا ئەزاسى بىلەن بىرلىكتە زۇڭلى نامزاتىنى ئاۋازغا قويدى.

پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسىدا، پرايۇتنى قوللايدىغان خەلق دۆلەت كۈچى پارتىيەسى 116 ئورۇننى ئىگىلەپ، بەش كىچىك پارتىيە بىلەن بىرلىشىپ پرايۇتنى زۇڭلى نامزاتى قىلىپ كۆرسەتتى. 137 ئورۇنغا ئىگە تايلاند ئۈچۈن پارتىيەسى يېڭى كەلگۈسى پارتىيەسى قاتارلىق ئالتە پارتىيە-گۇرۇھ بىلەن بىرلىشىپ، يەتتە پارتىيە ئىتتىپاقى تەشكىللەپ، يېڭى كەلگۈسى پارتىيەسىنىڭ باشلىقى تاناتوننى زۇڭلى نامزاتلىقىغا كۆرسەتتى.

زۇڭلى سايلىمىغا ئاۋاز بېرىشتىن ئىلگىرى، يەتتە پارتىيە ئىتتىپاقىدىن باشقا پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ كۆپىنچىسى خەلق دۆلەت كۈچى پارتىيەسى لاگېرىغا قاتناشتى. يۇقىرى پالاتادىكى 250 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى پرايۇت رەھبەرلىكىدىكى مەملىكەتلىك تىنچلىق تەرتىپىنى ساقلاش كومىتېتى تەرىپىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ بارلىققا كەلگەن بولۇپ، پرايۇتقا تەبىئىي مايىل دەپ قارالغان. ئاخىرىدا، پرايۇت ئىككى پالاتادا جەمئىي 500 ئاۋازغا ئېرىشىپ، تاناتۇننىڭ 244 ئاۋازىدىن ئېشىپ، يەنە بىر قېتىم زۇڭلى بولدى.

يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان، تايلاند پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى ئىزچىل سابىق زۇڭلى تاكسېن پارتىيەسى ۋە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رىقابەت سەھنىسى بولۇپ كەلدى. 1997-يىلىدىكى ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى تايلاندنى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىتىپ، شۇ چاغدا ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ 2001-يىلىدىكى سايلامدا تاكسېن رەھبەرلىكىدىكى تايلاند تايلادنى سۆيۈش پارتىيەسىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىغا سەۋەب بولدى. تاكسېن زۇڭلى بولغاندىن كېيىن، تايلاندنى يېتەكلەپ ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈردى، لېكىن ئۇنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇسۇلى دېموكراتلار پارتىيەسى باشچىلىقىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىدى. تايلاند شۇنىڭدىن كېيىن ئون نەچچە يىللىق سىياسىي داۋالغۇشقا پېتىپ قالدى. بۇ مەزگىلدە زۇڭلىنىڭ كۆپىنچىسى تاكسېن پارتىيەسى ۋە دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بارلىققا كەلدى. لېكىن، بۇ قېتىمقى سايلامدا سايلامغا قاتناشقان ئىككى زۇڭلى نامزاتى پرايۇت بىلەن تاناتون تاكسېننىڭ تايلاند ئۈچۈن پارتىيەسىدىنمۇ ئەمەس، دېموكراتلار پارتىيەسىدىنمۇ ئەمەس.

تايلاند ئۈچۈن پارتىيەسى 3-ئايدىكى سايلامدا تۆۋەن پالاتادىكى بىرىنچى چوڭ پارتىيە بولسىمۇ، لېكىن بۇ پارتىيە پارتىيە ئىچىدىن نامزات كۆرسەتمىدى، ھەمدە يېڭى كەلگۈسى پارتىيەسىنىڭ باشلىقى تاناتوننى قوللاشنى تاللىدى.
پارتىيە قۇرۇش تارىخى ئۇزۇن دېموكراتلار پارتىيەسى بۇ قېتىمقى سايلامدا ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، تۆۋەن پالاتادا پەقەت 53 ئورننى ئالدى، شۇ چاغدا دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى بولغان، 2008-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە زۇڭلى بولغان ئابىست پارتىيەنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى. ئابىست سايلام رىقابىتى مەزگىلىدە پرايۇتنىڭ يېڭى زۇڭلى بولۇشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، لېكىن كۆپ ساندىكى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى بېلەت تاشلاپ خەلق دۆلەت كۈچى پارتىيەسى لاگېرىغا كىرىشنى قارار قىلدى، ئابىست6-ئاينىڭ 5-كۈنى پارلامېنت تۆۋەن پالاتا ئەزالىقىدىن ئىستېپا بېرىپ، دېموكراتلار پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ سايلام رىقابىتىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى.

تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: تايلاند 2016-يىلى ماقۇللىغان يېڭى ئاساسىي قانۇندا لايىھەلەنگەن سايلام تۈزۈمى نۆۋەتتىكى تايلاندنىڭ سىياسىي ئەندىزىسىگە زور تەسىر كۆرسەتتى. يېڭى ئاساسىي قانۇندا سايلام ئۇسۇلىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى: بىرىنچى، بىۋاسىتە سايلامدا رايونلارغا ئايرىلىدىغان ئورۇن ئازايدى، رايونلارغا ئايرىلمايدىغان ئورۇن كۆپەيدى؛ ئىككىنچى، رايونلارغا ئايرىلمايدىغان ئورۇننى تەقسىم قىلىشنى ھېسابلاش ئۇسۇلى تەڭشىلىپ، بىۋاستە سايلىنىدىغان رايونلارغا ئايرىش ئورنىغا قانچە كۆپ ئېرىشكەن پارتىيەلەر رايونلارغا ئايرىلمىغان ئورۇننى تەقسىم قىلغاندا شۇنچە كۆپ ئورۇن تۇتۇپ قېلىنىدىغان بولدى؛ ئۈچىنچى، يۇقىرى-تۆۋەن پالاتا ئەزالىرى زۇڭلىنى ئورتاق سايلايدىغان بولدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، يۇقىرى پالاتا ئەزالىرىنىڭ زۇڭلىنى سايلاش ھوقۇقى يوق ئىدى، تايلاند ئۈچۈن پارتىيەسى ئادەتتە تۆۋەن پالاتادىكى بىرىنچى چوڭ پارتىيە بولغاندىن كېيىن ئۆز ئالدىغا كابىنېت تەشكىللەپ، ئۆزىنىڭ زۇڭلىسىنى سايلاپ چىقىدۇ. يېڭى سايلام ئۇسۇلى ئاستىدا، يۇقىرى پالاتادىكى 250 ئاۋاز ھەل قىلغۇچ كۈچكە ئايلاندى. بۇ قېتىمقى سايلامدا تايلاند ئۈچۈن پارتىيەسى تۆۋەن پالاتا سايلىمىدا چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن ئاندىن قەد كۆتۈرۈشى مۇمكىن، پارلامېنت ئورنىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىرىشى تايلاند ئۈچۈن پارتىيەسىنى سايلامدا ئۈستۈن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ناھايىتى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. بۇ سايلام رامكىسى ئاستىدا، بۇنىڭدىن كېيىن تايلاندتىكى پارتىيەلەر سىياسىسىدا قانداق ئۆزگىرىشنىڭ بولىدىغانلىقى كىشىنى ئويغا سالىدۇ.

لېكىن قانداقلا بولمىسۇن، تايلاند ئاممىسى مۇنداق دەپ قارىدى: كۆپ يىللىق سىياسىي بوران چاپقۇننى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، تايلاند خەلقىنىڭ ھازىر تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى شۇكى، يېڭى ھۆكۈمەت تايلاندنى يېتەكلەپ، سىياسىي داۋالغۇش سەۋەبلىك ئىقتىسادىنىڭ كۆپ يىل پەسكويغا چۈشۈپ قېلىش ھالىتىدىن قۇتۇلدۇرالامدۇ يوق. 2006-يىلى ۋە 2014-يىلىدىكى ئىككى قېتىملىق سىياسىي ئۆزگىرىش سەۋەبلىك تايلاندنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتى كۆپ قېتىم تەكرارلاندى. تالاش-تارتىش بولغان كۆپ يىللىق كوچا سىياسىسى تايلاندنىڭ تايىنىشچانلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ساياھەتچىلىك ۋە مۇلازىمەتچىلىكىنى چېكىندۈرۈۋەتتى، پرايۇت يېڭى ھۆكۈمىتى ئىقتىسادنى قانداق قىلىپ قايتا جانلاندۇرىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى سىناق ۋە خىرىس بولۇپ قالىدۇ.