جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش رۇسىيەدىكى ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسىغا ئايلاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-06-11 15:04

جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھەمدە 23-نۆۋەتلىك سانكت پېتېربۇرگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئالدىدا، رۇسىيە مەركىزىي بانكىسى رۇسىيە-جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەيدىغان ئالتۇن، كۆمۈش تەڭگە تارقىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ 70 يىللىق بوران-چاپقۇننى باشتىن كۆچۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكى، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ بارغانسېرى پىشىپ يېتىلىگەنلىكى، مۇقىم ۋە مۇستەھكەم بولغانلىقىنى خاتىرىلىدى.

2013-يىلىدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى كەينى-كەينىدىن ئۇچراشتى. بىر-بىرىنىڭ چوڭ پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشىنى قوللاشتىن «تۇغقان يوقلاش» شەكلىدىكى جۇڭگو-رۇسىيە باشلىقلىرىنىڭ يىللىق ئۆزئارا زىيارەت قىلىش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈشكىچە، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ ھەر قېتىم قول ئېلىشىپ كۆرۈشىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى.

رۇسىيە دۆلەت دۇماسى خەلقئارا ئىشلار كومىتېتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى دىمىترى نوۋىكوۋ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رۇسىيە-جۇڭگو باشلىقلىرىنىڭ ھەر يىلى كۆپ قېتىم ئۇچرىشىشى ياخشى ئەنئەنىگە ئايلاندى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر دوستلۇق رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە پائال تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.

جۇڭگو-رۇسىيە دوستلۇق، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ رۇسىيە تەرەپ رەئىسى بورىس زىتوف مۇنداق دەپ قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭ بىر دانا كىشى، ئۇنىڭ تەپەككۇرى ئەتراپلىق، ھەر قېتىم قارار چىقىرىشتىن بۇرۇن ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئەستايىدىل باھالايدۇ، خۇددى رۇسىيە ماقال-تەمسىللىرىدە تەسۋىرلەنگەندەك، «يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسىدۇ»، يەنى جۇڭگو ئېيتقاندەك «ئويلىنىپ ئىش قىلىدۇ». شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو رۇسىيە بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرىدۇ.

نۆۋەتتە خەلقئارا سودا ۋە مەبلەغ سېلىش پەسكويغا چۈشۈپ قالغان، قورۇقچىلىق كەسكىنلەشكەن بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو-رۇسىيە ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىدا يەنىلا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو رۇسىيەنىڭ 1-چوڭ سودا شېرىكى، رۇسىيە جۇڭگونىڭ 10-چوڭ سودا شېرىكى. 2018-يىلى، ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، ئېشىش سۈرئىتى جۇڭگونىڭ ئاساسلىق سودا شېرىكلىرى ئىچىدە 1-ئورۇندا تۇردى. ھازىر ئىككى تەرەپ 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق نىشانغا قاراپ پۇختا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ.

جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يىراق مۇساپىلىك كەڭ گەۋدىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى ۋە ئېغىر تىپتىكى تىك ئۇچارنى بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ ياساش جەھەتتىكى خىزمىتى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى، سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى ھەمكارلىقى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. رۇسىيە خەلق دوستلۇق داشۆسىنىڭ دوتسېنتى تىموفېيېف مۇنداق دەپ قارىدى: ئىككى تەرەپ يۇقىرى پەن-تېخنىكا ساھەسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى جەھەتتە ئىستىقبالغا ئىگە، ئىككى دۆلەت تېخنىكا، مەبلەغ ۋە كەسىپ ئەۋزەللىكىنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق رىقابەت كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ، ئىككى دۆلەت بازىرىدا سېتىپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ كەڭ بازار ئاچالايدۇ.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ۋە ياۋروپا-ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى قۇرۇلۇشىنى تۇتاشتۇرۇش ھەمكارلىقىدا دەسلەپكى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. شىمالىي قۇتۇپ سۇ يولىنى ئېچىپ پايدىلىنىش، «بىنخەي 1-نومۇر»، «بىنخەي 2-نومۇر» خەلقئارا قاتناش كارىدورى بەرپا قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك ھەمكارلىقلار چوڭقۇرلاشماقتا. 2018 ـ يىلى 5 ـ ئايدا «جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ـ ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىق كېلىشىمى» رەسمىي ئىمزالىنىپ، ياۋروپا ـ ئاسىيا رايونىنىڭ ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىق سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى.

جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ تاغ-دەريالىرى تۇتاش، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى: تۇنجى يامار سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گازى جۇڭگوغا يەتكۈزۈلدى، جۇڭگو-رۇسىيە نېفىت تۇرۇبا يولى 2-لىنىيەسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، جۇڭگو-رۇسىيە شەرقىي لىنىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى جۇڭگو تەرەپنى ئۆز قەرەلىدە گاز بىلەن تەمىنلەيدۇ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يادرو ساھەسىدىكى بىر قاتار ھەمكارلىق كېلىشىملىرى ئوڭۇشلۇق ئىمزالاندى، خېيخې تاشيول كۆۋرۈكى، تۇڭجياڭ تۆمۈر يول كۆۋرۈكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتاشتۇرۇلدى. «ئىككى كۆۋرۈك» تۈرى پۈتكەندىن كېيىن، مۆلچەرلىنىشىچە، ھەر يىلى مال ئۆتكۈزۈش مىقدارى ھەسسىلەپ ئاشىدىكەن، رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق رايونى جۇڭگو بىلەن تېخىمۇ ياخشى ھەمكارلىشالايدىكەن.

يېزا ئىگىلىكى، پۇل مۇئامىلە، پەن-تېخنىكا، تور ئېلېكتىرونلۇق سودىسى قاتارلىق گۈللەنمە ساھەلەردىكى ھەمكارلىق تېز تەرەققىي قىلدى. رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ستېپانوف مۇنداق دېدى: «ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە. نۆۋەتتە، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى قۇلايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسى، ئېلېكتىرونلۇق سودا، مۇلازىمەت سودىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.