فرانسىيە بىلەن ئامېرىكا نورماندىدا قۇرۇقلۇققا چىققانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-06-11 15:04

فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون ۋە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 6-ئاينىڭ 6-كۈنى فىرانسىيەنىڭ شىمالىدىكى كولۋىل ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۇرۇشتا قۇربان بولغان كوماندىر -جەڭچىلىرى قەبرىسىتانلىقى قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن نورماندىدا قۇرۇقلۇققا چىققانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى ھەمدە فىرانسىيەنىڭ شىمالىدىكى كائېن شەھىرىدە سۆھبەتلەشتى.

گەرچە ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقداشلىق تارىخىنى ئەسلەپ ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ خاتىرىلەش پائالىيىتى ئېنىقكى فرانسىيە-ئامېرىكا ۋە ياۋروپا-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى غايەت زور يارىنى ساقايتالمىدى.

ماكرون شۇ كۈنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا سۆز قىلىپ قازا قىلغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ياد ئەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ ئەسكەرلەر «ئەزەلدىن تونۇشمىغان كىشىلەرگە ياردەم قىلدى ھەمدە ئۇلار ئەزەلدىن قەدەم بېسىپ باقمىغان يەرلەرنى ئازاد قىلدى».

ماكرون مۇنداق دېدى: فىرانسىيە، ئامېرىكا «خەلق ئەركىنلىك ئۈچۈن ئىتتىپاقلاشقاندا، ئۇلارنىڭ ھەرقانداق خىرىسقا تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى مەڭگۈ ئۈنتۇپ قالمايدۇ». ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ئاپپاراتلارنى قوللاشنى ھەرگىز توختىتىشقا بولمايدۇ.

ترامپ سۆزىدە نورماندىدا قۇرۇقلۇققا چىقىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ «دوزاخ ئوتى» غا باتۇرلۇق بىلەن يۈزلەنگەنلىكىنى ماختىدى، بۇ «دۆلەتنىڭ پەخرى»،دېدى. ئۇ «بۇ يەردە يىقىلغان كىشىلەر»نى ياد ئەتتى ھەمدە بۇ يەردە جەڭ قىلغان كىشىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈردى.

خاتىرىلەش مۇراسىمىدىن كېيىن، ماكرون بىلەن ترامپ كائېنغا بېرىپ قىسقا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئاشكارا سۆز قىلمىدى.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: خاتىرىلەش پائالىيىتى مەزگىلىدە، فىرانسىيە، ئامېرىكا رەھبەرلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ كونا ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچىنىڭ بارىچە نامايان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن فىرانسىيە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا، ئامېرىكىنىڭ مۇھىم رايون ۋە خەلقئارا مەسىلىلەردە كېلىشەلمەيدىغان قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى يوشۇرالمىدى.

فرانسىيەنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت ئوبزورچىسى يۈلىس گېسەي 6-ئاينىڭ 6-كۈنى شۇ جايدىكى تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: «بۇ بىر مەيدان ئىختىلاپقا تولغان ئۇچرىشىش، مەيلى ترامپ ياكى ماكروننىڭ نەزىرىدە بولسۇن، فىرانسىيە-ئامېرىكا ئىتتىپاقى ئەمدى مەۋجۇت ئەمەس».

يېقىندا، فرانسىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى ۋە ئەسەبىي سولچى پارتىيە «تىز پۈكمەس فرانسىيە» پارتىيەسى ئاممىنى كائېندا ترامپقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

بۇنىڭدىن باشقا، فىرانسىيە تاراتقۇلىرى يېقىندا يەنە بۇلتۇر ترامپنىڭ فىرانسىيەدە زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن، فىرانسىيە بىلەن ماكروننى ئۇددا تەنقىت قىلىش ھەرىكىتىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالدى. بۇلتۇر 11-ئايدا، پارىژدا 1-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقاندىن كېيىن، ترامپ ئامېرىكىغا قايتىپ بېرىپ، ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ئارقا-ئارقىدىن يازما ئېلان قىلىپ، ماكروننىڭ «ياۋروپا ئارمىيەسى» قۇرۇش پىلانىنى ئەيىبلىدى ھەمدە ماكروننىڭ فىرانسىيەدىكى خەلق رايىنىڭ قوللاش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى مەسخىرە قىلدى.

فىرانسىيە خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات ئورنى ئامېرىكا تۈرىنىڭ مەسئۇلى لاۋرېنس ناردون تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ماكرون لاگېرى ماكرون بىلەن ترامپنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش كەچۈرمىشىنىڭ قىسمەن ئوخشاشلىقلىرى بار، ئىككى تەرەپ بەلكىم بىر قەدەر يېقىن شەخسىي مۇناسىۋەت ئورناتسا بولىدۇ، دەپ قارىغان ئىدى. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئىش ئۇنداق ئەمەس.

فىرانسىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى رافارىن 6-ئاينىڭ 6-كۈنى فىرانسىيە تېلېۋىزىيە 4-قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا فىرانسىيەنىڭ بۇرۇنقى ئىتتىپاقدىشى، كەلگۈسىدىكى ئىتتىپاقدىشى بولۇشى ناتايىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئامېرىكا فرانسىيەنىڭ بۈگۈنكى ئىتتىپاقدىشى ئەمەس.

ترامپ ھۆكۈمىتى «ئامېرىكا ئەلا» سىياسىتىنى كۈچەپ يولغا قويدى، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى، سودا تاموژنا بېجى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا يېقىندىن بۇيان ئىرانغا قاتتىق بېسىم ئىشلىتىش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كۇباغا قارىتىلغان جازانى كۈچەيتىپ، ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ يىراقلاشتۇرىۋەتتى.