ياۋروپا ئىتتىپاقى سوغۇققان فىنلاندىيەگە موھتاج
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-10 16:11

فىنلاندىيە بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولدى، ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى 7-ئاينىڭ 4-، 5-كۈنلىرى خېلسىنكىدا ئۆتكۈزۈلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جۇنكېر بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بىرلىكتە فىنلاندىيەدە زىيارەتتە بولدى ھەم فىنلاندىيە يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى لىننى ۋە مىنىستىرلار بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا تېخىمۇ ياخشى ھەمكارلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئاساس سالدى. جۇنكېر كەلگۈسى بىر نەچچە ئايدا، ياۋروپا سوغۇققان فىنلاندىيەنىڭ رەھبەرلىك كۈچىگە موھتاج بولىدۇ دەپ قارىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى فىنلاندىيەنىڭ دىپلوماتىيە ئىقتىدارىغا ياخشى قاراشتا بولدى. جۇنكېر ئەمدىلا فىنلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىلىقىغا تەيىنلەنگەن ئانتى لىننى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: بىزنىڭ فىنلاندىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلەتلىكىنى ئۈستىگە ئېلىشىغا ئۈمىدۋار پوزىتسىيەدە بولۇشقا ئاساسىمىز بار، چۈنكى فىنلاندىيە ئۆزىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بولدى. ياۋروپا ئىشلىرىدا، فىنلاندىيەنىڭ ئىپادىسى بىر قۇرۇغۇچى ئەزا دۆلەتكە تېخىمۇ ئوخشايدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بەزى قۇرۇغۇچى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۇنداق ئىپادىسى يوق.

نۆۋەتتىكى يەر شارى ئەندىزىسىنىڭ تېز تەڭشىلىشى، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىغا پەقەت تۆت ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت قېلىش ئالدىدا، جۇنكېر مۇنداق دېدى: ياۋروپا فىنلاندىيەگە موھتاج، چۈنكى فىنلاندىيەنىڭ خەلقئارا ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا مول تەجرىبىسى بار، ئەمەلىيەتچىل، پۇختا-ئەستايىدىل، سوغۇققان، بۇ-دەل ياۋروپا ئىتتىپاقى كەلگۈسى بىر نەچچە ئايدا ئېھتىياجلىق بولغان ئىش. جۇنكېر فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى ۋە ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئىللىپ كېتىشىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى كۈچلۈك ئىرادىسى، يەنى بۇ يىل ئىچىدە 2050-يىللىق ياۋروپا ئىتتىپاقى «كاربوننى نېيىتراللاشتۇرۇش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېلىشىمى ھاسىل قىلىشىنى قوللايمەن دەپ قايتا تەكىتلىدى.

فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى شاۋىل نىنىستونىڭ لايىھەسىگە ئاساسەن، 6-ئاينىڭ 6-كۈنى قۇرۇلغان فىنلاندىيە يېڭى ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلەتلىكىنى ئۈستىگە ئالغان مەزگىلدە ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىدىغان ئورتاق قىممەت قارىشى ۋە قانۇنچىللىقىنى كۈچەيتىش، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تېخىمۇ رىقابەت كۈچى ۋە ئىجتىمائىي سىغدۇرۇشچانلىققا ئىگە قىلىش، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىلىمات ھەرىكىتى يەر شارى رەھبەرلىك ئورنىنى چىڭىتىش، پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك قوغداشتىن ئىبارەت تۆت ئالدىنقى ئىشنى بېكىتتى. يۇقىرىقى ئالدىنقى ئىشلارنى چۆرىدەپ، فىنلاندىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا، تەرەققىيات، بىخەتەرلىك، تاشقى ھەرىكەت قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئىشلىرىغا نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلىدۇ ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پۈتكۈل تاشقى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى كۈچەيتىدۇ.

كىلىمات ئۆزگىرىشى كۈرىشىدە غەلىبە قىلىش-ھالقىلىق ۋەزىپە. فىنلاندىيە زۇڭلىسى لىننى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: فىنلاندىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇش پۇرسىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسىگە تەسىر كۆرسىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. فىنلاندىيەنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇشتىكى شوئارى-ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلغان ياۋروپا-ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلغان كېلەچەك. بۇ-فىنلاندىيەنىڭ كەلگۈسىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جەمئىيەت، ئىقتىساد ۋە ئېكولوگىيە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىسى ۋە نىشانىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى.
لىننى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: فىنلاندىيەنىڭ رەئىس دۆلەتلىكنى ئۈستىگە ئېلىشتىكى ھالقىلىق ۋەزىپىسى-ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، نىشانى-ياۋروپا كېڭىشىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە 2050-يىلىدىن بۇرۇن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «كاربوننى نېيىتراللاشتۇرۇش» پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ھەققىدە بىردەكلىككە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى دۇنيادىكى ئەڭ رىقابەت كۈچى ۋە ئىجتىمائىي سىغدۇرۇشچانلىققا ئىگە تۆۋەن كاربونلۇق ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندۇرۇش. لىننى مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىلىمات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، فىنلاندىيە نۇرغۇن خىرىسقا دۇچ كەلدى، ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋەدە قىلغان 2030-يىلى قويۇپ بېرىش مىقدارىنى %40 ئازايتىشنى ئاز دېگەندە %55 ئازايتىشقا كۆتۈرۈشنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك نىشانى، جۈملىدىن 2050-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «كاربوننى نېيىتراللاشتۇرۇش»نىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تېزدىن ياخشىلاشقا ئېھتىياجلىق بولغان ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىسلاھات ۋە قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

ھازىرغىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كاربون تۆت ئوكسىدى چىقىرىشنى ئازايتىش نىشانى ھەققىدە بىردەك پىكىرگە كېلىشى تەسكە توختىدى. ئالدىنقى ھەپتىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يازلىق باشلىقلار يىغىنىدا، قاتما يېقىلغۇلارغا بەك تايىنىدىغان پولشا، چېخ، ۋېنگىرىيە 2050-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «كاربوننى نېيىتراللاشتۇرۇش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا يەنە بىر قېتىم قارشى تۇردى، باشلىقلار يىغىنىنىڭ بىرلەشمە باياناتىدا، پەقەت ئىزاھاتتىلا بۇ مەسىلە تىلغا ئېلىندى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، «كاربوننى نېيىتراللاشتۇرۇش»نى 2050-يىلىدىن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇپ بولۇش زۆرۈر. پولشا، چېخ، ۋېنگىرىيە قاتارلىق ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى «كاربوننى نېيىتراللاشتۇرۇش»قا قوشۇلماي كەلدى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى نىسبەتەن ئارقىدا قالغان بولۇپ، 2050-يىلىغىچە «كاربوننى نېيىتراللاشتۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات قۇرۇلمىسىغا چەكلىمە ۋە توسالغۇ پەيدا قىلىشىدىن ئەنسىرىدى، ئەمما تېخىمۇ باي بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەر بۇ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنىنى تولۇقلاشقا ياردەم بېرىشنى خالىمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، فىنلاندىيە قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى كاربون تۆت ئوكسىدى چىقىرىشنى ئازايتىشنى تېزلىتىشتە ناھايىتى ئاكتىپ مەيدانغا ئىگە بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ يىل 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات باشلىقلار يىغىنىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ چىقىرىشنى بىر تۇتاش ئازايتىشتا كۈچلۈك مەيدان قوللىنىشىنى قوللىدى.

شىمالىي قۇتۇپ بىلەن ئافرىقا-دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتىغا ئايلاندى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولغان مەزگىلدە، فىنلاندىيە يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئافرىقا ۋە شىمالىي قۇتۇپ ئىشلىرىدىكى پائال ھەرىكىتىگە نۇقتىلىق تۈرتكە بولىدۇ. فىنلاندىيە ھۆكۈمىتى مۇنداق دەپ قارىدى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ھەم بىخەتەرلىك، سودا، تەرەققىيات سىياسىتى جەريانىدا تېخىمۇ بىردەك بولغان ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئىشقا ئاشۇرۇش-ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قائىدىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە دۇنيا سودىسىنىڭ تەشەببۇسچىسى بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇنداق دەپ قارىدى: بىزنىڭ ئافرىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېقىن رايونلار ھەم شىمالىي قۇتۇپ رايونىغا نىسبەتەن ئالاھىدە مەسئۇلىيىتىمىز بار. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئافرىقا ۋە باشقا رايونلار بىلەن ئومۇميۈزلۈك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ياۋروپانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان مەبلەغنى كۆپەيتىپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنياۋى تەھدىتلەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشقا موھتاج. فىنلاندىيە قىممەت ئۆلچىمىنى ئاساس قىلغان كىلىمات ئۆزگىرىشى، كىشىلىك ھوقۇق، تىنچلىق قاتارلىق مەسىلىلەردىكى دىپلوماتىيە سىياسىتىگە تۈرتكە بولىدۇ.

شىمالىي قۇتۇپ دۆلىتى بولغان فىنلاندىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلەتلىكىنى ئۈستىگە ئالغان مەزگىلدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شىمالىي قۇتۇپ ئىشلىرىغا قاتنىشىشىغا پائال تۈرتكە بولىدۇ. كىلىماتنىڭ ئىللىشى پەيدا قىلغان دېڭىز مۇزلىرىنىڭ ئېرىشىگە ئەگىشىپ، شىمالىي قۇتۇپ رايونىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قىممىتى يەنىمۇ گەۋدىلەندى، ئۇنىڭ رايون سىياسىيسى ۋە ئىقتىسادىي ئورنىدا ئۆزگىرىش بولماقتا. بۇنىڭغا قارىتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ شىمالىي قۇتۇپ سىياسىتىنى تەڭشەشكە تۇتۇش قىلىپ، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىمالىي قۇتۇپقا ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، شىمالىي قۇتۇپ رايونىدىكى بايلىقلارنى قوغداش ۋە ئىمكانىيەت سىجىل پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىشنى تەكىتلىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شىمالىي قۇتۇپ سىياسىتىنى تۈزۈش تەكلىپىگە مەسئۇل بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ شىمالىي قۇتۇپ مەسىلىسى ئالىي ۋەكىلى يالى ۋىللېن فىنلاندىيە لاپلاند رايونىدىن كەلگەن، ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئىتتىپاقى جۇڭگونىڭ شىمالىي قۇتۇپنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىجابىي رولىنى كۆرۈپ يېتىپ ھەم تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو بىلەن بولغان شىمالىي قۇتۇپ ئىشلىرىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، شىمالىي قۇتۇپ رايونىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

ئېنېرگىيە تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراش ھەر بىر تەپسىلاتقىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك نۆۋەتچى رەئىس دۆلەتلىكىنى ئۈستىگە ئالغان مەزگىلدە، فىنلاندىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۈز مەيداندىن ئارتۇق ئالاقىدار يىغىنلىرىنى ئاچىدۇ ھەم بىريۇسسېل بىلەن ليۇكسېمبۇرگتا 37 قېتىم مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى، 40 قېتىم باش ئەلچى دەرىجىلىكلەر يىغىنى ھەم 1500 قېتىمچە باشقا ئالاقىدار يىغىنلارنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى فىنلاندىيە كاتىبات باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى ئانجا لېس مۇنداق دېدى: فىنلاندىيە ھۆكۈمىتى مۇھىت ئاسراش ۋە ئېنېرگىيە تېجەشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى، بۇ قېتىم ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلەتلىكىنى ئۈستىگە ئالغان مەزگىلدە، فىنلاندىيەنىڭ ئىچى، سىرتىدىكى بارلىق يىغىنلارنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىق ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ قىممىتى تەكىتلىنىپ، ئېنېرگىيە تېجەش كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

ئارىلىقتا، فىنلاندىيە تەۋەسىدىكى يىغىنلار پۈتۈنلەي پايتەخت خېلسىنكىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ ھەم كۈنتەرتىپ قىسقارتىلىدۇ، بۇنىڭدىن بۇرۇن فىنلاندىيە ھۆكۈمىتى تۈرلۈك يىغىن ئورۇنلاشتۇرۇشىنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 21 شەھەر-بازارغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا مەمۇرلار ساياھىتى شەكلىدىكى يىغىن ئورۇنلاشتۇرۇش ئەندىزىسىنى قوللىنىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ يىل فىنلاندىيەگە بېرىپ يىغىنغا قاتنىشىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ھەر ساھە ئەربابلىرىنىڭ ئوپېرا بايرىمى، لاپلاندنىڭ مەنزىرىسى ۋە قار تېيىلىش مەنزىرىگاھلىرى قاتارلىق سەيلە تۈرلىرىگە قاتنىشىش پۇرسىتى يەنە بولمايدۇ.

لېس مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم رەئىس دۆلەتلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىنىڭ پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، فىنلاندىيە ھۆكۈمىتى ئاددىيلاشقان ئەمەلىي ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل يىغىن مەدەنىيىتىنى تەشەببۇس قىلىپ، پائالىيەتكە قاتناشقان ياۋروپا ئىتتىپاقى كەسپىي ئەربابلىرىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. لېس مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇرۇنقى رەئىس دۆلەتلىرى نۇرغۇن پۇل خەجلەپ تۈرلۈك خاتىرە بۇيۇملىرى ۋە سوۋغاتلارنى سېتىۋېلىپ، مۇراسىمغا قاتناشقان مېھمانلارغا سوۋغا قىلاتتى، لېكىن بۇ قېتىم فىنلاندىيەنىڭ رەئىس دۆلەتلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا، ھېچقانداق ئادەم گالىستۇك، شارپا، ئالاھىدە سومكا قاتارلىقلارنى تاپشۇرۇۋالمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، فىنلاندىيە يەنە كاربون تۆت ئوكسىدىنى ئازايتىش تۈرىنى 500 مىڭ ياۋرو مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق، نۆۋەتچى رەئىس دۆلەتلىكنى ئۈستىگە ئالغان مەزگىلدە، فىنلاندىيەگە كېلىپ يىغىنغا قاتنىشىدىغان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئاۋىياتسىيە كاربونى قويۇپ بېرىشىنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىدۇ. بۇندىن كېيىنكى يىغىن پائالىيەتلىرىدە، مۇھىت ئاسراش بىلەن ئېنېرگىيە تېجەش ئىدىيەسى ھەر بىر تەپسىلاتقىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ، مەسىلەن: يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ ئىمكانقەدەر ئېلېكتىرونلۇق ئۇسۇل ئارقىلىق يىغىن ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، قەغەز ئىشلىتىشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىدۇ. فىنلاندىيە ئەلا سۈپەتلىك ساپ بايلىقىغا ئىگە، بۇندىن كېيىن يىغىن پائالىيەتلىرىدە بوتۇلكىلىق سۇ بىلەن تەمىنلىمەستىن، بەلكى ئىچىملىك تۇرۇبا سۈيى بىلەن تەمىنلەيدۇ.