يېڭى دەۋردە، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىنى بەلگىلەيدىغان «يېڭىلىق»لار قەيەردە؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-10 17:19

«جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتى يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، ‹يېڭىلىق› ۋەزىپىدە، ‹يېڭىلىق› خەلقئارا مۇھىتتا ئىپادىلىنىدۇ. يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن «جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ۋە جۇڭگو-رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش» خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىدا، يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: دۇنيا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كېلىۋاتقاندا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە .

2019-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. زىيارەت مەزگىلىدە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى بىرلەشمە بايانات» نى بىرلىكتە ئىمزالىدى، بۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى مىسلىسىز يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى.

جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئورنى «يېڭى» ۋەزىپىدە ئىپادىلىنىدۇ. جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ سابىق باشلىقى جى جىيې مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋردە، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە يېڭىدىن ئاساسلىق ۋەزىپىلەرگە دۇچ كەلدى، ھەر ئىككى دۆلەت ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى دۆلەت ئىچىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى قىلدى. جۇڭگونىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئىچكى تەرەققىياتنى مۇقىملاشتۇرۇش، يەنىمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش، كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، 2020-يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ھەمدە مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىش. -2018يىلى 3-ئايدا پۇتىن ئۇدا زۇڭتۇڭلۇققا سايلاندى، شۇ يىلى ئېلان قىلىنغان دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتىدا، ئۇ رۇسىيەنىڭ كەلگۈسى ئالتە يىلدىكى بىر قاتار تەرەققىيات نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ كەلگۈسى ئالتە يىلدا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقى؛ مۇشۇ ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ دۇنيانىڭ ئالدىنقى 5-ئورنىدا تۇرىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئورنى يېڭى خەلقئارا مۇھىتتا ئىپادىلىنىدۇ. نۆۋەتتە خەلقئارا مۇھىت جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۆز نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ھەم پۇرسەتكە ھەم خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. جى جىيې مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پەن-تېخنىكىنى ئەقلىيلەشتۈرۈش، جەمئىيەتنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش يۈزلىنىشى جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، غەربتىكى ئايرىم چوڭ دۆلەتلەر ئاقىل تېخنىكىنى مونوپول قىلىپ، ئۇچۇر جەمئىيىتىنى كونترول قىلىپ، زومىگەرلىكنى قوغدىماقتا؛ يەر شارىلىشىشقا ۋە كۆپ تەرەپچىلىككە قارشى تۇردى، يەر شارىلىشىشقا قارشى تۇرۇش دەۋر ئېقىمى چوڭ يۈزلىنىش. خاراكتېرى پۈتۈنلەي بىر-بىرىگە زىت بولغان ئىككى خىل ئېقىم خەلقئارا جەمئىيەتتە داۋالغۇش ۋە ئېنىقسىزلىق پەيدا قىلدى، ھەتتا توقۇنۇش ۋە ئۇرۇش خەۋپى مەۋجۇت بولۇپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۆز نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ئاۋارىچىلىك ۋە قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى.

بىرلەشمە باياناتتا جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنى ئۆزئارا ياردەم بېرىش، چوڭقۇر يۈرۈشتۈرۈش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىش دەپ يىغىنچاقلاندى. جۇڭگونىڭ رۇسىيەدىكى سابىق دۆلەت مۇداپىئە ھەربىي ئەمەلدارى ۋاڭ خەييۈن مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ سۈپىتى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش مۇھىم رول ئوينايدۇ.

بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىدە جۇڭگو بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سۈپىتى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تەلەپ قىلىندى. ۋاڭ خەييۈن مۇنداق دەپ قارىدى: يەككە قۇتۇپلۇق زومىگەرلىك ئەۋج ئېلىۋاتقان خەلقئارا ئارقا كۆرۈنۈشتە، غەربتىكى ئايرىم چوڭ دۆلەتلەر جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنى ئاساسلىق ئىستراتېگىيەلىك رەقىب ۋە تەھدىت دەپ قاراپ، «قورشاپ توسۇش» ۋە «قامال قىلىش»نى يولغا قويدى. دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئېھتىياجى جۇڭگو بىلەن رۇسىيەدىن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، قول تۇتۇشۇپ، قەلبداش بولۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

جۇڭگو بىلەن رۇسىيە دۇنيادىكى يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ئالدىدا، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى مۇھىم كۈچلەر. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى سىياسەتشۇناسلىق ئورنىنىڭ باشلىقى جاڭ شۇخۇا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئىنسانىيەت ۋە دۇنيا يۈزلىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك. بۇ بىر تەرەپچىلىك بىلەن كۆپ تەرەپچىلىك، قارشىلىشىش ۋە ھەمكارلىشىش، ھەتتا ئۇرۇش ۋە تىنچلىقتىن ئىبارەت چوڭ ھەق-چوڭ ناھەق مەسىلىسى.

جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى رۇسىيە شەرقىي ياۋروپا ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى يۇڭخۇي مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋر جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى مەزمۇن ئاتا قىلىپ، بىزنىڭ يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىرادىمىز ۋە كەلگۈسىگە بولغان يېڭى ئۈمىدىمىزنى ئىپادىلىدى.