گرېتسىيەنىڭ يېڭىدىن سايلانغان زۇڭلىسى- كىراكوس. مىتسوتاكىس
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-10 17:52

گرېتسىيەنىڭ يېڭى زۇڭلىسى كىراكوس.مىتسوتاكىس 7-ئاينىڭ 8-كۈنى قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى، گرېتسىيە زۇڭتۇڭى پاۋلوپۇلۇس ئۇنىڭغا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت تەشكىللەش ھوقۇقى بەردى. 7-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى گرېتسىيە پارلامىنت سايلىمىدا، كىراكوس.مىتسوتاكىس رەھبەرلىكىدىكى يېڭى دېموكراتلار پارتىيەسى پارلامىنتتىكى 300 ئورۇننىڭ 158 ىگە ئېرىشتى.

كىراكوس.مىتسوتاكىس 1968-يىلى ئافىنادا سىياسىيون ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتىسى كانسىتاندىنوس مىتسوتاكىس 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ بېېشىدا گرېتسىيە زۇڭلىسى بولغان، ئۇنىڭ پولات-تۆمۈر تۆرىسى دېگەن نامى بار. ئاچىسى دورا باكويانىس ئىلگىرى گرېتسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋە ئافىنا شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان؛ جىيەنى كوستاس باكويانس بۇ يىل 5-ئايدىكى يەرلىك سايلامدا ئافىنا شەھىرىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان.

كىراكوس.مىتسوتاكىس 1990-يىلى خارۋارد داشۆسىدە جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپى بويىچە باكلاۋېرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا، 1993-يىلى سىتانفورد داشۆسىدە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىلمىي بويىچە ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا، 1995-يىلى خارۋارد داشۆسى سودا سۆيۈەنىدە MBA ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ سىياسىي ساھەگە كىرىشتىن بۇرۇن، ئەنگىلىيە ۋە گرېتسىيەدە ئاساسلىقى مەبلەغ سېلىش بانكىسى خىزمىتى ۋە پۇل مۇئامىلە تەھلىل خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 2004-يىلى گرېتسىيەنىڭ پارلامىنت ئەزاسى، 2013-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە مەمۇرىي ئىسلاھات مىنىستىرى بولغان، 2016-يىلى 1-ئايدا يېڭى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان.

كىراكوس.مىتسوتاكىس ئىلگىرى تاشقى مەبلەغنى جەلپ قىلىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىرىنچى ۋەزىپە قىلىشنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن ھەمدە باجنى كېمەيتىش، تېخىمۇ دوستانە سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش، تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى يارىتىشقا ۋەدە بەرگەن.

كىراكوس.مىتسوتاكىسنىڭ ئايالى گرابۇۋۇسكى بىلەن بىر ئوغلى، ئىككى قىزى بار. ئۇ ئېنگىلىزچە، فرانسۇزچە، نېمىسچىنى پىششىق بىلىدۇ.

يېڭى دېموكراتلار پارتىيەسى 1974-يىلى قۇرۇلغان، گرېتسىيەدىكى ئاساسلىق ئوتتۇرا ئوڭ قانات پارتىيە.