جۇڭگونىڭ ساھىبخان دىپلوماتىيەسى ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-08-13 17:16

ئەتىياز ئاياغلىشىپ ياز كىرىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ ساھىبخان دىپلوماتىيەسى ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتتى. 2-نۆۋەتلىك بىر بەلباغ بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى، 2019-يىللىق جۇڭگو بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىدىن كېيىن، ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنى داغدۇغۇلۇق ئېچىلدى. ئاسىيادىكى 47 دۆلەت شۇنداقلا رايون سىرتىدىكى باشقا ئەللەرنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ۋەكىللىرىدىن بۇلۇپ 2000دىن ئارتۇق ئادەم «ئاسىيا مەدەنىيەتلىرىنى ئالماشتۇرۇش، ئۆرنەك قىلىش بىلەن تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى» دېگەن بۇ تېمىنى چۆرىدەپ بېيجىڭغا جەم بولۇپ، مەدەنىيەت مەركىرىسىنى تەڭ مەسىلھەت قىلدى، ئاسىيا ۋە دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى، ئۆرنەك قىلىشى، تەڭ ئىلگىرلىشىگە تۈرتكە بولدى.

تارىخ بېتىنى ۋاراقلىساق، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخى كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتلەرنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ، تەڭ ئىلگىرىلىشىنىڭ تارىخىدۇر. دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بۆشۈكى بولغان ئاسىيادىكى خۇاڭخې دەرياسى، چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىلىرى، ھىندى دەرياسى، گانگى دەرياسى ۋادىلىرى، ئېفرات دەرياسى ۋە تىگرىس دەرياسى ۋادىلىرى شۇنداقلا شەرقىي جەنۇنىي ئاسىيا قاتارلىق رايونلار نۇرغۇن قەدىمىي مەدەنىيەتلەرنى بارلىققا كەلتۈردى، بۇ مەدەنىيەتلەر بىرىكىپ بىر-بىرىنى نۇرلاندۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى. رەئىس شى جىنپىڭ ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنىنى ئېچىشتىن ئىبارەت بۇ روز تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ ئاسىيانىڭ پارلاق ئەتىسىنى يارىشىتا چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ھازىرقى دۇنيادىكى ئىدارە قىلىش، ئىشەنچ، تىنچلىق، تەرەققىياتتىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىكى قىزىل رەقەمنى تۈگىتىشكە ئوي پىكىر-ھازىرلاپ بەردى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى كۈچلۈك مەنىۋى تىرەككە ئىگە قىلدى.

بۇ دەۋىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب قايتۇرىدىغان كاتتا ئىدىيە مەرىكىسى. مىسلىسىز زور ئۆزگىرىش ئالدىدا، ھەر قايسى دۆلەتلەر خەلقىنىڭ تەقدىرى بۈگۈنكىدە بۇنداق زىچ بىرىكىرىپ باقمىغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دۇنياۋى خىرىسلار ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ، مەدەنىيەت توقۇنۇشى نەزەرىيەسى، مەدەنىيەت ئەۋزەللىكى نەزەرىيەسى قاتارلىق خاتا قاراشلارمۇ پات-پات مەسىلە تۇغدۇرىۋاتىدۇ. ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسدا توقۇنۇشىش كېرەكمۇ ياكى سۆزلىشىشمۇ؟ قارىشىلىشىش كېرەككمۇ ياكى ھەمكارلىشىشىمۇ؟ بۇ ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك زور تېمىغا ئايلاندى. بۇ قېتىمقى يىغىن ئاسىيا ۋە دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ شانلىق مەدەنىيەت نەتىجىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى نۇرلاندۇرۇپ، مەدەنىيەلەرنىڭ ئۆز ئارا ئۆگىنىش، ئۆرنەك ئېلىش، تەڭ تەرەققىي قىلىشىغا سەھنەھازىرلاشنى مەقسەت قىلىدىغان بولۇپ، دەل ۋاقتىدا ئېچىلغان، ئەھمىيىتى چوڭقۇر يىغىن بولدى. شورپا ئوخشىمىغان تېتىتقۇلار ئارقىلىق ئوخشايدۇ. ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەردىن پاراسەت ئىزدەپ، ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىغاندىلا ئاندىن ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولالايمىز.

بۇ گۈزەللىك ھەممىگە ئورتاق بولغان گۈزەل سۈرەت. ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرگە دەريادىنمۇ كەڭ كۆكسىمىز بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. بۇ قېتىمقى يىغىن مەۋقەنى ئاسىياغا قارىتىپ، دۇنياغا قۇچاق ئاچتى، مەدەنىيەت ئورتاق تونۇشىنى ئۇرغۇتۇپ، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغدايدىغان مەدەنىيەت مەرىكىسىدۇر. يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر 110دىن ئاشىدۇ، ئاسىيا مەدەنىيەت كارنىۋالىدا كۆپ مەنبەنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلالايمىز، مەدەنىيەت سەييارە ئويۇنى ۋە ئېسىل نازۇ-نېمەتلەر بايرىمىدا يۇغۇرۇلۇشنى ھېس قىلالايمىز. بۇ جۇڭگو ۋە چەتئەللەر مەدەنىيىتى بىرىككەن، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت مۇجەسسەملەنگەن، نۇرغۇن دۆلەتلەر خەلقى بىرلىكتە خۇشال بولىدىغان مەدەنىيەت مەرىكىسى ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تارىخىغا ئۆچمەس ئىزنا قالدۇرىدۇ.

ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنىنى ئېچىش جۇڭگونىڭ ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسئۇلىيتىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىكى كەڭ كۆكسى-قارنىنى نامايەن قىلدى. مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆرنەك ئېلىشنى ھەر قايسى ئەللەر خەلقىنىڭ دوستلۇقنى كۈچەيتىش كۆۋرۈكى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداشنىڭ بەلبىغى قىلىش كېرەك، جۇڭگو دەل مۇشۇ ئىدىيە بويىچە بىر بەلباغ بىر يولنى مەدەنىيەت يولى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا كۈچ چىقىرىپ، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆز ئارا ئۆگىنىش، ئۆرنەك ئېلىشىغا كۆۋرۈك سېلىپ بەردى؛ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈشنى پۇرسەت بىلىپ، يەرشارى ئېكېلوگىيە مەدەنىيەتلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇقىم راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى؛ ھەر قايسى ئەللەر بىلەن مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساياھەت قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە ئادىمىيەت ھەمكارلىقى ئورناتتى..... جۇڭگونىڭ پاراسىتى، جۇڭگونىڭ ھەرىكىتى دۇنيانىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى كىشى قەلبىگە تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭدۈردى.

ئاسىيا مەدەنىيەت سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ بەلگىسىدىكى ئالتە تال رەڭدار يوپۇرماق ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ سەرخىللىقىغا سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى، سۆزلىشىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەش، ئېچىۋېتىش، كەڭ قورساق بولۇش روھى بويىچە، مەدەنىيەتلەرنى ئالماشتۇرۇش، ئۆرنەك ئېلىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈسەك، ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ گۈلى چوقۇم پورەكلەپ ئېچىلىدۇ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ نۇرى تېخىمۇ چاقنايدۇ.