باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
لەغمەنگە قارىغاندا سۇيۇقئاشنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى
مەنبەسى:قانۇنچىلىق گېزىتى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2012-09-24 20:43:52

ياشانغانلار لەغمەنگە قارىغاندا سۇيۇقئاشنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا پايدىلىق ئىكەن. كىراخماللىق يېمەكلىكلەرنى پىشۇرغاندا، يېمەكلىك يۈزىدىكى كىراخمال شورپىنىڭ يۈزىگە چىقىۋالىدىكەن، ئۇنىڭ ئىسسىقلىقىنى 100 سېلسىيە گىرادۇسقا چىقارغاندا، كىراخمال دانىچىسى دېكسترىنغا پارچىلىنىدىكەن، بۇ خىلدىكى ماددا ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق ئىكەن. سۇيۇقئاش تەركىبىدە ھەزىم قىلىش فېرمېنتى بار ئىكەن. لەڭمەن چۆپىنى پىشۇرغاندا ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ كۆپ قىسمى سۇدا ئېرىپ كېتىدىكەن. سۇيۇقئاش ئەتكەندە، كۆكتات، تۇخۇم، سۆڭەك قوشسا، ئوزۇقلۇق مىقدارى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى، سۇيۇقئاش لەڭمەنگە قارىغاندا ئاسان ھەزىم بولىدىكەن ھەم قان شېكىرىنى ئۆرلىتىۋېتىدىكەن. شۇڭلاشقا دىيابېت كېسىلى بارلار سۇيۇقئاشنى ئاز ئىچىشى كېرەك ئىكەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق