باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
ساغلاملىق ھەرىكەتلىرىدىكى توغرا–خاتا قاراشلار
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2012-09-24 22:24:22

سەھەر چېنىقىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتىمۇ؟

ھەرىكەت قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى چۈشتىن كېيىن. چۈشتىن كېيىن سائەت تۆت ~ ئالتىگىچە مۇسكۇللارنىڭ كۈچى ھەم بەدەن تېمپېراتۇرىسى ھەرىكەت قىلىشتىكى ئەڭ مۇۋاپىق ھالەتكە يېتىدۇ. ناشتىلىق، چۈشلۈك تاماق بەدەننى يېتەرلىك ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىگەن بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەدەننىڭ ئاغرىققا چىداشچانلىقى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ. تەپەككۇرىمۇ جانلىق بولىدۇ. ئەمما بەزى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر راھەت ھېس قىلسىڭىز ياكى كۆنۈپ قالغان بولسىڭىز سەھەر ياكى كەچتە چېنىقسىڭىزمۇ بولىدىكەن.

قورساقنى كىچىكلىتىشتە قورساق قاتلاش ئەڭ ياخشىمۇ؟

قورساقنى ئورۇقلىتىش ئۈچۈن چوقۇم قورساقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مۇسكۇللارنى چېنىقتۇرۇش زۆرۈر. قورساق قاتلاشتا بىرلا خىل ھەرىكەتنى تەكرارلىغاندا، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، دۈم يېتىپ قول – پۇت ئۇچى بىلەن تايىنىش ھەرىكىتى ئىشلەش بىلەن ئوڭدىسىغا يېتىپ پۇت كۆتۈرۈشنى بىرلەشتۈرگەندە، قورساق قىسمىدىكى ئاساسلىق مۇسكۇللارنى تېخىمۇ ياخشى چېنىقتۇرغىلى بولىدىكەن، ساغرا قىسىمدىكى مۇسكۇللارنى چېنىقتۇرغاندا، كىچىك قورساقنى كىچىكلىتىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن.

ئوكسىگېنلىق ھەرىكەتتە ئېنېرگىيە ئەڭ كۆپ خورامدۇ؟

تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، كۈچ مەشىقى ئوكسىگېنلىق ھەرىكەتلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېنېرگىيە خورىتىدىكەن. كۈچ مەشىقىنىڭ مۇسكۇللارنىڭ ساغلاملىقىغا ياردىمى بولۇپلا قالماي، ماددا ئالمىشىشنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىكەن، ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرغاندا، ماينى يوقىتىشقا ياردىمى بولىدىكەن. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، كۈچ مەشىقى ئاياغلىشىپ 36 سائەتتىن كېيىنمۇ، بەدەندە يەنىلا ئېنېرگىيە خورايدىكەن.

چېنىقىش ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرەمدۇ؟

گېرمانىيەدىكى تەتقىقاتچىلار ئېلىپ بارغان تەتقىقاتتا، كىشىلەر تېز يۈگۈرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ تاق سۆزلەرنى ئىگىلىشى %20 تېزلەشكەن. بۇنىڭدىن ئۇلار ئۆگىنىش قىلىشتىن بۇرۇن چېنىققاندا، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى جانلاندۇرغىلى بولىدۇ، دېگەن يەكۈننى چىقارغان. ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت ۋە كۈچ مەشىقىنىڭ ئوخشاشلا چوڭ مېڭىگە پايدىسى بار ئىكەن، تېننىس توپ ۋە پۇتبول قاتارلىق نىسبەتەن مۇرەككەپ تۈرلەرنىڭ چوڭ مېڭىنى غىدىقلاش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن.

ئېغىرلىق كۆتۈرۈشتە قانچە تېز بولسا ئېنېرگىيە شۇنچە كۆپ خورامدۇ؟

ەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئېغىرلىق كۆتۈرۈشتە، گەرچە ئاستا كۆتۈرۈشنىڭ قىيىنلىقى چوڭ، ئادەمنىڭ چىداشلىق بېرىشى تەس بولسىمۇ، ئەمما ئاستا كۆتۈرۈشنىڭ مۇسكۇللارنى چېنىقتۇرۇشى تېز كۆتۈرۈشگە قارىغاندا %50 يۇقىرى ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەر ئېغىرلىق كۆتۈرگەندە ھەم قويغاندا بىردىن ئۈچكىچە ساناشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

چېنىقىش ياغ ماددىسىنى تۆۋەنلىتەمدۇ؟

گەرچە چېنىقىش ئارقىلىق ياغنىڭ يىغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمىسىمۇ، ئەمما بەدەندىكى ياغنى خوراتقىلى بولىدۇ. ئامېرىكا تەنھەرىكەت ئىلمى مۇتەخەسسىسى پىروفېسسور روبېرت. ئارسىن ساغرا قىسمىنى ئاساس قىلىپ، يوتا قاتارلىق ياغ ئاسان يىغىلىدىغان ئورۇنلارغا قارىتا چېنىقىش ئېلىپ بارغاندىن باشقا، بەدەننىڭ باشقا جايلىرىدىكى مۇسكۇللارنى چېنىقتۇرۇشقىمۇ سەل قارىماسلىقنى ئەسكەرتتى.

ئاۋۋال پەي سوزۇش ھەرىكىتى ئىشلەپ ئاندىن يۈگۈرۈش كېرەكمۇ؟

تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يۈگۈرۈشتىن بورۇن زىيادە بوغۇم – پەي سوزۇش ھەرىكىتى قىلغاندا، ھەرىكەتتىن كېيىن پەيلەر ئاسانلا قېتىپ، ئاسان زەخىملىنىدىكەن، ئەمما يۈگۈرۈشتىن بۇرۇن چوقۇم بوغۇم – پەيلەرنى بوشىتىش ھەرىكىتى ئىشلەش كېرەككەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكلىپى: يۈگۈرۈشتىن بورۇن بەش – ئون مىنۇت ئاستا يۈگۈرۈپ بەدەن قىزىتىپ، ئاندىن 30 – 60 سېكۇنتقىچە يېنىكرەك بوغۇم ۋە پەيلەرنى سوزۇش ھەرىكەتلىرىنى ئىشلەش كېرەككەن.

مارافونچە يۈگۈرگەندە، يۈرەك كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولامدۇ؟

مارافونچە يۈگۈرۈش ھەقىقەتەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۈرەككە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. ئەمما مارافونچە يۈگۈرۈپ بولۇپ چوقۇم بىر ھەپتە ئوبدان دەم ئېلىش كېرەككەن، شۇنداق قىلغاندا، يۈرەك ئىقتىدارى نورمال ھالەتكە قايتىپ، كېسەل بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق