باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
دۇنيادىكى 10 چوڭ شەھەر مېتروسى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2012-11-21 15:38:32

ئامېرىكىدىكى مەلۇم ئاپتوموبىل تور پونكىتى يېقىندا دۇنيادىكى 10 چوڭ شەھەر مېترو سىستېمىسىنىڭ رەت تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. چاۋشىيەن پىيۇڭياڭ مېتروسى بىلەن كورىيە سىئول مېتروسى مەزكۇر تىزىملىكتە ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىردى. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

10-ئوروندا تۇرىدىغان مېترو بارسىلونا مېتروسى

بارسىلونا مېتروسى ئىنتايىن مۇكەممەل سىستېما ئۈسكۈنىسىگە ئىگە. 1997-يىلى، بارسىلونا مېتروسى بۇ شەھەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئاممىۋى قاتناش سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان. ئەمما بارسىلونا مېتروسىنىڭ كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغىنى  ئۇنىڭ مۇكەممەللىكى ئەمەس بەلكى ئىچىدە مال سېتىۋېلىش مەركىزى بولغانلىقىدا.

9-ئورۇندا تۇرىدىغان مېترو پىيۇڭياڭ مېتروسى

پىيۇڭياڭ مېتروسى پاكىز، چىرايلىق بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭقۇر مېترو ھېسابلىنىدۇ، قاتناش تىرانسىپورتتىن باشقا بۇ مېترو سېستېمىسىدا يەنە ھاۋا ئۆتۈشۈش ئېغىزى بار.

8-ئورۇندا تۇرىدىغان مېترو مونترىيال مېتروسى

گەرچە پويىز كونا كۆرۈنسىمۇ ئەمما يول لېنىيىسىنىڭ لايىھىلىنىشى دەرىجىدىن تاشقىرى لوگىكىلىققا ئىگە بولۇپ، ناھايىتى چۈشىنىشلىك.

7-ئورۇندا تۇرىدىغان مېترو موسكىۋا مېتروسى

موسكىۋا مېتروسى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ يەر ئاستى مېترولارنىڭ بىرى بولۇپ، ۋوگزاللار ناھايىتى نەپىس لايىھەلەنگەن، يەر ئاستى ئوردىسى دېگەن چىرايلىق نامى بار.

6-ئورۇندا تۇرىدىغان مېترو نىيۇيورك مېتروسى

گەرچە نىيۇيورك مېتروسىنىڭ يول خەرىتە لايىھەلىنىشى كىشىگە قېتىم مۇرەككەپ  تەسىر بېرىدۇ. ئەمما بۇ نىيۇيورك مېتروسىنىڭ ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرىشىگە تەسىر كۆرسىتەلمىگەن.

5-ئورۇندا تۇرىدىغان مېترو لوندۇن مېتروسى

ئەنگلىيە دۇنيادىكى تۇنجى بولۇپ مېترو سېلىنغان دۆلەت. لوندۇن مېتروسى لوندۇن شەھىرىنىڭ ئاساسى قاتناش سىستېمىسى بولۇپ، ئۇ ئالىي دەرىجىلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستېما ھېسابلىنىدۇ.

4-ئورۇندا تۇرىدىغىنى شياڭگاڭ مېتروسى

3-ئورۇندا تۇرىدىغىنى پارىژ مېتروسى

پارىژ مېتروسى پارىژنىڭ رومانتىكلىك باش تېمىسىغا ئۇيغۇن بولۇپ، ۋوگزالنىڭ قەدىمقى ھالىتى كىشىگە ناھايىتى سىرلىق تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ.

2-ئورۇندا تۇرىدىغىنى توكيو مېتروسى

توكيو مېتروسى پاكىز ۋە تەرتىپلىك بولۇپ، مېترو ئىچىدە قالايمىقان نەرسە يەيدىغان ياكى يانفون ئىشلىتىدىغان ئەھۋاللارنى ناھايىتى ئاز ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

1-ئورۇندا تۇرىدىغىنى سىئول مېتروسى

سىئول مېتروسى بىلەن توكيو مېتروسىنىڭ پاكىزلىق دەرىجىسى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، لايىھەلىنىشى كىشىگە كەلگۈسى تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق