باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
ماركىسنىڭ تاماكا تاشلىشى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نۇزىگۈل ئىمىر | يوللانغان ۋاقىت:2013-03-14 11:59:01

19-ئەسىرنىڭ 70-يىللىردا ئۇلۇغ ئىنقىلابى ئۇستاز كارل ماركىس ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىردا تاماكا چېكەتتى. ئۇ بېرلىن ئونىۋېر سىتېتىدا پەلسەپە دوكتۇرلىقى ئىنۋانىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇۋاتقاندا، ۋاقىتىنى تاماكا ئىسى ئارسىدا دىگۈدەك ئۆتكۈزگەن، ئوتتۇرا ياشقا كەلگەندە ئۇنىڭ تاماكا خۇمارى بارغانسىرى كۈچىيىپ، بىر قولىداتاماكا، بىر قولىدا قەلەم تۇتۇپ يىزىقچىلىق قىلدىغان بولغان. «كاپتال»نىڭ 1-تومىنى يىزىپ تاماملىغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە كۈيئوغلىغا: «بۇ كىتابنىڭ قەلەم ھەققى تاماكا پۇلۇمغا يەتمەيدۇ» دېگەن.

«كاپتال» نەشىردىن چىققىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بۇلۇپ توختىماي يۈتۈلدىغان، ھاسىرايدىغان، دىمى سىقىلدىغان، ھاسىرايدىغان بۇلۇپ قالغان. دوختۇر ئۇنىڭ كېسىلگە كانايچە سۇزۇلما ياللۇغى، ئۆپكە ھاۋاللىق ئىشىقى دەپ دىئاگىنوز قويغان. 50 ياشقا كىرگەندە دوختۇر ئۇنىڭغا تاماكا تاشلاش ھەققىدە نەسىھەت قىلغان. ماركىس دوختۇرغا: «مىنىڭ خۇدانىڭ دەرگاھىغا كېتىدىغان ۋاقتىم بۇلۇپ قالدى، تاماكا تاشلاش مەن ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس» دېگەندە، دوختۇر: «تاماكىنى يەنە چېكىۋەرسىڭىز، يۈتەل سىزنى خىزمەت قىلدۇرمايدۇ» دېگەن. «سىزنى خىزمەت قىلدۇرمايدۇ» دىگەن سۆز ماركىسنى ئەندىشىگە سالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسىراپ، «كاپتال»نى داۋاملىق يېزىش ئۈچۈن دوختۇرنىڭ نەسىھىتىگە ئاساسەن تاماكا تاشلاشقا ئىرادە باغلىغان. ئۇ يىزىقچىلىق قىلۋاتقاندا تاماكا خۇمارى تۇتۇپ كەتسە، سىگارتىنى ئېلىپ ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا مىجىپ تاشلاپ ئاغزىغا سېلىپ تاكى كۆڭلى ئېلشقۇچە چاينىغان. كىيىن ئۇ تاماكىنى كۆرسىلا كۆڭلى ئېلشىدىغان ھالەتكە كەلگەن. شۇنداق قىلىپ تاماكىنى تاشلىۋەتكەن، كېسىلىمۇ بارا-بارا ياخشىلانغان. ماركىس «كاپتال» نىڭ 2-، 3-تومىنىڭ دەسلەپكى ئارگىنالنى يىزىپ تاماملاپ، پۈتۈن دۇنيا پىرولتارلىيات ئىنقىلابىغا نەزىريىۋى ئاساس سالدى. بۇ شۇنى چۈشەندۈردىكى تاماكا تاشلىغلى بولمايدىغان نەرسە ئەمەس، مەسلە شۇ كشىنىڭ ئىرادىسى ۋە جاسارىتىگە باغلىق.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق