باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
لېنىننىڭ تاماكا تاشلىشى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نۇزىگۈل ئىمىر | يوللانغان ۋاقىت:2013-03-14 12:26:15

لېنىن 17ياش ۋاقتىدا تاماكا چېكىشكە ئادەتلىنىپ قالغان. لېنىنىڭ ئانىسى مارىيا ئالىكساندىروۋنا دوختۇرنىڭ قىزى بولغاچقا، تاماكىنىڭ زىينىنى ياخشى بىلەتتى. ئۇ لېنىنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەندىشە قىلىپ، نۇرغۇن قېتىم لېنىنغا تاماكا تاشلاشنى ئېيتقان. چۈنكى، لېنىنىڭ كىچىك ۋاقتىدا سالامەتلىكى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. ئۇ لېنىنغا: «ئۆزۈڭ ئىشلەپ پۇل تېپىشتىن ئىلگىرى، زۆرۈر بولمىغان بارلىق چىقىمنى ئازايتىشىڭ كېرەك. داداڭ ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن كىرىمىمىز ناھايىتى چەكلىك بۇلۇپ قالدى، تاماكا سېتىۋالساڭ ئائىلىمىزنىڭ بىر تۈرلۈك چىقىمى كۆپىيىپ كېتىدۇ» دېگەن. شۇ چاغدا لېنىن ئىنقىلابىي پائاليەتلەرگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن مەكتەپتىن ھەيدەلگەن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بۇلۇپ، ھىچقانداق ئائىلە كىرىمى يوق ئىدى. ئائىلىسمۇ ناھايىتى نامرات ھەم ئىككى يىل ئىلگىرى دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن بۇلۇپ، نەپىقە پۇلىغا تاينىپ تۇرمۇشنى قامدايتتى

. ئانىسنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيدىغان لېنىن ئانىسنىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئېشىپ قالغان تاماكىنى يانچۇقىدىن ئېلىپ ئانىسنىڭ كۆيدۈرۋېتىشىگە بەرگەن ھەم: «كەچۈرۈڭ ئانا مەن بۇلارنى ئويلاپ باقماپتىمەن، مەن بۈگۈندىن باشلاپ تاماكىنى تاشلايمەن» دېگەن. لېنىن ئىنتايىن جاسارەتلىك ئىدى. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ زادىلا تاماكا چىكىپ باقمىغان. كىيىن لېنىن ئۆزىنىڭ ئىشخانىسغا «تاماكا چېكىش مەنئى قىلىندۇ» دېگەن خەتنى چاپلاپ، ئۆزىنىمۇ، باشقىلارنىمۇ چەكلىگەن. بىر كۈنى لېنىنىڭ ئىشخانىسدا يىغىن ئېچىلغاندا، لېنىن ئۆينىڭ ئىسقا تۇلۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى ئاچچىقلىنىپ، تامدىكى «تاماكا چېكىش مەنئي قىلىندۇ» دېگەن خەتنى يىرتىپ تاشلاپ: «قائىدە-تۈزۈمنى مۇشۇنداقمۇ ئاياغ ئاستى قىلغان بارمۇ!» دېگەن. بۇ باشقىلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن لېنىننىڭ ئشخانىسىدا ھېچكىم تاماكا چەكمەيدىغان بولغان.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق