باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقە مەزگىلىدە مىڭدىن كۆپرەك ئادەم قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-16 11:53:40

 

شۇ يەر ۋاقتى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى، برازىلىيە فېدېراتسىيە تاشيول قاتناش ساقچى ئىدارىسى ئېلان قىلغان بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى مەزگىلىدە، يەنى 5-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، جەمئىي 1085 ئادەم تاشيول قاتناش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان. برازىلىيە فېدېراتسىيە تاشيول قاتناش ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى مەزگىلىدە، برازىلىيە چېگرىسى ئىچىدىكى تاشيول (شەھەر يوللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) جەمئىي 21256 قېتىم قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 11842 ئادەمنىڭ يارىلىنىپ، 1085 ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنىڭدىن باشقا 1022 نەپەر شوپۇر ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلىكتىن قولغا ئېلىنغان.

برازىلىيە فېدېراتسىيە تاشيول قاتناش ساقچى ئىدارىسى برازىلىيىنىڭ ئارگېنتىنا، چىلې ۋە مېكسىكا بىلەن بولغان چېگرا رايونىدىكى تاشيول قاتناش ئەھۋالى ناھايىتى قىستاڭ، چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشى ئېلىپ كەلگەن قاتناش كرىزىسىغا قارىتا، برازىلىيە فېدېراتسىيە تاشيول قاتناش ساقچى ئىدارىسى كۆپلىگەن گۇرۇپپىلارنى تەسىس قىلىپ مەخسۇس چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ قاتناش ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلدى، دەپ تەكىتلىگەن. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بەختكە قارىشى ۋەقەگە ئۇچرىغان چەتئەللىك ساياھەتچىلەر ئىچىدە، ئىككى نەپەر ئارگېنتىنادىن كەلگەن مۇخبىرمۇ ئىككى قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان. بۇنىڭدىن سىرت، برازىلىيە فېدېراتسىيە تاشيول قاتناش ساقچى ئىدارىسى يەنە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى مەزگىلىدىكى قاتناش ۋەقەسىنى ئۆتكەن يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا %20 تۆۋەنلىدى دەپ ئاشكارىلىغان، ئۆتكەن يىلى مۇشۇ مەزگىلدە برازىلىيە بىرلەشمە لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرغان.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق