باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
40 مىڭ جۈپ ئەر-ئايالنى ئۇتۇقلۇق تېپىشتۇرغان «دەرىجىدىن تاشقىرى ياخشى ئەلچى»
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نۇزىگۈل ئىمىر | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-18 16:24:15

 

دانىيېل ۋوللېر ئىسىملىك 30 ياشلىق بۇ ئەنگىلىيەلىك «دەرىجىدىن تاشقىرى ياخشى ئەلچى» جەمئىي 40 مىڭ جۈپ ئەر-ئايالنى ئۇتۇقلۇق تېپىشتۇرغان.ئۇنداقتا، ئۇزاق مۇددەتلىك ھەقىقىي مۇھەببەت ئىزدەشنىڭ سىرى زادى نېمە؟ ۋوللېرنىڭ دىيىشىچە، يېڭىچە شەيئىلەرنى سىناپ كۆرۈش ۋە ئەركىن پىسخىكىلىق ھالەت بىلەن رومانتېكىلىققا يۈزلىنىش بولسا ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى سىرى ئىكەن. ۋوللېر ئۆز كۆز قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «مېنىڭچە ئەڭ چوڭ خاتالىق شۇكى، ئەمەلىي ھەرىكەت قوللانماي، ھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ ئۆزىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈش. تەقدىرنىڭ رومانتېكىلىقىغا ئىشەنسەك بولىدۇ، بىراق ئاكتىپ ھەرىكەت بىلەن ھەقىقىي مۇھەببەت ئىزدىمەسلىكنىڭ ئۆزى بىرخىل خاتالىق».

ئەكسىچە، مەيلى قاۋاقخانا، دەرسخانا ياكى توردا بولسۇن ئۇ سىرتقا چىقىپ، يېڭىچە ئۇسۇل بىلەن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بىلەن تونۇشۇش كېرەك دەپ قارىغان. ۋوللېر يەنە مۇنداق دېگەن: «ئەركىن پىسخىكىلىق ھالەت بىلەن ھەرخىل مۇمكىنچىلىكلەرنى كۈتۈۋېلىشنىڭ سىزنى قەيەرلەرگە باشلاپ ئاپىرىدىغانلىقىنى بىلمەيسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر مەيلى بايىلا مەغلۇپ بولغان ئۇچرىشىشنى بېشىدىن كەچۈرگەن بولسۇن، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە تېخىمۇ ئاكتىپ بولىشى كېرەك».

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق