باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
ئاشىق- مەشۇقلار قول تۇتۇشۇپ، كېلىۋاتقان پويىزغا ئۆزىنى ئاتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نۇزىگۈل ئىمىر | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-21 12:59:38

 

ئەنگلىيە «مەركىزىي شەھەر گېزىتى» نىڭ 19- ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،18- ئاۋغۇست، بىر جۇپ ياش ئاشىق- مەشۇق قول تۇتۇشۇپ تۆمۈر يولغا كىرگەن، ئۇلار ئۇدۇل كېلىۋاتقان پويىزدىن قىلچە قورقۇپ قالمىغان، چۈنكى ئۇلار مەدەنىيەت پەرقى تۈپەيلىدىن بىر- بىرى بىلەن مەڭگۈ بىرگە بولالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئاخىرىدا ھاياتىنى تەڭلا ئاخىرلاشتۇرغان. ئىگىلىنىشچە، 15 ياشلىق قىز ۋە 18 ياشلىق  يىگىت ئۇدۇل كېلىۋاتقان بىر پويىزغا سوقۇلۇپ قازا قىلغان. بۇ ئىككىسى خېرتزۋورد ئىنىستىتۇتىدا تونۇشقان بولۇپ، كېيىن مۇھەببەت دەرياسىغا غەرق بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا  قىزنىڭ يەنە بۇرۇقتۇرمىلىق كېسىلى بار ئىكەن.

ئىگىلىنىشچە، ئۇلار ئۆلۈۋېلىشتىن ئىلگىرى، يىگىت بىر دوستىغا ئۇچۇر يوللاپ: «بىز بۇ ئۆمرىمىزدە مەڭگۈ بىرگە بولالمىغۇدەكمىز» دېگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە كارلېي بىلەن بىللە كۆۋرۈكتە كۈلۈمسىرەپ تۇرغان سۈرەتنى ئەۋەتكەن. ئاخىرىدا، سوتچى يىگىتنىڭ ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشى تۈپەيلىدىن بۇ ئىككى ئاشىق- مەشۇق ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىدى، شۇ سەۋەبتىن بۇ بەختى قارا بىر جۇپ ئاشىق- مەشۇق بۇ دۇنيادىن خوشلاشقان، دەپ يەكۈن چىقاردى. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇنداق مەسئۇلىيەتسىز قىلمىشىدا ئۇلارنىڭ باشقىلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە سەل قارالدى. مەسىلەن، ئازابلانغان ئاتا- ئانا، دوستلار، يەنە بىچارە پويىز شوپۇرى.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق