باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
چەت ئەللەرنىڭ ئۆزگىچە ئەسكەر قوبۇل قىلىش ئۇسۇللىرى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نۇزىگۈل ئىمىر | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-21 12:28:18

 

گېرمانىيە: ئەينى چاغدا ياۋروپادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت دەپ سانالغان گېرمانىيەدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نۇپۇسنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ، ئەسكەر بولىدىغانلارنىڭ سانىمۇ كۆرۈنەرلىك ئازايغان. شۇڭا گېرمانىيەدە ياشلارنى ئەسكەرلىككە كىرىشكە قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئورسۇلا ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقىپ «سودىلاشقان»، يەنى ئەسكەر قوبۇل قىلىشقا 130 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجراتقان. ئەسكەر قوبۇل قىلىش قوللانمىسىنى ئائىلە سايمانلىرىنىڭ قوللانمىسىغا ئوخشاش لايىھەلەتكۈزگەن. قوللانمىغا مەشىق زالى ۋە ياتاق ئىچىدىكى يېڭى سايمانلار ۋە چىراغلارنىڭ سۈرەتلىرى ھەمدە بالا-چاقىسى بار ئوڧتسېر-ئەسكەرلەرگە ئېتبار بېرىلىدۇ. دېگەندەك مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن.

رۇسىيە. نۆۋەتتە ئىلگىرىكى كۈچتۈڭگۈر رۇسىيەلىكلەر بارغانسېرى ئورۇقلاپ كەتكەن. ھەتتا بىر قىسىم ياشلار ئەسكەر قوبۇل قىلىشتىكى بەدەن ئېغىرلىق ئۆلچىمىگە يەتمەيدىغان ئەھۋاللار كۆپەيگەن. شۇڭا رۇسىيە ھەربىي تەرەپ مەخسۇس سەمىرىتىش مەركەزلىرىنى تەسىس قىلىپ، يېڭى ئەسكەرلەرگە ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى كەڭ-كۇشادە يېيىشنى تەشەببۇس قىلغان. بۇنىڭ بىلەن رۇسىيەدىكى ئانىلار ئەسكەرلىككە بارغان بالىلىرىغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن ئەنسىرىمەيدىغان بولغان. بۇنىڭدىن سىرت، رۇسىيە يەنە ئەسكەرلىككە قاتنىشىدىغانلارنى «سەتەڭلەر ھىيلىسى» ئارقىلىق قىزىقتۇرغان. مەسىلەن، گازارمىدا گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسى ۋە كېلىشكەن يىگىتلەرنى تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنى ئارمىيەنىڭ ئوبراز ۋەكىلى قىلغان.

ئامېرىكا. ئامېرىكا ئارمىيەسى ئەسكەر قوبۇل قىلىشتا يۇمشاق ۋە قاتتىق ۋاستىلەرنى قوللانغان. يەنى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ، ھەر يىلى ئەسكەر قوبۇل قىلىش تەشۋىقاتى ئۈچۈنلا 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجراتقان، ھەر يىلى ئەسكەرلىك يېشىغا توشۇشقا ئاز قالغان ياشلارغا پوچتا ئارقىلىق تەشۋىقات ماتېرىيالى ۋە ژورناللارنى ئەۋەتكەن ھەمدە پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان. مەلۇم تاراتقۇدا قوراللىق قىسىمدىكى ئەسكەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ بىۋاستە ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى ھەرخىل ھۆسۈن تۈزەش ئوپراتىسىيەسىنى ھەقسىز قىلدۇرالايدۇ، دەپ ئېلان بېرىلگەن. بۇنىڭدىن سىرت، ئەسكەرلىككە قاتناشقانلارغا بىر قېتىمدىلا 40 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مۇكاپات بېرىش، زاپاس مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرگە 20 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بېرىش بەلگىلەنگەن. ئەسكەرلىكتىن چېكىنگەنلەرگە ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ياردەم پۇلى ۋە مائارىپ تولۇقلىىسى تارقىتىلدىكەن، شۇنداقلا تەربىيەلىنىش، خىزمەت ئىزدەش جەھەتلەردە ئېتبارغا ئېرىشەلەيدىكەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق