باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
ئەنگىلىيىلىك ئەر قىز دوستىنىڭ گۈزەل رۇخسارىنى بۇزۇۋەتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-05 17:49:54

18 ياشلىق ئەنگىلىيىلىك چىرايلىق قىز-ساتېل.ۋود ناچار ئەرگە ئۇچراپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى باشقىلارنىڭ قىز دوستىنىڭ گۈزەل رۇخسارىغا تەمە قىلىشىدىن ساقلىنىش شۇنداقلا ھەسەت ۋە گۇمانخورلۇق تۈپەيلى ئۇنىڭ ئۈستۈنكى كالپۇكىنى چىشلەپ ۋودنىڭ چىرايىنى بۇزۇۋەتكەن.ئەنگىلىيە نىيۇكاستېل جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارى : ۋودنىڭ ئوغۇل دوستى قىز دوستىنى باشقىلاردىن قىزغىنىپ ھەسەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىزمىتى بىلەن قىز دوستىنىڭ خىزمەت ئورنى ئايرىم بولغانلىقى ئۈچۈن قىز دوستىدىن ئەنسىرەپ، باشقا ئەرلەرنىڭ ئۆزىنىڭ قىز دوستىنىڭ گۈزەل رۇخسارىنى تەمە قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ۋودنىڭ رۇخسارىنى بۇزۇۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن دېدى.

ۋود بىلەن ئوغۇل دوستى كالى ئىككىسىنىڭ مۇھەببەتلىشىۋاتقىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشقان بولۇپ، سوتتا كالى قىز دوستىنىڭ رۇخسارىنى قەستەن بۇزۇۋەتمىگەنلىكىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالغان، لېكىن سوت ئاخىرىدا يەنىلا ئۇنىڭغا جىنايىتى بار دەپ ھۆكۈم چىقارغان.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق