باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
زەھەرلىك يىلاننىڭ زەھىرىنى قۇرۇق قول ئالالايدىغان ئامېرىكىلىق ئەر
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-05 18:00:53

ئامېرىكىلىق 55 ياشلىق جىم خاررىسون ‹ پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ خەتەرلىك خىزمەت› بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىنىڭ كېنتاكىي شىتاتىدىكى ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار باغچىسىدا ھايۋانات باققۇچىلىق خىزمىتىنى ئىشلەپلا قالماستىن بەلكى يەنە قۇرۇق قول ھالدا ھەپتىسىگە مىڭ قېتىمدىن زەھەرلىك يىلانلارنىڭ زەھىرىنى ئالىدىكەن. ئىلگىرى خاررىسون زەھەرلىك يىلانلار تەرىپىدىن سەككىز قېتىم چىشلىۋېلىنغان بولۇپ، ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغىلى قىل قالغانىكەن.

خاررىسون كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا يىلانلارغا قىزىقىپ قالغان بولۇپ، ئۇ ئالتە ياش ۋاقتىدىلا 1-تال يىلاننى تۇتۇۋالغان، 17 ياش ۋاقتىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىنلا زەھەرلىك يىلان تۇتۇش ۋە ئۇنىڭ زەھىرىنى ئېلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ جان بېقىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ 37 ياشقا كىرگەن ئايالى كىرىستىئانمۇ ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارغا قىزىقىدىغان بولۇپ، ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ ئامېرىكا ھەتتا پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ زەھەرلىك يىلان باغچىسى بار ئىكەن، ئۇلار ھەر كۈنى قۇرۇق قول ھالدا نەچچە يۈز تال يىلاننى تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكى زەھەرلىك سۇيۇقلۇقنى بىر قۇتىغا يىغىدىكەن. بۇ زەھەرلىك يىلانلارنىڭ ھەر بىر تېلىنى ئادەتتە نەچچە مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ساتقىلى بولىدىغان بولۇپ، بۇ زەھەرلىك يىلانلار ئاساسلىقى بىئولوگىيىلىك تەتقىقاتلارغا ئىشلىتىلىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئالىي مەكتەپلەر ۋە دورا ياساش شىركەتلىرىمۇ بۇ خىل زەھەرلىك يىلانلارنى سېتىۋالىدىكەن. خاررىسون ئىلگىرى سەككىز قېتىم زەھەرلىك يىلان تەرىپىدىن چېقىۋېلىنغان بولۇپ، بىر قېتىم دوختۇرخانىدا تۆت ھەپتە تۇرۇپ ئوپراتسىيە قىلىنغاندىن كېيىن ناھايىتى تەستە ھاياتىنى ساقلاپ قالغان. خاررىسوننىڭ قولىنىڭ ھەممە يېرى دېگۈدەك يارا بولۇپ كەتكەن بولۇپ، لېكىن ئۇ : مەن بۇنىڭدىن ئاغرىنمايمەن، بۇنداق قىلىش ئەرزىيدۇ، چۈنكى مەن يىلانلارنىڭ زەھەرلىك سۇيۇقلۇقىنى ئېلىپ تېخىمۇ كۆپلىگەن بىمارلارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالالايمەن دېگەن.

خاررىسون:‹ بىزنىڭ بۇ يەردە 2000 تالدىن ئارتۇق زەھەرلىك يىلان بار، ئادەتتە ھەر ھەپتىدە 600 قېتىمدىن 1000 قېتىمغىچە زەھەرلىك يىلاننىڭ زەھەر سۇيۇقلۇقىنى ئالىمىز، پەقەت مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلىگەندىلا، بۇ يىلانلار ئادەمگە ئۇنچىلىك قورقۇنچلۇق ۋەھىمە بېرەلمەيدۇ› دېدى.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق