باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
تايلاند كوچىلىرىدىكى موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان تۆگىقۇش
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-05 18:04:03

يېقىندا، توردا 25 سېكونتلۇق بىر قىزىقارلىق سىن لېنتىسى تارقالغان. سىندا كۆرسىتىلىشىچە، بىر چوڭ تۆگە قۇش بېشىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مەيدىسىنى كېرىپ، چوڭ قەدەملەر بىلەن تايلاند كوچىلىرىدىكى ماشىنىلار ئارىسىدا مېڭىپ يۈرگەن، تۆگە قۇشنىڭ سۈرئىتى ھەتتا بىر موتسىكلىتتىن تېز بولۇپ، ھېچقانداق قاتناش چىرىقىغا پەرۋا قىلماي يولدا كېتىۋەرگەن. يول قاتنىشى بىر قەدەر مۇرەككەپ چوڭ كوچىدىمۇ بىخەتەرلىككە قىلچە دىققەت قىلماي مېڭىۋەرگەن. بىراق، يولدىكى كۆپ ساندىكى شوپۇرلار ۋە پىيادە كېتىۋاتقان كىشىلەر ئۆزلىرى بىلەن سۈركىشىپ، چوڭ قەدەم تاشلاپ كېتىۋاتقان بۇ چوڭ قۇشتىن قىلچىمۇ غەلىتىلىك ھېس قىلمىغان، بۇ تۆگە قۇش ھەتتا شۇ يولدا كېتىۋاتقان بىر موتسىكلىتنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتسىمۇ كىشىلەر قىلچىمۇ قىزىقسىنمىغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ سىننى ئەينى ۋاقىتتا نەق مەيداندا بار بىر شوپۇر كامېراغا ئېلىۋالغان. ئافرىقىدىن كەلگەن بۇ خىل تۆگە قۇشنىڭ تېنى چوڭ بولۇپ بوينى ناھايىتى ئۇزۇن، پۇتلىرىمۇ ئۇزۇن، ئۇچالمايدۇ. بۇ تۆگە قۇشنىڭ بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالغانلىقى بىر سىر. «باڭكوك خەۋەرلىرى» ناملىق بىر ئاخبارات پونكىتى مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالغانلىقىنىمۇ ھېچكىم بىلمەيدۇ».

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق