باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
بەتبۇي ئەتىر چېچىۋالغان ئەر ئايروپىلاندىن مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-05 18:07:30

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فىرانسىيەلىك 27 ياشلىق ئەر مەھدى يېقىندا ئامېرىكىغا بارماقچى بولۇپ، ئايروپورتتىكى باج كەچۈرۈم قىلىنغان بىر دۇكاندىن «Dior» ماركىلىق ئەتىرنى سېتىۋېلىپ، ئايروپىلانغا چىقىشتىن ئىلگىرى چېچىۋالغان. بىراق ئۇ ئايروپىلانغا چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئايروپىلاندىن مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىلگەن. ئەسلىدە ئايروپىلاندىكى يولۇچىلار مەھدى چېچىۋالغان ئەتىرنىڭ پۇرىقىدىن سەسكىنىپ كەتكەچكە، ئايروپىلان خادىمىغا بۇ بەتبوي پۇراققا چېدىيالمىغانلىقىنى ئېيتىپ، مەھدىنى ئايروپىلاندىن چۈشۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلغان. كېيىن ساقچىلار مەھدىنى ئايروپىلان قوزغىلىشتىن ئىلگىرى مەجبۇرىي چۈشۈرۋەتكەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق