باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
خەقنىڭ ئۆيىگە ئوغرىلىققا چۈشۈپ ئۇخلاپ قالغان ئوغرى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-12 16:38:48

ئامېرىكا فلورىدا شىتاتىدىكى ساقچىلار يېقىندا بىر جىنايەتچىنى تۇتۇۋالدى، بۇ جىنايەتچى بەلكىم پۈتكۈل دۇنيا بويىچە ئۇيقۇغا ئەڭ ئامراق ئوغرى بولسا كېرەك.ساقچى تەرەپ مۇنداق دېگەن، ساقچىلار دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، داڭلىق ئوغرى ۋېڭ داۋىسنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۆيىدىكى كارۋاتتا تاتلىق ئۇخلاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن، ئۇنىڭ يېنىدا يەنە تېخى ئوغرىلاپ كەلگەن بىر خالتا ئۈنچە مەرۋايىتمۇ بار ئىكەن. ئۇيقۇغا ئامراق بۇ ئوغرى ساقچىلارنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن قىلچىمۇ خەۋەرسىز بولۇپ، ساقچىلار ئۇنى نۇرغۇن سۈرەتكە تارتقاندىن كېيىنمۇ بۇ ئوغرى يەنىلا داۋاملىق ئۇخلاۋەرگەن. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى، ئامېرىكا ساقچى تەرەپ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر تازىلىقچى ئايال زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۆيىدىكى كارۋاتتا 29 ياشلىق ئوغرى داۋىسنى بايقىغان ھەمدە شۇ ھامان ساقچىلارغا دېلو مەلۇم قىلغان. ساقچى تەرەپ مۇنداق دېدى، ئۇلار نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، قاتتىق ئۇخلاۋاتقان داۋىسنى سۈرەتكە تارتقان. شۇنچىۋالا چوڭ تاراق تۇرۇق ئاۋازمۇ ئۇيقۇغا ئامراق بۇ ئوغرىنى ئويغىتالمىغان. داۋىس ھازىر ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، ئۇنى كېپىللىككە قويۇپ بېرىش پۇلى ئون مىڭ دوللار.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق