باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
فرانسىيەدە 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدا قېپقالغان بىر بومبا پارتلاپ كەتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-12 16:41:03

چەتئەل تاراتقۇلىرى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر توپ ساياھەتچى فرانسىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى بىر كىچىك ئارال يەنى گروكىس ئارىلىدىكى بىر ساھىلدا دالىدا تۈنەۋاتقان ۋاقتىدا، دېڭىز دولقۇنى تەرىپىدىن قىرغاققا چىقىرىۋېتىلگەن، 2 – دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە پارتىلىماي قېپقالغان بىر بومبا تۇيۇقسىز پارتلاپ كەتكەن، 26 ياشلىق بىر ئەر تاتلىق ئۇيقۇدىلا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان، يەنە بىر كىشى ئېغىر يارىلانغان، قالغان ساياھەتچىلەر بولسا قاتتىق قورقۇپ چۆچۈپ كەتكەن. خەۋەرگە قارىغاندا، ئۆلگۈچى توققۇز دوستى بىلەن بىرلىكتە مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل بولغان گروكىسقا دەم ئېلىش ئۈچۈن كەلگەن، كەچتە ئۇلار شۇ يەردە گۈلخان يېقىپ ئاندىن ئۇخلاپ قېلىشقان. تاڭ سۈزۈلەي دېگەندە شۇ ئەتراپتا بىر بومبا تۇيۇقسىزلا پارتىلاپ كەتكەن، 26 ياشلىق بىر ساياھەتچى نەق مەيداندىلا ئۆلۈپ قالغان، يەنە بىر ئەر بولسا ئېغىر يارىلانغان بولۇپ، تىك ئۇچار بىلەن شۇ ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ قۇتقۇزۇلغان، قالغانلار بولسا كۆز ئالدىدىكى بۇ ئېچنىشلىق مەنزىرىدىن قاتتىق چۆچۈپ كېتىپ، ئاغزىنى ئېچىشىپ تۇرۇپلا قالغان.

ساقچى تەرەپ كېيىن بۇ ساھىلنى قامال قىلغان. دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ بومبا چوقۇم 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن قالغان بومبا بولۇپ، دېڭىز دولقۇنى ئۇنى قىرغاققا يەنى ھېلىقى ساياھەتچىلەر تۇرۇۋاتقان يەرگە چىقىرىپ قويغان، بۇ بومبا ساياھەتچىلەر ياققان گۈلخان بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن پارتلاپ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقە يۈز بەرگەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق