باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
مەكتەپتە ئوق چىقىرىپ تۇتۇلۇپ قالغان قاتىل تۈرمىدىن قېچىپ كەتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-12 17:25:05

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئوخايۇ شىتاتلىق ساقچى تەرەپ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2012 – يىل ئۈچ ساۋاقدىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، ئۆمۈرلۈك قاماققا بۇيرۇلغان، مەكتەپ ھويلىسىدىكى قاتىل ريان تۈرمىدىن قېچىپ كەتكەن. ھازىر ساقچى تەرەپ ئۇنى ئىزدەۋاتىدۇ. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 19 ياشلىق راين يەنە باشقا ئىككى مەھبۇس بىلەن بىرگە قاچقان. ھازىر ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەن تۇتۇلدى. لىما شەھىرىدىكى ساقچى باشلىقى گېرلىن مۇنداق دېدى، ھېلىھەم قېچىپ يۈرگەن بۇ ئىككى مەھبۇس بەك خەتەرلىك، بىراق ساقچى تەرەپ ئۇلاردا قورال بار دەپ قارىمايدىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ساقچى تەرەپ قېچىپ يۈرگەن يەنە بىر كىشىنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلىغان، بۇ كىشى 45 ياشلار چامىسىدىكى ئەر مەھبۇس بولۇپ، بۇلاڭچىلىق، ئۆيگە كىرىپ ئوغرىلىق قىلىش ۋە تۇتقۇن قىلىش قاتارلىق جىنايەت بىلەن تۈرمىگە قامالغان ئىكەن. ئۇلارنىڭ تۈرمىدىن قانداق قاچقانلىقى ھازىرچە ساقچى تەرەپكە ئانچە ئېنىق ئەمەس. 2012–يىل 2–ئايدا، ئوخايو شىتاتى كلىۋلەن ئەتراپىدىكى چارلتون تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە قوراللىق ئوق چىقىرىش دېلوسى يۈز بەرگەن ئىدى، ريان مەكتەپ ئاشخانىسىدا ئوق چىقىرىپ، ساۋاقداشلىرىنى ئاتتى، ئاخىرىدا ئۈچ كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 2013 – يىل، ريان جىنايىتىنى تونۇپ، ئۆمۈرلۈك قاماققا مەھكۇم قىلىنغان ئىدى.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق