باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
ئايرودورومدا ياۋايى ھايۋانلارنى توشۇشنى ھاۋالە قىلغان ئەر جىنايى جازاغا ھۆكۈم قىلىندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-12 17:32:17

بىر قانچە كۈن بۇرۇن، كوستارىكا خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيەلىك بىر ئەر پايتەخت سان خوسېيدىكى خۇئان-سانتامارىيا خەلقئارا ئايرودرومىدا نەچچە يۈز پاقا ۋە يىلاننى توشۇشنى ھاۋالە قىلغانلىقتىن قولغا ئېلىنغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، گېرمانىيەلىك بۇ ئەرنىڭ ئىسمى ماشېل بولۇپ، بۇ يىل 31 ياشقا كىرگەن، كوستارىكا پايتەختى سان خوسې شەھەر ئەتراپى رايونىدا تۇرىدىكەن. شۇ كۈنى، ئۇ خۇئان-سانتامارىيا خەلقئارا ئايرودرومىدىن پاناماغا بارماقچى بولۇپ، يۈك-تاقىنى توشۇشنى ھاۋالە قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىۋاتقاندا، خىزمەتچى-خادىملار ئۇنىڭ يۈك-تاقا ساندۇقىنىڭ ئىچىدە گۇمانلىق بويۇمنىڭ بارلىقىنى بايقىغان، ھەمدە ئېچىپ قارايدىغان بولسا 100 دانە پاقا، 50 دانە يىلان ۋە 20 دانە كەسلەنچۈك چىققان. بۇ ھايۋاناتلار چوڭ-كىچىك تاماق قاچىلىرى ۋە سۇلياۋ خالتىغا سېلىنغان بولۇپ، ئىچىدە يەنە ئۇلارنىڭ يىيىش ئۈچۈن خام كۆكتاتلار قويۇلغان ئىكەن. كوستارىكا ياۋايى ھايۋاناتلارنى قوغداش قانۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مەزكۇر دۆلەت تەۋەلىكىدىن قوغدىلىدىغان ھايۋاناتلارنىڭ ئېلىپ چىققۇچىلار چوقۇم ئالاقىدار تەستىقتىن ئۆتۈشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. بىراق بۇ ئەر ئالاقىدار بولغان كىنىشكىلەر بىلەن تەمىنلەپ بېرەلمىگەنلىكتىن، قولغا ئېلىنغان. نۆۋەتتە، يەرلىك سوت مەزكۇر دېلونى قوبۇللىغان، قولغا ئېلىنغۇچى بولسا ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق