باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
ئاپىسىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرمەكچى بولغان قىز
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى |تەھرىر:پەزىلەت ئارسلان | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-26 12:17:22

 

 

ئەنگلىيە ‹‹ شەھەر كۈندىلىك گېزىتى ›› نىڭ 22-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە تۇرۇشلۇق 37 ياشلىق تەكشىلىك لايىھەلىگۈچىسى كۇنتال پاتېر ئامېرىكا تېلېۋىزىيە فىلىمى ‹‹ جان ئالغۇچى زەھەر ئۇستىسى›› دىكى كۆرۈنۈشنى دوراپ ئاپىسىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرمەكچى بولغان.

ئىگىلىنىشىچە، كۇنتالنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى بىلەن توي قىلىشىغا قارشى چىققانلىقى سەۋەبىدىن، كۇنتال ئاپىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىش نىيىتىگە كەلگەن. ئۇ ‹‹ جان ئالغۇچى زەھەر ئۇستىسى›› دىكى كۆرۈنۈشنى دوراپ ، ئابرىن ئارلاشتۇرۇلغان كوكا-كولانى تەييارلاپ، ئاپىسىغا ئىچكۈزگەن. بەختكە يارىشا، ئاپىسى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇۋېلىنپ، ھايات قالغان .

كۇنتال قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ‹‹ جان ئالغۇچى زەھەر ئۇستىسى›› دىكى ۋەقەلىكتىن ئىلھام ئېلىپ، ئابرىندىن ئىبارەت زەھەرلىك ماددىنى تونۇپ، ئامېرىكا تور بېكىتىدىكى قارا بازاردىن بۇ خىل زەھەرنى سېتىۋالغانلىقىنى ئىقرار قىلغان.

 

كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق