باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
رۇسىيە تاراتقۇلىرى «گىتلېر خانقىزى» باھالاپ، ئاممىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-10-22 09:08:16

 

«2014–يىللىق گېتلىر خانقىزى» گۈزەللەرنى تاللاش پائالىيىتىگە قاتناشقۇچىلار

مېكسىكا «ئازتېك خەۋەرلىرى» رادىيو ئىستانسىسىنىڭ 20– ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا، رۇسىيە ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتى VKontakteتا ئۆتكۈزۈلگەن «2014 – يىللىق گىتلېر خانقىزى» گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسى تورداشلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان.

بۇ مۇسابىقىنى بىر يېڭى ناتسىستلار گۇرۇھى ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتى VKontakteتا قوزغىغان. ئۇلارنىڭ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتى ناتسىستلارنى ھىمايە قىلىدىغان، يەھۇدىيلارغا ئۆچ گۈزەل ئاياللارنى ئىزدەش ئىكەن. مۇسابىقە تەلىپى بولسا مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى ئۆزىنىڭ بىر پارچە سۈرىتىنى تورغا چىقىرىپ، سۈرەت ئاستىغا ئۆزىنىڭ ناتسىستچە خىتابنامىسىنى يېزىپ قالدۇرۇپ، گىتلېرغا ۋە گېرمانىيە 3 – ئىمپېرىيىسىگە بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرىدىكەن. تور ئابونىتلىرى ئۇلارغا بېلەت تاشلايدىكەن، ئېرىشكەن ئاۋاز سانى ئەڭ كۆپ بولغان ماھىر چېمپىيون بولۇپ باھالىنىپ چىقىدىكەن، ئۇلارغا بېرىلىدىغان مۇكاپات بۇيۇمى بولسا بىر تال ئۈنچە مەرۋايىت بېزىكى ئىكەن.

«ئازتېك خەۋەرلىرى» رادىئو ئىستانسىسى ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن، ھازىر، 14 نەپەر ئايال بۇ قېتىمقى گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، ئۇلار رۇسىيە ۋە شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىدىن كەلگەن.

«2014 – يىللىق گىتلېر خانقىزى» گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ئاممىۋى باش تور بېكىتىدە، ئالدىنقى رەتتە تۇرۇدىغان، شۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان بىر ئايال ئۆزىنىڭ سۈرىتى ئاستىغا مۇنداق سۆز قالدۇرغان: «مىللەتنىڭ پەرقى تاشقى كۆرۈنۈشىدىنلا ئەمەس بەلكى يەنە ئۇنىڭ ئەقىل ئىدراكدىمۇ گەۋدىلىنىدۇ». مۇشۇنداق ناتسىست پۇرىقى كۈچلۈك بولغان گەپلەر بىر قىسىم تورداشلارنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان.

بۇ گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسى تۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكەتلىرىدە تورداشلارنىڭ غۇلغۇلا قىلىشىنى قوزغىغان. «ئاندرۇ گىروس» ئىسىملىك بىر تورداش مۇنداق دېگەن: «گىتلېر خانقىزى گۈزەللەرنى تاللاش پائالىيىتى بىر ئاگاھلاندۇرۇش، بۇ پائالىيەت بىزگە ھازىرقى جەمئىيەتتىمۇ يەھۇدىيلارغا قارشى ئىدىيەنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ بېرىدۇ، بىز بۇ خىل ئىشلارغا قارشىلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك». «مىلىيام ستوك» ئىسىملىك بىر تورداش مۇنداق دېدى: «بۇ نېمە دېگەن سەتچىلىك، نەدىمۇ مۇشۇنداق مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرغان بار؟». «دىموس جونېس» ئىسىملىك بىر تورداش مۇنداق دېگەن: «مۇشۇنداق مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئادەملەرمۇ باركىنە؟ بۇ ئېنىقلا يېڭى ناتسىسىزمغۇ!».

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق