باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
ئاياللارنى ئىختىيارسىز مايىل قىلىدىغان ئەرلىك سالاپەت
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-10-27 19:03:06

 

1.بىلىنەر-بىلىنمەس تەر پۇرىقى. ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئىشاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئادەم تېنى فىزىيولوگىيەسى تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەرلەرنىڭ تەر پۇرىقى ئاياللارنىڭ كەيپىياتىنى ياخشىلايدىكەن. تەتقىقاتچىلار بىر قىسىم ئەرلەرنىڭ تەر پۇرىقىدىن ئەۋرىشكە ئالغاندىن كېيىن، ئۇنى 25 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان 18 ئايالغا پۇراتقان. نەتىجىدە ئۇ پۇراق ئاياللارنىڭ كەيپىياتىنى ياخشىلاپ، راھەت ھېس قىلدۇرغان.

ئاياللار ئەرلەرنىڭ بەدىنىدىكى سېسىق پۇراقنى ھەرگىزمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ، شۇنداقلا بەك پۇراقلىق ئەتىر چېچىۋالىدىغانلارنىمۇ شۇنداق. ئۇلارنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنى پاكىز، رەتلىك كىيىنگەن، تېنىدىن بىلىنەر-بىلىنمەس تەر پۇرىقى كېلىپ تۇرىدىغان ئەرلەردۇر، ئەمما پۇراق زىيادە كۈچلۈك بولسا، ئۇلارنى بىزار قىلىپ قويىدۇ.

2. ئېغىر-بېسىقلىق. ئاستا سۆزلەيدىغان، جىددىيلەشمەيدىغان، يەتتە ئۆلچەپ، بىر كېسىدىغان ئەرلەر ئاياللار ياخشى كۆرىدىغان ئەرلەر تىپى. ئوتتۇرا مەكتەپ قىزلارنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغنا ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق مىجەزلىكلەردۇر. ئۇلار بىپەرۋا، ئۆزىنى كۆرسىتىدىغانلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ، قىزلار بۇنداق ئوغۇللارغا ئىختىياسىزلا مەپتۇن بولۇپ قالىدۇ. لېكىن بۇنداق ئەرلەر تويدىن كېيىن ئاۋارىچىلىكتىن قورقىدۇ، ئۆي ئىشلىرىنى پۈتۈنلەي خوتۇنىغا تاشلاپ قويىدۇ، كىچىك بالىغا ئوخشاش قىلىق چىقىرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. خىزمەت، كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم شەخسىي قىزىقشلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇ خۇددى بىر مېيىپ ئادەمگە ئايلىنىدۇ.

3.ئىسكەتسىز. بەزى ئەرلەرنىڭ چىرايى ئادەتتىكىچە، لېكىن ئىنتايىن كېلىشكەن كۆرۈنىدۇ، ئەزەلدىن كۈلمەيدۇ: ھەر قانچە غىدىقلىنىدىغان ئىشلار يۈز بەرسىمۇ، چىرايىدىن كۈلكىنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ، ئاياللار بۇنداق ئەرلەرگە قىزىقىدۇ، ئۇلارنىڭ سەل ياۋۇزراق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

4. باتۇرلۇق. ھازىرقى زاماندا تارىختا ئۆتكەن باتۇرلاردەك ئەرلەر، فىلىملەردىكىدەك پالۋانلار ئاز ھەم يوق دېيەرلىك بولسىمۇ، لېكىن ئاياللار ھازىرقى ئەرلەرنىڭ غۇرۇرلۇق بولۇشىنى مۇھىم بىر تەرەپ، دەپ قارايدۇ.

5. خىزمەت تەلۋىسى. بۇنداق ئەرلەرنى ئاياللارنىڭ ھەممىسى ياخشى كۆرىدۇ، كەسىپچانلىقى كۈچلۈك بولۇش ئىقتىسادىي كىرىمنىڭ ياخشى بولۇشى، كەڭرى ئۆي، ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل، راھەت تۇرمۇشتىن دېرەك بېرىدۇ. لېكىن خاتالاشمىساق، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەركەكلىكى يېتەرلىك بولغان ئەرلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، پەقەت قوشۇمچە نەرسىلەر ھېسابلىنىدۇ.

6.ھاكاۋۇر. بەزى ئاياللار ئەرلەرنىڭ نەزىرى ئۈستۈن، ھاكاۋۇرراق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇنداق ئەرلەر سالاپەتلىك كۆرۈنىدۇ. بەزىدە ھەر قانچە ئاچكۆز ئاياللارمۇ مال-دۇنيا ئۈچۈن ئەرگە تەگمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ياقتۇرىدىغان نۇقتىسىدىن چىقالىسىڭىزلا، سىزنى بىر ئۆمۈر تۆردە ئولتۇرغۇزۇپ كۈتىدۇ.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق